ئىسىم-فامىلىسى: مۇخبۇل ئابلىز
خىزمەت ئورۇنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى
كەسپىي ئۇنۋانى: دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى، فارما-خىمىيە ئىلمى پىروفېسسورى، دورىگەرلىك Ph.D دوكتورى، دوكتورانت يېتەكچىسى
ئوقۇش تارىخى: دوكتور ئاشتى، فىرانسىيەدە 7 يىل ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان تەتقىقاتچى
تەتقىقات ساھەسى: تەبىئىي دورىلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى ۋە دورىلىق قوللىنىلىشى، راكقا قارشى دورىلار تەتقىقاتى، كومپيۇتېر ياردىمىدە يېڭى دورىلارنى لايىھەلەش ۋە يېڭى دورا تەتقىقاتى.

قىسقىچە تەرجىمىھالى:
مۇخبۇل ئابلىز، ئەر، ئۇيغۇر، 1964-يىلى مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى، فارما خىمىيە پىروفېسسورى، دورىگەرلىك Ph.D دوكتورى، چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان تەتقىقاتچى، دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى، دوكتورانت يېتەكچىسى، شىنجاڭ ئەۋزەل جۇڭيى دورا بايلىقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش گۇرۇپپىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 168 قۇرۇلۇشى فارما-خىمىيە ئىلىمىنىڭ پەن يېتەكچىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش ئۇنۋانى ۋە ئاسپىرانت مائارىپى باھالاش مۇتەخەسسىسى، فىرانسىيە پارىژ 6-ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك دوكتورانت يېتەكچىسى، فىرانسىيە نەنسىي 1-ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى، ياۋروپا-ئامېرىكا ساۋاقداشلار ئۇيۇشمىسى شىنجاڭ بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ يېمەكلىك ۋە دورا گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش مۇتەخەسسىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ قوش تىل مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ فىرانسۇز تىلى ئۆگىنىش كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى 55 پارچە بولۇپ، كۆپىنچىسى يادرولۇق ژۇرناللار ۋە SCI ژۇرناللىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، 4 پارچە (مەملىكەت دەرىجىلىكى 3 پارچە) ئىلمىي ئەسەرنى تۈزگەن ۋە تۈزۈشكە قاتناشقان؛ ئۇنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆپ قېتىم ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ش ئۇ ئا ر پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر تەبىئىي پەن ئىلمىي ماقالە 1-ۋە 2-دەرىجە مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا Natural Product Research ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ يېقىندىن بۇيان، دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن 3 كە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرىدىن 1 گە، فىرانسىيە ياردەم قىلغان خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرىدىن 1 گە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاشتى يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات تۈرىدىن 1 گە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە دۆلەتنىڭ ئونبىرىنچى بەش يىللىق پەن تېخنىكا تەتقىقات تۈرىدىن بىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە 2 نەپەر دوكتورانتنى بىرلەشمە (جۇڭگو فىرانسىيە ھەمكارلىقىدىكى) تەربىيەلەپ چىقتى، 9 نەپەر ماگىستىرانتنى تەربىيەلەپ چىقتى. 20 قېتىمغا يېقىن دۆلەت ئىچى-سىرتدىكى ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنىلىرىغا قاتناشتى ۋە دوكلات بەردى. 2010-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇنەۋۋەر پەن-تەتقىقات خادىمى، مەكتەپ دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچى دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.
مەسلىھەت سوراش يېتەكچىسى:
دوكتور مۇخبۇل ئابلىز بىلەن ئالاقىلىشىش ياكى ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئالاقە ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.

-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر دوختۇرى-مەمەتئېلى تۇرسۇن
- كېيىنكىسى : نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى-ئايتىللا قادىر
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى - ئايشەم ئەسەت ئىسىم-فامىلىسى: ئايشەم ئەسەت خىزمەت ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى كەسپىي ئۇنۋانى: مۇدىر ۋىراچ ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: تاجسىمان يۈرەك كېسە
راك كېسەللىكلىرى دوختۇرى-مۇھەممەتئېلى ئابدۇقېيۇم ئىسىم-فامىلىسى: مۇھەممەتئېلى ئابدۇقېيۇم خىزمەت ئورنى: سانجى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىبۆلۈم ئىسمى: ئاشقازان-ئۈچەي سىستېمىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىكەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچئوقۇش تار
نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى-ئايتىللا قادىر ئىسىم-فامىلىسى: ئايتىللا قادىر خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ، خىزمەتتىكى ماگىستىرانت ئوقۇش تارىخى: تولۇ
دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى- دوكتور مۇخبۇل ئابلىز ئىسىم-فامىلىسى: مۇخبۇل ئابلىز خىزمەت ئورۇنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى كەسپىي ئۇنۋانى: دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى، فارما-خىمىيە ئىلمى پىروفېسسورى، دورىگەرلىك Ph.D دوكتورى
نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر دوختۇرى-مەمەتئېلى تۇرسۇن ئىسىم-فامىلىسى: مەمەتئېلى تۇرسۇن خىزمەت ئورنى: قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمى كەسپىي ئۇنۋا
