
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 22-ماي خەۋىرى، ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选 سالونى تەرجىمىسى: مۇخبىرنىڭ غۇلجا ج خ تارماقلىرىدىن ئۇقىشىچە، بىر يىگىت قىز دوستىنىڭ 4-قەۋەتتىكى ياتىقىدىن سەكرىۋالغان، تەلىيىگە ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغان.
2017-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىر قىزنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ قىز تېلېفوندا ئوغۇل دوستىنىڭ بىنادىن سەكرىۋالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ساقچىلار تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، بىر يىگىتنىڭ چىملىقتا تۈگۈلۈپ ياتقانلىقىنى، ئەتراپتا قان ئىزلىرى يوقلۇقىنى، قېشىدا بىر قىزنىڭ نېمە قىلارىنى بىلمەي جىددىيلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھەم دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن ئالاقىلاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، غەيرەت (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قىز دوستى بىلەن ئازراق ئىش تۈپەيلى ئۇدا بىر قانچە كۈن جىدەللىشپ، ئايرىلىپ كەتمەكچى بولۇشقان، 5-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە، غەيرەت قىز دوستىنىڭ ياتىقىغا بېرىپ يارىشىپ قېلىشنى ئېيتقان ھەمدە قىز دوستىنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە سىرتقا چىقىپ ئولتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما قانچە قىلسىمۇ، قىز بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى دەپ ئۇنىمىغان. ئارقىدىن، يىگىت قولىدىكى يانفوننى ياتاقتىكى باشقىلارغا «يانفونۇمنى تۇتۇپ تۇرسىڭىز» دەپ تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇشتۇمتۇتلا ئورنىدىن تۇرغانچە بېرىپ دېرىزىدىن پەسكە سەكرىگەن. تەلىيىگە 4-قەۋەتتىن بىۋاسىتە يەرگە چۈشمەستىن، بىرىنچى قەۋەتتىكى لەمپىگە چۈشۈپ ئاندىن بىنا ئاستىدىكى چىملىققا چۈشكەن، ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغان.
ساقچىلارنىڭ ئەسكەرتمىسى:
مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياش دوستلار كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا ھەرگىز قىزىققانلىق قىلماسلىقى، ھېسسىيات مەسىلىسىگە يولۇققاندا ئالدى بىلەن ئۆزئارا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئوبدان ئويلاپ، ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى قىلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ مۇھەببەت-ھېسسىياتىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنماسلىقى، بولۇپمۇ ئايرىلىپ كەتكەندە چەكتىن ئاشقان قاملاشمىغان ئويلاردا ۋە ئىش-ھەرىكەتتە بولماسلىقى لازىم.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمىز
- كېيىنكىسى : دۇنيادىكى ئەڭ كېلىشكەن شاھزادە كەتتى...
دۇنيادىكى ئەڭ كېلىشكەن شاھزادە كەتتى... پۇلۇم بار، نوپۇزۇم بار، دەپ زىنھار خام خىيال ئەيلىمەڭكى، پۇل-مال، شانۇ-شاۋكەت ھەممىسى ئەجەل ئالدىدا شامالدا قالغان پەي كەبى قەدىرسىزدۇر... دۇنيادىكى ئەڭ كېلىشكەن شاھ
غۇلجىدا بىر يىگىت قىز دوستىدىن ئايرىلىپ بىنادىن سەكرىۋالدى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 22-ماي خەۋىرى، ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选 سالونى تەرجىمىسى: مۇخبىرنىڭ غۇلجا ج خ تارماقلىرىدىن ئۇقىشىچە، بىر يىگىت قىز دوستىنىڭ 4-قەۋەتتىكى يا
باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمىز چېن چۈەنگونىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى گېزىتى
شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش جۇ يۈ خەۋەر قىلىدۇ: شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، تاشقور
262كېلوگرام ئورۇقلىغان ئامېرىكىلىق ئاشىق-مەشۇقلار توي قىلدى 11 ئىنكاس ئامېرىكا نىيۇيورك ئىشتاتىدىكى 32 ياشلىق روننىي بىروۋېر (Ronnie Brower) ۋە 24 ياشلىق ئاندرې مېسېللا (Andre Masella) ئىلگىرى ناھاي
