ئىسىم-فامىلىسى: مەمەتئېلى تۇرسۇن
خىزمەت ئورنى: قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمى
كەسپىي ئۇنۋانى: كاندىدات مۇدىر ۋىراچ
ئوقۇش تارىخى: ماگىستىر ئاسپىرانت
ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: نەپەس يولى سىستېمىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەرنى دىئاگنوزلاش-داۋالاشقا ۋە كاناي ئەينىكى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك داۋالاش، مېخانىك ئۇسۇلدا نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى تېشىپ توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارغا ماھىر.

قىسقىچە تەرجىمىھالى:
قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى مەمەتئېلى تۇرسۇن 1979-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 2005-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق تېببىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن، شۇ يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشكەن، 2008-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلىرى ئىلىمى بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن 1 نى ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ تاماملىغان، ھەر دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن 5 كە قاتناشقان، دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك يادرولۇق ژۇرناللاردا 6 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، كۆپ قېتىم دوختۇرخانا تەرىپىدىن بېرىلگەن تۈرلۈك شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، 2016-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە «10 مۇنەۋۋەر ياش» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر 1-بۆلۈمى RICU مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ نەپەس ۋە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكلىرى ئىلىمى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كەسپىي ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. مەمەتئېلى تۇرسۇن ياشلىق باھارىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كېسىلىگە داۋا، رەنجىگە شىپا ئىزدەش يولىدا داۋاملىق تىرىشماقتا.
مەسلىھەت سوراش يېتەكچىسى:
دوختۇر مەمەتئېلى تۇرسۇندىن مەسلىھەت سوراش ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ياكى eldawa ئىزدەش نومۇرى ئارقىلىق ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئالاقە ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.

-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ھاياتلىق قەھرىمانى-دوختۇر كېرەم ئابدۇرېھىم
- كېيىنكىسى : دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى- دوكتور مۇخبۇل ئابلىز
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى - ئايشەم ئەسەت ئىسىم-فامىلىسى: ئايشەم ئەسەت خىزمەت ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى كەسپىي ئۇنۋانى: مۇدىر ۋىراچ ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس ئوبدان ئىگىلىگەن ساھەسى: تاجسىمان يۈرەك كېسە
شىۋېيتسارىيەدە دوختۇرخانا ئاچقان پىسخىك دوختۇرى ئابلىز راخمان (يازما ئاپتورى: ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستۇتىسى دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى، ئەلپىدا تاراتقۇسىدىن ھەمبەھرىلەندى) شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە روھىي
راك كېسەللىكلىرى دوختۇرى-مۇھەممەتئېلى ئابدۇقېيۇم ئىسىم-فامىلىسى: مۇھەممەتئېلى ئابدۇقېيۇم خىزمەت ئورنى: سانجى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىبۆلۈم ئىسمى: ئاشقازان-ئۈچەي سىستېمىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىكەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچئوقۇش تار
نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى-ئايتىللا قادىر ئىسىم-فامىلىسى: ئايتىللا قادىر خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كەسپىي ئۇنۋانى: مەسئۇل ۋىراچ، خىزمەتتىكى ماگىستىرانت ئوقۇش تارىخى: تولۇ
دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى- دوكتور مۇخبۇل ئابلىز ئىسىم-فامىلىسى: مۇخبۇل ئابلىز خىزمەت ئورۇنى: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى كەسپىي ئۇنۋانى: دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى، فارما-خىمىيە ئىلمى پىروفېسسورى، دورىگەرلىك Ph.D دوكتورى
