ئىسىم-فامىلىسى: ئابدۇنەبى مەمەتئېلى
خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى 1-بۆلۈمى
كەسپىي ئۇنۋانى: كاندىدات مۇدىر ۋراچ، مۇئاۋىن پىروفېسسور، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى
ئوقۇش تارىخى: دوكتور ئاشتى
ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرىنى كۆكرەك ئەينىكى ئارقىلىق مىكرو زەخىملىك داۋالاش تېخنىكىسى بويىچە داۋالاشقا ماھىر.
قىسقىچە تەرجىمىھالى:
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى 1-بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى، دوتسېنت (مۇئاۋىن پىروفېسسور)، دوكتور ئاشتى، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئابدۇنەبى مەمەتئېلى 1981-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، 2005-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق تېببىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 2008-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن، 2013-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن، بۇ جەرياندا، 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئاۋسترىيە ۋېنا تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جۇڭگو-ئاۋسترىيە بىرلىشىپ تەربىيەلەيدىغان دوكتور سالاھىيىتىدە ئوقۇغان، 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن 3نى تاماملىغان، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى 20 پارچىدىن ئاشىدۇ. كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرىنى كۆكرەك ئەينىكى ئارقىلىق مىكرو زەخىملىك داۋالاش تېخنىكىسىنى ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭغا ئېلىپ كىرگۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىر يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرىنى مىكرو زەخىملىك داۋالاش ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى قىممىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى قىلىپ داۋاملىق تىرىشماقتا.
مەسلىھەت سوراش يېتەكچىسى:
دوكتور ئابدۇنەبى مەمەتئېلىدىن يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى بويىچە مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئالاقە ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : كۆيۈك-شەكىل تۈزەش دوختۇرى-ئەخمەتجان نىياز
- كېيىنكىسى : قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى-گۈلبوستان
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى - ئايشەم ئەسەت ئىسىم-فامىلىسى: ئايشەم ئەسەت خىزمەت ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى كەسپىي ئۇنۋانى: مۇدىر ۋىراچ ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: تاجسىمان يۈرەك كېسە
شىۋېيتسارىيەدە دوختۇرخانا ئاچقان پىسخىك دوختۇرى ئابلىز راخمان (يازما ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستۇتىسى دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى، ئەلپىدا تاراتقۇسىدىن ھەمبەھرىلەندى) شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە روھىي
راك كېسەللىكلىرى دوختۇرى-مۇھەممەتئېلى ئابدۇقېيۇم ئىسىم-فامىلىسى: مۇھەممەتئېلى ئابدۇقېيۇم خىزمەت ئورنى: سانجى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىبۆلۈم ئىسمى: ئاشقازان-ئۈچەي سىستېمىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىكەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچئوقۇش تار
نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى-ئايتىللا قادىر ئىسىم-فامىلىسى: ئايتىللا قادىر خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ، خىزمەتتىكى ماگىستىرانت ئوقۇش تارىخى: تولۇ
دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى- دوكتور مۇخبۇل ئابلىز ئىسىم-فامىلىسى: مۇخبۇل ئابلىز خىزمەت ئورۇنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى كەسپىي ئۇنۋانى: دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى، فارما-خىمىيە ئىلمى پىروفېسسورى، دورىگەرلىك Ph.D دوكتورى
