دوستۇم ئۈچۈن ياسىغان شەخسى مۇزىكا بىتى

دوستۇم ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنىڭ بىر شەخسى تور بەت ياساتقۇزغىسى بارلىقىنى، لېكىن ھازىرقى تور بەت ياسايدىغانلارنىڭ مىڭدىن باشلاپ باھا قويغانلىقىنى، بىرەر تور بەت ياسايدىغان تونۇشۇم بولسا تونۇشتۇرۇپ قۇيۇشىنى ئېيتتى. تونۇشلىرىمغۇ بار، لېكىن بەك ئېسىل ياسايدۇ، لېكىن باھانى  نەچچە مىڭدىن باشلىشى مۇمكىن دىسەم ئەمسە سەن ياساپ بەر دەپ تۇرۋالدى.  قانداق ياساش كېرەك ؟ قايسى بەت سىستېمىسىدا ياساش كېرەك ؟ ئىشلىتىشكە قۇلايلىق، مۇكەممەل بولغان ھوردپرېسسنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى ھوردپرېسسكىمۇ خېلى كۆنۈپ، پىشىپ قالدۇق. بىر نەچچە كۈن ئۇدا ئۇسلۇب ئىزدىگەنمۇ بولدۇم. مۇزىكا تور بېتى ياساشقا ماس كېلىدىغان ئېسىل ئۇسلۇبلار باركەن. چۈشۈرۈلۈپ ئورناتتىم، ھېچقايسىسى نورمال ئەمەس، نورمال قىلىش ئۈچۈن ئۇسلۇبنى بىرمۇ-بىر تەتقىق قىلىپ چىقىشقا توغرا كىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۈزۈم بىر قوللۇق قىلىپ 0 دىن باشلاپ يېزىشقا كىرىشتىم، بىر نەچچە كۈندە ئۇسلۇبىمۇ پۈتۈپ تەييار بولدى.

  كۆرۈش

ئەمدىكى گەپ بۇ بەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىداردا. ۋوردپرېستە ناخشا قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قىستۇرمىلارنى بىرمۇ-بىر سىناپ چىقتىم، جىق قىستۇرمىلاردا كود ئارىسىغا ناخشا تور ئادرېسىنى ئۆزىمىز قىستۇرۇش ئارقىلىق ناخشا قويۇش ئەمەلگە ئاشۇرلۇپتۇ.  يەنە بىر خىلى بولسا html5 ناخشا قويغۇچىسى. بۇ خىلدىكى ناخشا قويغۇچلار  كۆركەم ھەم كود بىلەن ئاسانلا ھەل قىلغىنى بولسىمۇ لېكىن ie تور كۆرگۈسىدە نورمال قويۇلمايدۇ.

قايسى كۈنى ھەزرەت گىرافىكىدە بەيدۇ تور دىسكىدىكى ناخشىلارنىڭ ئادرېسىنى ئېلىش توغرىسىدا يازما يوللاندى . دەسلەپكى باسقۇچتا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ناخشا قويۇش ئۈنۈمىگە يەتكىنى بولاتتى. فىلەش ناخشا قويغۇچنى بۇرۇن ياساپ تەييار قىلىپ قويغانتىم. شۇنداق قىلىپ بەيدۇ تور دىسكىسىدىن ئېلىنغان ئادرېسنى بىۋاسىتە فىلەش ناخشا قويغۇچقا ئۇلىۋەتتىم.

ئارقا بەت، يازما يوللاش رامكىسى ئاستىدا:

فىلەش ناخشا قويغۇچ كود قىسمى:

ناخشا نورمال قويۇلدى،

ئويلاپ باقسام يەنىلا سەل ئاۋارىچىلىق تۇيۇلدى، چۈنكى تور دىسكىدىن ناخشا ئادرىسىنى ئېلىشمۇ تازا قۇلاي ئەمەسكەن. شۇڭا مۇنداق قىلماقچى بولدۇم،  بەيدۇ تور دىسكىدىكى ناخشىنى ھەمبەھىرلەش، ئاندىن شۇ ئادرىسىنى ئارقا بەتكە چاپلاش،ئاخىردا فىلەش ناخشا قويغۇچ شۇ ئادرىسىنى بىراقلا ناخشا ئادرېسىغا ئۆزگەرتىپ ئوقۇش.
يەنى http://pan.baidu.com/share/link?shareid=616334761&uk=587976888 بۇ ئادرىسىنى http://dilshadmusic.com/bd.php/3483091887/587976888.mp3 بۇ ئادرېسقا ئايلاندۇرۇپ ئوقۇتۇش.

دەسلەپتە bd.php كود ۋە js كودلىرىغا ئىش قوشۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغانمۇ بولدۇم. لېكىن تور بەت ئېچىلغاندا كودلارنىڭ ئىجرا بولۇش تەرتىپىنىڭ ئوخشىماسلىقى ( بۇ مىنىڭ ئويلىغىنىم ) سەۋەپلىك ناخشا نورمال قويۇلمىدى. بەت ئەسلى كودىنى تەكشۈرسەم مەن ئويلىغان ئۈنۈم كۆرۈندى . لېكىن ناخشا نورمال قويۇلمىدى. بۇ مەسىلە ھازىر ھەل قىلىش باسقۇچىدا... ھەل قىلىنىپلا قالسا بۇندىن بەيدۇ تور دىسكىسىدىكى ھۆججەت ئادرىسىنى بىۋاسىتە ناخشا ئادرېسىغا ئايلاندۇرۇپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە يەتكىنى بولىدۇ.

مەسىلەن ئاۋۋال ناخشىنى بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ ئاندىن ھەمبەھىرلەپ، ھەمبەھىر ئادرىسىنى يازما يوللاش رامكىسىغا قىستۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

 

قاچىلىنىۋاتىدۇ...
  • چىرايلىق چىقىپتۇ، ئەمما باش بەتتىكى دوستىڭىزنىڭ پرتېرتى تازا ياخشى گەۋدىلەنمىدىمۇ قانداق

    • كۆنچى 2013-07-29 01:37 جاۋاب

      دوستۇم رەسىملىرىنى تەييار قىلىپ بولالمىغاچقا ئاشۇ رەسىملەر بىلەن بىزەپ تۇردۇق.. مەزمۇنلارمۇ تولۇق، جانلىق ئەمەس. بارا-بار تۈزۈلۈپ كەتكۈسى..

  • ۇراباس 2013-07-28 16:05 جاۋاب

    پەچەت چىقىپتۇ ، قوللايمەن. خىلى كۈچ چىقارغاندك تۇرىسىز.

  • كۈرەش 2013-07-30 12:26 جاۋاب

    شۇنداق راھەت ، سىپتا چىقىپتۇ يەنە شۇنداق سىپتا ناخشىلارمۇ كەم بۇلۇپ قالمىسۇن !
    ھە راست مەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەخسى توربەت ياساپ قالسام ئاۋال سىزنى ئىزدەيمەن …

    • كۆنچى 2013-07-31 01:41 جاۋاب

      رەھمەت رەھمەت. مىنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ خاپا بوپ قالىمەن.. (كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

  • سارايۋەن 2013-08-02 07:18 جاۋاب

    راس ئۆزگىچە چىقىپتۇ كۆرۇپ باقتىم ،مۇبارەك بولسۇن

  • مەلەك 2013-08-16 10:04 جاۋاب

    بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ ….

  • ئالپبەگ 2013-08-19 08:26 جاۋاب

    لايىھەرىڭىز بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ.

  • دوغاپ 2013-08-25 12:38 جاۋاب

    http://www.90nl.com/archives/90nl-baidu-network-disk.html
    بۇ يازمىدىكى ھۆججەتتىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

    • كۆنچى 2013-08-25 18:56 جاۋاب

      بىۋاستە چۈشۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم، پەقەت تور دىسكىسىدىكى ھەمبەھىر ئادرىسىنى چاپلاپلا ناخشا قويۇش ئۈنۈمگە يەتسەم بولىتتى. ھازىر ئاۋۋال ھەمبەھىر ئادرېسىنى ناخشا ئادرىسىقا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن…

  • ھەۋەسكار 2013-08-26 14:05 جاۋاب

    تۈنۈگۈن قارىسام بىر چىرايلىق تۇراتتى بۈگۈنكى ئۆزگەرتىلگەن ئۇسلۇپ پەقەت ياقمىدى تۈنۈگۈنكى ئۇسلۇپنى ئىشلەتسىڭىز بوپتىكەن شۇنداق پاكىز چىقىپتىكەن

    • كۆنچى 2013-09-01 09:53 جاۋاب

      بۇرۇنقى ئۇسلۇبىنى شىركەت تور بىتىگە ئوخشاپ قاپتۇ دەپ قايسى كۈنى ھازىرقى ئۇسلۇبقا ئوزگەرتكۈزدى… مۇزىكا ئىشلەيدىغان باللار ئەمەسمۇ. بۇ ھەقتە توختالمىدۇق..

  • كۆك ئارال 2013-10-10 09:59 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىز بىلەن ئالاقىلىشاي دىگەن ماڭا مۇشۇنداق بىر بەتتىن بىرنى تۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
    مەزمۇنى سودا بىتى بولدۇ ، HTML دا تۈزۈلسە بولدۇ .

    • كۆنچى 2013-10-11 04:03 جاۋاب

      qq دا ئالاقىلىشايلى. 137325527

      • كۆك ئارال 2013-10-11 05:49 جاۋاب

        بولدۇ .. ئەمسە سىزنى قاچىلۋالاي

  • سەركۈي 2014-04-07 16:10 جاۋاب

    بەك پىچەت چىقىپتۇ،لايىھەسى بەك يارىدى ماڭا ! قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن!

ئىسىم ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى چۇقۇم تولدۇرۇڭ