(تۇمشۇق شەھەرلىك 2-تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى تۈزدى)
قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئەر، ئۇيغۇر، 1970-يىلى تۇغۇلغان (46 ياش)، شىنجاڭ مارالبېشى تۇمشۇقتىن، 1993-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990-يىلى 6-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە (2010-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن)، تېببىي پەنلەر دوكتورى، پىروفېسسور، مۇدىر دورىگەر. ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى.

قەيسەر ئابدۇكېرىم 1970-يىلى تۇمشۇق 51-تۈەندە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1982 -يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە مەكتىپىمىزدە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملىغان. 1988-يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس «دورىگەرلىك» كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش جەريانىدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1993-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

1993-يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك ئىنستىتۇتىدا ئىزچىل سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن، قوشۇمچە ئىنستىتۇت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن؛ 1994-يىلى 4-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن؛ 2001-يىلى 5-ئايدىن 2003-يىلى 10-ئايغىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياردەمچىسى بولغان؛ 2003-يىلى 10-ئايدىن 2006-يىلى 4-ئايغىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (بۇ ئارىدا، 2004-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىدا دورىگەرلىك كەسپى ماگىستىر سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2006-يىلى 4-ئايدىن 2007-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تىل-مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 2007-يىلى 1-ئايدىن 2009-يىلى 5-ئايغىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنستىتۇت باشلىقى بولغان؛ 2009-يىلى 5-ئايدىن 2010-يىلى 10-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئىستاتىستىكا ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان (بۇ ئارىدا، 2007-يىلى 9-ئايدىن 2010-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى دورىگەرلىك كەسپى دوكتورلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2010-يىلى 10-ئايدىن 2012-يىلى 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى بولغان (2010-يىلى 9-ئايدىن 2010-يىلى 12-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ياشلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2012-يىلى 5-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2012-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلى 2-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى بولغان؛ 2016-يىلى 2-ئايدىن 2016-يىلى 7-ئايغىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان؛ 2016-يىلى 7-ئايدىن 2016-يىلى 12-ئايغىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان؛ 2016-يىلى 12-ئايدىن 2017-يىلى 4-ئايغىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، ئوبلاستلىق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (قوشۇمچە) بولغان؛ 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
قەيسەر ئابدۇكېرىم يەنە دۇنيا جۇڭيى تېبابەتچىلىكى بىرلەشمىسى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقى، جۇڭيى تېبابەتچىلىكى ئەنئەنىۋىي بىلىملىرىنى قوغداش تەتقىق قىلىش كومىتېتى بىرىنچى نۆۋەتلىك مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقى، جۇڭگو مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزالىقى، شىنجاڭ مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقى قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە. قەيسەر ئابدۇكېرىم ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. قەيسەر ئابدۇكېرىم مەكتىپىمىزدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن پەخىرلىك ئوغلانىمىز!
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
كىملىك ئۇچۇرىڭىز باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغانمۇ؟ ئەلداۋادىن جەمئىيەتتىكى ئىشلار : سىز ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلار سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىزدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۈندىداردىكى چىقىم قىلىش ئىقتىدارى
يۈرەك كېسىلى بارمۇ؟ قۇلاق بۇرۇن قولدىكى 3 ئورۇنغا قاراپ بىلىمىز ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى: جۇڭيى تېبابىتىدە: يۈرەك بەدەننىڭ پادىشاھى، ئىچكى ئەزالار، ئۇستىخان دېگەندەك ھەممىسى يۈرەكنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئۇ رەئىس ئە
بىز ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟ شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەت ئوغۇللار ساغلاملىق مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تۇرمۇشىمىزدا، ئە
يېڭى بايقاش: تۆگە سۈتى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ نىجات يۇلتۇزى جۇڭگو ئائىلە گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى : تۆگە سۈتىنى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن
جىسمانىي ھەرىكەت دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىدۇ ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى
