
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
كەڭ ئۇيغۇر تورتېخنىكا ساھەسىدىكى ئاتامانلارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ۋە تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە PHP لىق نادىر سېستىمىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك فىلىم ۋە PDF لىق دەرسلىكلەر ئۆز ئانا تىلىمىزدا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. PHP تېخنىكىسىنىڭ دىيارىمىزدا يەنىمۇ بىر قەدەم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەڭ PHP ھەۋەسكارلىرىغا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ بىر مەزگىللىك تەييارلىقلاردىن كېيىن ئۇزدىل تورى باشچىلىقىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى» ئويۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە، يېقىندىن قوللاپ بېرىشىڭىزلارنى ۋە ئاكتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتنىشىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!





