«بەش ياشلىق تۇغما ئەيدىز بالىدا كۆرۈلگەن مۆجىزە» ئېلانىغا تۈزىتىش
شىنجاڭ ئەلدوست بىيو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى مىسرانىم سالونىدا «بەش ياشلىق تۇغما ئەيدىز بالىدا كۆرۈلگەن مۆجىزە» دېگەن تېمىدا ئېلان بەرگەن ئىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تەكشۈرۈشكە خىزمەتچى خادىم ئورۇنلاشتۇرغان، مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلان قانۇنى» نىڭ 17-ماددىسىدىكى «داۋالاش، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئېلانلاردا كېسەل داۋالاشقا چېتىلىدىغان ياكى سېتىلىدىغان مەھسۇلاتنى دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئاسان ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ» دېگەن مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئېلاننىڭ ئاخىرىدىكى ئەلدوست ھاياتلىق ئوزۇقلۇقىنى چۈشەندۈرۈش قىسمىدا «xxx كېسەللىكلىرى، داۋالايدۇ، يىلتىزىدىن ساقايتىش رولىنى ئوينايدۇ... » دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئىشلىتىش قانۇنغا خىلاپلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئېلاندا بىخەستەلىك سەۋەبىدىن ئېلان سۆزىنى خاتا ئىشلىتىش سەۋەنلىكى كۆرۈلگەن، كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىپ چۈشىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ خاتالىقىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت. ئۇلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشى ۋە كۆرسەتمە بېرىشىنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمىز. مەن «شىنجاڭ ئەلدوست بىيوتېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» گە ۋاكالىتەن دىققەت قىلىپ، بۇنىڭدىن كىيىن دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىنى تولۇق چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىپ، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشقا، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىمەن.

شىنجاڭ ئەلدوسىت بىيو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
قانۇن ۋەكىلى: ياسىنجان كېرەم
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
شىنجاڭ ئەلدوسىت بىيو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تامغىسى
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
كىملىك ئۇچۇرىڭىز باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغانمۇ؟ ئەلداۋادىن جەمئىيەتتىكى ئىشلار : سىز ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلار سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىزدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۈندىداردىكى چىقىم قىلىش ئىقتىدارى
يۈرەك كېسىلى بارمۇ؟ قۇلاق بۇرۇن قولدىكى 3 ئورۇنغا قاراپ بىلىمىز ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى: جۇڭيى تېبابىتىدە: يۈرەك بەدەننىڭ پادىشاھى، ئىچكى ئەزالار، ئۇستىخان دېگەندەك ھەممىسى يۈرەكنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئۇ رەئىس ئە
بىز ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟ شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەت ئوغۇللار ساغلاملىق مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تۇرمۇشىمىزدا، ئە
يېڭى بايقاش: تۆگە سۈتى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ نىجات يۇلتۇزى جۇڭگو ئائىلە گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى : تۆگە سۈتىنى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن
جىسمانىي ھەرىكەت دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىدۇ ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى
