يېقىندا تونۇشلىرىمدىن بىرى مۇنۇ لايىھىنى يەنى مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك تېمىسىدىكى ماركىنى لايىھىلىگەن ئىدى. ماڭا شۇنداق يارىغان ئىدى. دېيىشكەن ۋاقىت ئىچىدە ماركىنى كۆرسىتىپ پىكىر-تەلەپ ئالماقچى بولۇپ كۆرسەتكەن بولدۇق. ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. بۇ لايىھە ئۇ كىشىگە ياردىمۇ يارىمىدىمۇ بىلەلمەي مۇشۇ يەرگە ئەكەلدۇق. قېنى تورداشلار، بلوگداشلار، لايىھىچى دوستلار بۇ ماركىغا قارتا كۆز قاراشلىرىڭلارنى، تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار…
بۇ يازمىلارنىڭ كاتوگريسى : logo
2013-يىلنىمۇ كۈتىۋالدۇق.ئەجرىم بلوگىغا كەلگەن كەلمىگەن دوسلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن.ئۇزۇن بوپتۇ لايىھە بىلەن تېپىشمىغىنى.ئىمتىھان ئىشلىرى بىلەن بلوگىنىمۇ يېڭىلاپ بولالمىدىم.بەزى ئىلھاملىرىم،لايىھە تۇيغۇلىرىم كاتەك خەتلەر ئارىسىدا قالغاندەكلا… بۈگۈن مۇنۇ لايىھە ئەسەرلەر بەك يېقىشلىق تۇيۇلۇپ كەتتى… شۇڭا سىلەرنىڭمۇ ھۇزۇرلىنىشىڭلار ھەمدە 2013-يىلى ئەجرىمدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىڭلارنى ئاڭلاي دېگەن مەقسەتتە ئۇشبۇ يازمىنى
بىر قاتار ئېغىر تەڭشەشلەردىن كىيىن ئىلىخو تورىنىڭ لوگو ۋە ماركىسى ياساپ چىقىلدى.<ئىلىخو> جاي ئىسمى.مەن بۇ جاينىڭ ئالاھىدىلكىنى گەۋدىلەندۇرۇش ئۈچۈن ئىلى خەلقىنىڭ دوپپىسىنى(قىزىل رەڭلىك دوپپا)تاللاپ ئىشلىتىشنى توغرا تاپقان ئىدىم.بىكەت بېشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ماركىغا <ئات >سىڭدۈرلدى.بۇمۇ بولغىنى .بەلكىم ئىلى يايلاقلىردىكى ئاتلانى كۆزدە تۇتقان بولىشى مومكىن.ھى ھى …
بۇ ئىچكىردىكى ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى پىلانلاپ تارقاتماقچى بولغان ژۇرنال «ئىزباسار» نىڭ بەلگە لايىھەسى . بەلگە «ئىزباسار» دېگەن خەتنىڭ ئىككى خىل يېزىلىشىدىن، تۆگە، ئاي، قۇياش قاتارلىق ئامىللار سىڭدۇرلىشىدىن ياساپ چىقىلدى.يەنە“يول ئاچقۇچىلارغا ،ئىز باسقۇچىلارغا مەنسۈپ ”دىگەن بۇ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر بەلگىگە ماسلاشتۇرۇلدى. ئەلۋەتتە بىر قاتار تاللاشلاردىن كىيىن مۇشۇ نۇسقىنى تاللىدىم. ۋاقىت تولىمۇ قىس بولغاچقا قۇلۇمدىن كەلگىنى مۇشۇ بولدى. باشقا سىلىقلاشقا تىگىشلىك جايلارغا تازا ئۈلگۈرەلمىدىم…
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى. ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى مۇنبىرى قۇرۇلدى.مۇنبەر قۇرغۇچىسى ئۇيغۇربەگ“ ئۇيغۇر ۋوردپرەس مۇنبىرى“ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆزقىلدى .ئۇ مۇنىلارنى دىدى :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداش:
كۆرۈۋاتقىنىڭىزدەك، سىز ھازىر تۇرۇۋاتقان مۇنبەر-ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ تەشكىللىشى ۋە پىلانلىشى ئاستىدا قۇرۇلغان، كەڭ ئۇيغۇر WordPress بلوگگېرلىرى، جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان كەسپىي مۇنبەر بولۇپ، مۇنبىرىمىز نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان WordPressسېستىمىسى بىلىملىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلدى. ئەلۋەتتە، بۇ مۇنبەر يېڭىلار قۇرۇلغان بولغاچقا، مەزمۇن ۋە ئەزالارنىڭ كەمچىل بولىشى ئېنىق. ئەمما، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مۇنبىرىمىز ئاۋانگارد ئەزالار شۇنداقلا ئاۋانگارد بلوگگېرلارنىڭ باش قوشۇشىدا، ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان مۇنبەر بولۇپ قالغۇسى!
ئۇ يەنە مۇنۇلانى كۆرسەتتى:
<دوقمۇش فىلىم قانىلى>بىلوگى دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا مەن بىلوگ ئۈچۈن يارشىملىق كىيىم تاللاش،لايىھەلەش ،كىسىش ،چاپلاش… ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم . مانا شۇ كىيىملەرنى سىلەرمۇ كۈرۈپ بېقىڭلار ،يارشىپتىمۇ ؟
ئارخىپلارنى كۈرۈش