شىئەن خوتەن ئارلىقىدىكى لايىھە خاتىرىسى
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2012-11-18
- /
- ئاۋاتلىقى :177 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن خوتەنلىك بىر دوستىمىزنىڭ تەشۋىقات ۋاراقچىسى لايىھىسىنى قولۇمغا ئالدىم.كۆپ تەرەپ ئەجىر سىڭدۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ تەشۋىقات ۋاراقچىسى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتۈپ خوتەنلىك دوستىمىزنى رازى قىلدىم.ئەمدىكى گەپ باستۇرۇشتا قالغان ئىدى. شىنجاڭ تەرەپتە باستۇرساقمۇ بولاتتى .لېكىن سۈپەت دىگەندەك ئەمەس،باھاسى قىممەت. شىنجاڭدا بىر ۋاراقنىڭ ئالدى كەينىنى رەڭلىك باستۇرسا 3مودىن 4موغىچە بولىدىكەن.لېكىن شىئەندە 1.5 مو ئىكەن.شۇنداق بولغاندا 2000 تال قەغەزدە پۇل خېلى تىجىلىپ قالاتتى.شۇڭامەن بۇ يەردە باستۇرۇپ پوچتا ئارقىلىق يوللاپ بېرىدىغان بولدۇم. لايىھىنى باستۇرۇشقا بەردىم.ئىككى كۈندىن كېيىن تېلېفون قىلىپ مالنى ئېلىۋېلىشىمنى ئېيتتى. مالنى ئالغىنى بېرىپ كۆرگۈنۈم بولسا ئىچىگە لىق ۋاراقچە قاچىلانغان يەشىك بولدى.ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئۆيدىكىلەر سالىدىغان خالتىلاردەكلا... جىڭلاپ كۆرسەم 15 كلو كەلدى . ئەمدى بۇنى خوتەنگە قانداق سېلىش كېرەك؟ تىز پوچتا ئارقىلىق يوللىماقچى بولدۇم. شىنجاڭغا ھەر كىلوسىنى 20 سومدىن سالىدىكەن. خوتەنلىك دوستىمىزنىڭ بېشىدىن ھور چىقىپ كەتتىمىكىن دەيمەن.باستۇرۇش باھاسىدىن يول باھاسى جىق چىقىپ كەتتى ئەمەسمۇ.ئامال قانچە، شۇنداق قىلىپ بۇ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى خوتەنگە ئامان ئېسەن بېرىشىنى تىلەپ يولغا سەپ قويدۇم.
ئەمدى شۇ لايىھىنى بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى...
A
B
رەسىملە چىققان بولسا ئۆلەي مەن …بىرسىنىمۇ كۆرمىدىم
شۇ ئەمەسمۇ . بىرسمۇ كۆرۇنمەپتۇ
لىكىن ئوبدان چىقىپتۇ بۇ لايىھەلەر، مۇشۇنداق ياخشى مەھسۇلاتلار بوسا، مۇشۇنداق ياخشى لايىھەلەر بوسا، ياخشى-ياخشى خېرىدارلار بوسا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلەيدىغان، تازا ئابدان ئىش بوتتى….
لاھىيەنىڭ گۈزەللىكى موھىم، يەنە بىر جەھەتتىن شۇ لاھىيە شۇ مەھسۇلاتقا ماس كەلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ