ئۇيغۇربەگ بلوگى ﻳﺎﻧﻔﯘﻥ ﺗﯧﺮﻣﯩﻨﺎﻟﻰ لايىھىسى
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2014-09-18
- /
- ئاۋاتلىقى :388 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئەجرىم لايىھە بلوگى ئون نەچچە كۈنلىك ICP بىجىرىپ بۇلۇت بوشلۇققا كۆچۈش ۋەزىپىسىنى تۈگۈتۈپ بۈگۈن يەنە سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. سۈرئەت تىزلەشكەندەكمۇ ؟ بلوگقا يوللايدىغان يازمىلارمۇ يىغىلىپ قالدى. ھەممىنى بىراقلا يوللىماي ،بۇرۇنقىدەك خۇمالىق يوللاپ تۇراي دىدىمغۇ. بۈگۈنكى بۇ لايىھە دوستۇم ئۇيغۇربەگنىڭ بلوگ ﻳﺎﻧﻔﯘﻥ ﺗﯧﺮﻣﯩﻨﺎﻟﻰ لايىھىسى. ئۇيغۇربەگدىن بۇرۇن ئاشكارلىۋەتتىمغۇ ( ئۇيغۇربەگ بىلمەيدۇ...)
لايىھەدىن ئۆرنەكلەر:
***
****
***
رەسىملەرنى ئايرىم بەتتە ئېچىپ كۆرسىڭىز تېخىمۇ ھۇزۇرلىنالايسىز!
****
مەن مۇشۇ سايە چىقىرشنى پەقەت بىلەلمىدىم، مۇشۇنى بىر ئۈگىتىپ قويسىڭىز بولاتتى!!
?p=2450 بۇ يازمىنى كۆرشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەن ئۆتكەن قېتىم ئاشۇ دەرىسلىككە قاراپ قېلىپ باققان ئىدىم يەنىلا بىلەلمىدىم، چۈنكى سايە چىقىرىش جەريانىدىكى فوتوشۇپ ئورۇنلىرىنىڭ كەسمە سۈرەتلىرى بەك ئاز ئىكەن، بولسا تېخىمۇ تەپسىلىي قېلىپ ئىشلىگەن بولسىڭىز! مەن نەچچە قىتىملاپ كېلىپمۇ بىلەلمىدىم! كەچۈرۈڭ يۈزىمنى قېلىن قىلىپ دەۋەردىم! كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز!!! مەن سايە چىقىرىشقنى ئۈگىنىۋىلىشىمغا بەكلا موھتاج ئىدىم!!!!!
كۈندە بىر كىرىپ بلوگىڭىز نورماللاشتىمۇ يوق قاراپ بېقىپ چىقىپ كىتەتتىم ، بولسا دىۋاندىكى دوستىمىزنىڭ تەلىپىنى بىر ئورۇندىۋەتسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى !!
?p=2450 مۇشۇ يازمىدا سايە چىقىرىش تەپسىلى سۆزلەنگەن.
ئەجرىماخون تېرمىنال لايىھىسى پىچەت چىقىپتۇ، بولسا مەنمۇ بىر تىرمىنال ياسىتاي يۈرۈپتىمەن ئاينا، ياسايدىغان ئىش بولسا تاسسىدە بىرنى ياسىمامدۇق ؟
رەھمەت، ئابرالنىڭ ئەپنى ياسامدۇق ياكى لايىھىسىنىلا قىلامدۇق ؟
ئەپ ياسىساق ئېسىل ئىش بولاتتى، باھاسى مۇۋاپىق بولسا ئەلۋەتتە..
قارىغاندا ئۇيغۇربەگ بىلوگ دۇنياسىغا قايتىپ كېلىدىكەندە.
سىلىنى يەنە تەلىم ئالاي دېگەن؛
شىركەت بەت ياساپ باققانتىم، ئەمما تور خاتىرە شەكلىدىكى بىلوگ ئۇسلۇبى بىلەن شىركەت ئۇسلۇبى ياساشتا ئىشلىتىدىغان فۇنكسىيە ۋە كودلاردا پەرق باركەن. بولسا شىركەت بەت ياساشتا ئىشلىتىدىغان قوللانما كودلار ماتېرىيالى بولسا تەمىن ئەتكەن بولسىڭزى. رەھمەت.
ئېلخەت: alptegin@qq.com
رەھمەت.
مەن بۇرۇن ياساپ باققان شىركەت تور بېتى ئۇسلۇبىدىن بىرنى ئەۋەتىپ بىرەي ، كۆرۈپ بېقىڭ.
ررەھمەت، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر بەگنىڭ بىلوگىنىڭ يانفۇن كۇرۇنمە يۇزى بەكلا ئۇزچىقىپتۇ يەنە سىزنىڭ بىتىڭىزنىڭ سۇرتىمۇ بەكلا تىزلىشىپ كىتىپتۇ باشقا دوسلارغا قانداق تۇيغۇ بەردىكىن . ..
كەپ يوقلاپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت يولۇچى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئالدى بىلەن بوشلۇق كۆچكەنلىكىڭنى تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن.
ئاندىن، ئەينى چاغدا iOSغا قىزىقىپ ماتىرىياللارنى سېتىۋېلىپ، قاتتىق قىزغىنلىقىم بار چاغدا مۇشۇ تېرمىنال ئۈچۈن تۇتۇش قىلغىنىمدا، ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ لايىھىسىنى ياساپ بەرگىنىڭگە ھەم كۆپتىن كۆپ رەھمەت، شۇ تاپتا لايىھە ھېلىھەم iOS كودلىرىنىڭ ئارىسىدا بويۇن قىسىپ يۈرۈپتۇ.
ئىنشائاللاھ، ئىرادەنى قايتىدىن مەھكەم باغلىغاندا، شۇ لايىھەنى پۈتتۈرگەنلىكىڭنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ تېرمىنالنى پۈتتۈرۈۋەتمىسەم…
ئىشلىرىڭىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئەپنى بالدۇرراق پۈتتۈرۈپ چىقىشىڭىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
لايىھە چوڭ سۈپەت چىقىپتۇ ، قوساقتا ئۇماچ جىقكەن جۇمۇ ئەجرىم جان…