بۇ يازمىلارنىڭ كاتوگريسى : لايىھە

ئۇزۇن بولدى بىلوگىمنى يوقلاپ بولالمىدىم. ئادەم چوڭ بولغانسىرى كاللىدىكى ئويمۇ، قولدىكى ئىشمۇ جىق بولىدىغان گەپكەن. تۇيۇقسىز كاللامغا توردا دۇكان ئېچىپ بېقىش ئويى كىلىپ قالدى، پىلانلىرىم ئوزلىگىدىن سوقۇلۇپ كەتتى… ئولتۇرالمىدىم…ھە مانا ئەمسە دىدىمدە  دۇكاننىمۇ ئېچىۋالدىم. سودا قانداقراق دەمسىز ؟ بوپ قالىدۇ…

يېقىندا تونۇشلىرىمدىن بىرى مۇنۇ لايىھىنى يەنى مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك تېمىسىدىكى ماركىنى لايىھىلىگەن ئىدى. ماڭا شۇنداق يارىغان ئىدى. دېيىشكەن ۋاقىت ئىچىدە ماركىنى كۆرسىتىپ پىكىر-تەلەپ ئالماقچى بولۇپ كۆرسەتكەن بولدۇق. ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. بۇ لايىھە ئۇ كىشىگە ياردىمۇ يارىمىدىمۇ بىلەلمەي مۇشۇ يەرگە ئەكەلدۇق. قېنى تورداشلار، بلوگداشلار، لايىھىچى دوستلار بۇ ماركىغا قارتا كۆز قاراشلىرىڭلارنى، تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار…

يەنە شۇ .Gangnam Styleئەمما لېكىن ۋە بىراق.. Gangnam Style دېگەن نېمە دەپ سوراپ قالماڭ ھە. ئەمسە تۆۋەندە فىلەش توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتسەم. ناخشىنى تولا ئاڭلاپ كەتكەنلەرگە بۇ ئىنتايىن ئاسان. تەڭكەش مۇزىكىنى قويۇپ قۇيسىزدە ئوقۇشنى باشلايسىز… ھەرگىز ئۆز ئاغزىڭىز بىلەن ئوقۇپ سالماڭ.ھەزرەت قاملاشتۇرغان بىلەن بىز قاملاشتۇرالمايمىز.  ئاۋۇ كۆرۈنگەن خەتلەرنى بېسىپ بېقىپ سىناپ بېقىڭ. ناخشىچى psy  نىڭ ئۆز ئاۋازى شۇ. بىر ئىككى قېتىم سىناپ كۆرسىڭىزلا بىلىۋالالايسىز…

ھەممىمىز بىلىمىز… ھازىر تاللا بازىرىدىن نەرسە سېتىۋېلىپ پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىتتا ھىساۋاتچى قىزچاق سىز سېتىۋالغان مالنى لازىر نۇرى ئارقىلىق بىرلا سىكاننېرلاپ مالنىڭ باھاسىنى دەپ بىرىدۇ. ئىككى ئۆلچەملىك كود بولسا بىر ئۆلچەملىك كود (سىز سېتىۋالغان مال ئۈستىدىكىسى) نىڭ تەرەققى قىلغان نۇسقىسى دىيىشكە بولىدۇ…

ئىككى ئۆلچەملىك كودنىڭ تەسۋىر سىزىش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. پەقەت ئۈچ نوقتا ۋە 70% ئېنىقلىقتىكى شەكىلن

يېڭى يازما يازمىغىنى توپتوغرا بىر ئاي بوپتۇ. ئىنتاھان مەزگىلى بولغاچقا بلوگچى دوسلار بىلەن ئالاقىدە بولالمىدىم. قايسى كۈنى مۇنبەرگە كىرسەم ھەممە بلوگچىلارنى تىلغا ئېلىپ قىزىقارلىق رەسىم يوللاپتۇيۇ ئەجرىم تىلغا ئېلىنماپتۇ.كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى.(چاقچاق)

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك. بۇگۈن بىر پەندىن ئىنتاھان بىرىپ بولۇپ ياتاقتا ئۇنى-بۇنى قىلىپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىككى فىلەش ئېلاننى تونۇردىن قومۇردۇم.بىرسى ئۇيغۇربەگ

iPhone5 نى قايسى ھالەتتە بازارغا چىقار دەپ ئويلىغانتىڭىز ؟

مەن iPhone5 نى iPhone4 كۆپ پەرىقلەنمەسمىكى دەپ ئويلايمەن.بۇگۈن توردىن مۇنۇ لايىھەلەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم.قېنى ئەمسە تەڭ ھۇزۇرلىنايلى…

بۈگۈن بىر دوستۇمغا دەرىسلىك لايىھەلىگەن ئىدىم.مۇشۇ كونۇپكا قىسمىغا كەلگەندە ئىلھامىم كەپ قالدى.ئەجرىمگە ئاددى ئۇلانما تاختىسىدىن بىرنى ياساپ قوياي دەپ ئويناپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ ئۆنۈمگە ئەكەلدىم.ماۋۇسنى ئۈستىدىن ئاستىغا ئوخشىمىغان سۈرئەتتە سۈرۈش ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئۆنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇلانما تاختىسىنىڭ تۈز ئۆنۈمىنى دوقمۇش فىلىمخانىسىدىن كۆرۈڭ .مەزمۇنىغا بەگ ئاكام بىلەن پىرىستاندەك بلوگ پىشىۋالىرىنى ئۇستى ئورۇنغا تىزىۋەتتىمغۇ. بلوگچى دوسلار پايدىلانسۇن دەپ ئەسلى كود ھۆججىتىنى قۇشۇپ قويدۇم.پايدىلىناسىلە ئەمسە.

ئۇزۇن بولدى .بلوگىمنى يوقلىيالمىدىم.بۈگۈن يېڭى يىللىق ئازغىنە سوۋغامنى كۆتۈرۈپ سىلەر بىلەن سالاملىشاي.يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

بىر كۈنى بىر دوستىمىز مىنى ئىزدەپ مەۋسۇملۇق ئىنتاھانغا فىلەشتىن ئەسەر تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.ئۇيان-بۇيان تارتىشىپ ئاخىر ئىشلەپ بىرىشكە قوشۇلغانمۇ بولدۇم.شۇنداق قىلىپ بىكار بولغاندا مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.قۇربان ھېيىتنى ئۇنداق-مۇنداق قىلىپ خەنچە چۈشەندۇردۇق.لىكىن تېخى پۈتتۈرۈپ بولالمىدىم.ئىشلەش جەريانى خېلى جاپالىق بولدى،adobe flash cs5  بىر قانچە قېتىم قېتىپ قېلىپ قايتا ئىشلەشكە مەجبۇرمۇ بولدۇم.شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇ يەرگە ئەكەلدىم .پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى نۇسقۇسىنى كىيىنكى ساندا يوللايمەن.

 
 

ئارخىپلارنى كۈرۈش

مەن بىلەن QQ دا ئالاقىلىشىڭ .

ئەجرىمدىن ھۇزۇر سۈرگەنلەر

  • Loading...
 

تەۋسىيەلىك مەنزىللەر

 

ئەجرىمدىن ھۇزۇر سۈرۋاتقانلار

 

قوشنا مەھەللە

 
 
 

يازمىلارنىڭ ئايلىق ئارخىپى

 

يېقىن يول