ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
كەڭ ئۇيغۇر تورتېخنىكا ساھەسىدىكى ئاتامانلارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ۋە تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە PHP لىق نادىر سېستىمىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك فىلىم ۋە PDF لىق دەرسلىكلەر ئۆز ئانا تىلىمىزدا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. PHP تېخنىكىسىنىڭ دىيارىمىزدا يەنىمۇ بىر قەدەم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەڭ PHP ھەۋەسكارلىرىغا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ بىر مەزگىللىك تەييارلىقلاردىن كېيىن ئۇزدىل تورى باشچىلىقىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى» ئويۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە، يېقىندىن قوللاپ بېرىشىڭىزلارنى ۋە ئاكتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتنىشىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

«تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى» لايىھەسى
(داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ…)

1. مۇسابىقە مەزمۇنى ۋە مۇكاپات سوممىسى
مۇسابىقە سېستىما گۇرۇپپىسى (A گۇرۇپپا)، ئۇسلۇب گۇرۇپپىسى (B گۇرۇپپا) ۋە ماقالە گۇرۇپپىسى (C گۇرۇپپا) بولۇپ 3 گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە ھەربىر گۇرۇپپىغا ئايرىم-ئايرىم مۇكاپات تەسىس قىلىنىدۇ.

ئۇزدىل ئۇلىنىش سېستىمىسىنى سېتىۋېلىپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مۇكاپاتىنى تەمىنلىگەن 5 نەپەر خالىس قوللىغۇچىلارغا ئالاھىيدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

سېستىما گۇرۇپپىسى (A گۇرۇپپا) PHP+MySQL دا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى تۈزۈش بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 500 يۈەن.
ئۇسلۇب گۇرۇپپىسى (B گۇرۇپپا) WordPress بلوگ سېستىمىسىغا ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش(ياكى ياساش)تا مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 300 يۈەن.
ماقالە گۇرۇپپىسى (C گۇرۇپپا) LAMP تېخنىكىسىغا ئالاقىدار ماقالىلەرنى يېزىشتا مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 100 يۈەن.
لايىھە گۇرۇپپىسى: مۇكاپات سوممىسى 100 يۈەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن تۇغ رەسىمى ۋە تەشۋىقات ئېلان رەسىمى لايىھەلەپ بەرگەنلەرگە بېرىلىدۇ.
لايىھە گۇرۇپپىسى مۇكاپاتلىق پائالىيتىنىڭ تەپسىلاتى:
http://www.uzdil.com/bbs/read.php?tid=516

2. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇسۇلى
مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئۆز ئەسىرىنى ئۇزدىل مۇنبىرىنىڭ PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى سەھىپىسىگە يوللىسا ياكى باشقا توربېكەت ياكى بلوگلاردا ئېلان قىلسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بولۇشى ھەم مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قىلىنغان بولۇشى شەرت:
تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر.

3. ئەسەر باھالاش
مەخسۇس باھالاش ھەيئىتى ۋە باھالاش ئۆلچىمى بېكىتىلىپ شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

4. پائالىيەت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
2013.يىلى 1.ئاينىڭ 5.كۈنىدىن 2013.يىلى 1.ئاينىڭ 31.كۈنىگىچە تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ.
يەنى تەشۋىقات ئېلان رەسىمى لايىھەلەش، ھەمكارلىق ئورنىتىش، باھالاش ھەيئىتى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش، تەكلىپ- پىكىر قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار.

2.ئاينىڭ 1.كۈنىدىن 4.ئاينىڭ 1.كۈنىگىچە ئەسەر ئېلان قىلىش ۋە تاپشۇرۇش باسقۇچى.

4.ئاينىڭ 1.كۈنىدىن 4.ئاينىڭ 20.كۈنىگىچە ئەسەرلەرنى باھالاش.

4.ئاينىڭ 21.كۈنى نەتىجىنى ئېلان قىلىش ۋە مۇكاپات سوممىسىنى نەقلەشتۈرۈش.

مۇسابىقىنى ئالاھىيدە قوللىغان ئورۇنلار:
بىلىگ تورى http://bilig.cc
ئىشخانا تورى http://www.ixhana.com
ئالى PHP تورى: http://www.aliphp.com
تور ماھىرى بلوگى: http://tormahiri.weebly.com

ئۇزدىل تورتېخنىكا تورى
http://www.uzdil.com
ئالاقە QQ: 316203464
يانفون: 15026303509
2013.يىلى 1.ئاينىڭ 4.كۈنى

********************************************************

ئەجرىم لايىھە بلوگىدىن  مەزكۇر مۇسابىقىگە سوۋغات.

ئۈلگىلەر:

300×300

468×90

240×280

باشقا رازمىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرنى چۈشۈرۈش 

خەتكۈچ: , ,

يازما ئاپتورى:

تەخەللۇسۇم كۆنچى، ئەجرىم لايىھە بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى.‹لايىھە›ئىسىملىك قىزغا كۆيۈپ،ۋەسلىگە ئازتۇلا يىتىپ، فوتوشوپ، فىلەش قاتارلىق ئىككى بالامنى ئەگەشتۇرۇپ مۇشۇ كەپىدە بىللەش ياشاپ كىلىۋاتىمىز.شۇنداق يۈرگەن كۈنلەردە يەنە دوقمۇش ناخشا قانىلى ۋە سۈيۈنچە ناخشا قۇتىسىنىڭ توردۇنياسغا كۆز ئېچىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولۇپ قالدىم...

 

 

ئىنكاس يوق

قېنى تۇنجى ئىنكاسنى سىز قالدۇرۇڭ

قېنى سىزمۇ يازمىغا قارىتا ئۆز باھايىڭىزنى يېزىڭ!





 
 

مەن بىلەن QQ دا ئالاقىلىشىڭ .

ئەجرىمدىن ھۇزۇر سۈرگەنلەر

  • Loading...
 

تەۋسىيەلىك مەنزىللەر

 

ئەجرىمدىن ھۇزۇر سۈرۋاتقانلار

 
 
 

يازمىلارنىڭ ئايلىق ئارخىپى

 

يېقىن يول