لايىھە ئىلھامىنى بايقاش بوسۇغىسىدا2013/01/04
2013-يىلنىمۇ كۈتىۋالدۇق.ئەجرىم بلوگىغا كەلگەن كەلمىگەن دوسلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن.ئۇزۇن بوپتۇ لايىھە بىلەن تېپىشمىغىنى.ئىمتىھان ئىشلىرى بىلەن بلوگىنىمۇ يېڭىلاپ بولالمىدىم.بەزى ئىلھاملىرىم،لايىھە تۇيغۇلىرىم كاتەك خەتلەر ئارىسىدا قالغاندەكلا… بۈگۈن مۇنۇ لايىھە ئەسەرلەر بەك يېقىشلىق تۇيۇلۇپ كەتتى… شۇڭا سىلەرنىڭمۇ ھۇزۇرلىنىشىڭلار ھەمدە 2013-يىلى ئەجرىمدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىڭلارنى ئاڭلاي دېگەن مەقسەتتە ئۇشبۇ يازمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
قېنى ئەمسە تۆردە بەھۇزۇر ئولتۇرۇشسىلا،لايىھىدىن بىر شىڭگىل تۇتاي.
مۇشۇ لايىھەلىرىڭىز بەك يارايدۇ ماڭا . سىز ئۆزىڭىز قول سىلىپ قىلغانمۇ ياكى ياخشىكەن دەپ باشقا يەرلەردىن يىغىپ قويغاننى ئاز ئازدىن خۇمارغا يوللاپ تۇرىۋاتامسىز .
بۇ مىنىڭ ئەسەرلىرىم ئەمەس.بۇ ئەسەرلەر ماڭا شۇنداق يېقىپ قېلىپ،خۇمارىمنى باساي دەپ مۇشۇ يەرگە ئەكەلگەن…