ئىسىم-فامىلىسى: زۇلپىيە ئەبەيدۇللا
خىزمەت ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمى
كەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ
ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس
ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: زىققا، توسۇلۇش خاراكتېرلىك سوزۇلما ئۆپكە كېسەللىكى، ئۆپكە قان-تومۇرلىرى توسۇلۇش، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى، ئۆپكە راكى، خورەك سەۋەبلىك نەپەس توختاش، ئۆپكە تالالىشىش، نەپەس زەئىپلىشىش قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى دىياگنوزلاش ۋە داۋالاشقا ماھىر.

قىسقىچە تەرجىمىھالى:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى زۇلپىيە ئەبەيدۇللا 1981-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2005-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشكەن. 2010-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس خورەك سەۋەبلىك نەپەس توختاپ قېلىش كېسەللىكىنى دىياگنوزلاپ داۋالاش بويىچە نۇقتىلىق تەربىيەلەنگەن، 11 يىللىق كىلىنىكىلىق خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا، كەسپىي بىلىم ۋە داۋالاش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىرگە، كاناي ئەينىكى ئارقىلىق دىياگنوزلاش-داۋالاش تېخنىكىسى، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى پىششىق ئىگىلىگەن، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە دائىر تەتقىقاتلارغا قاتناشقان ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ يېقىندىن بۇيان، دوختۇرخانىدا جاپالىق ئىشلەش بىلەن بىرگە تور ۋە ئۈندىداردا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىمارلارغا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بويىچە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىپ كەلمەكتە.
مەسلىھەت سوراش يېتەكچىسى:
دوختۇر زۇلپىيە ئەبەيدۇللادىن مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئالاقە ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.

-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى-گۈلبوستان
- كېيىنكىسى : سۈيدۈك تېشى دوختۇرى-ئابلىز ئىسمايىل
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى - ئايشەم ئەسەت ئىسىم-فامىلىسى: ئايشەم ئەسەت خىزمەت ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى كەسپىي ئۇنۋانى: مۇدىر ۋىراچ ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: تاجسىمان يۈرەك كېسە
شىۋېيتسارىيەدە دوختۇرخانا ئاچقان پىسخىك دوختۇرى ئابلىز راخمان (يازما ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستۇتىسى دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى، ئەلپىدا تاراتقۇسىدىن ھەمبەھرىلەندى) شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە روھىي
راك كېسەللىكلىرى دوختۇرى-مۇھەممەتئېلى ئابدۇقېيۇم ئىسىم-فامىلىسى: مۇھەممەتئېلى ئابدۇقېيۇم خىزمەت ئورنى: سانجى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىبۆلۈم ئىسمى: ئاشقازان-ئۈچەي سىستېمىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىكەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچئوقۇش تار
نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى-ئايتىللا قادىر ئىسىم-فامىلىسى: ئايتىللا قادىر خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ، خىزمەتتىكى ماگىستىرانت ئوقۇش تارىخى: تولۇ
دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى- دوكتور مۇخبۇل ئابلىز ئىسىم-فامىلىسى: مۇخبۇل ئابلىز خىزمەت ئورۇنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى كەسپىي ئۇنۋانى: دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى، فارما-خىمىيە ئىلمى پىروفېسسورى، دورىگەرلىك Ph.D دوكتورى
