مۇسلىم تېمىسىدىكى كارتون ئوبراز توپلىمى

بۈگۈن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ۋېي شىن باش سۆرىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم... ياۋرۇپا مودا (ئاندا-ماندا مودا ئەمەس...) قىزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى باش سۆرىتى قىلىۋاپتۇ. بۈگۈن توردىن مۇسلىم تېمىسىدىكى كارتون ئوبرازى سىڭدۈرۈلگەن رەسىملەرنى تاللاپ چۈشۈرۈشپ قويدۇم... ھەمدە ھېلقى ساۋاقدىشىمغا يوللاپ قويدۇم. باش سۈرەت چوقۇم مۇسلىم رەسىملىرى بولسۇن دىگىنىم ئەمەس... باش سۈرەت قىلىشقا چەسىم چىقمىغاندەك ياۋرۇپا مودا (ئاندا-ماندا مودا ئەمەس...) قىزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى باش سۆرەت قىلغاندىن كۆپ ياخشى...

another_hijab_drawing__d_by_jyuosan-d5xy3ow

logobg

untitled_2_by_jyuosan-d630fol

داۋامىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ

1 ئىسىل
قاچىلىنىۋاتىدۇ...
  • ھاجى 2013-05-28 01:06 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز. گەرچە ئۇ پەقەت بىر سۈرەت بولدىمۇ مەلۇم دەرجىدە شۇ كىشىنىڭ خاراكتىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا دىققەت قىلماي بولمايدۇ.

  • باشاق 2013-06-02 06:22 جاۋاب

    بەك ياخشى ئويلاپسېز ،دىگەندىكىدىك شۇنداق قىلسا ياخشى بولاتتى بەزىلەر ،

  • يولۇچى 2013-06-05 06:19 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قارسام بۇ رەسىملەر بىر-بىردىن ئوماق ئۇز رەسىملەردەك قىلدۇ مەنمۇ چۈشۈرۈپ ساقلىۋالسام بولغىدەك رەھمەت سىزگە

  • مەلەك 2013-06-28 08:31 جاۋاب

    ياپۇنىيەلىك نايزاك بەك جىق سىزاتتى مۇشۇنداق رەسىمنى ، سىلەرنىڭ بلوگىڭلارنىڭ ئۇلىنىش بېتىدا بىر گۈزەل سەنئەت تور بېتىدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگىنىڭ ئۇلىنىشى بار ئىدى ، شۇ يەردىمۇ مۇشۇنداق رەسىم سىزغانلار بەك جىقكەن ، مەن ئاشۇ تور بەتنى بەك ياقتۇرغان ، خەلقئارالىق گۈزل سەنئەت تور بېتى ئوخشايدۇ ، ئەرەپلەرنىڭ مىللىيچە نەقىشلىك ھۆسىن خەتلىرى ، لايىھەلىرى باركەنتۇق، كومپىيوتىر بىر ئۆچتى ئىككىنچى تاپالمىدىم

    • كۆنچى 2013-06-28 16:48 جاۋاب

      شۇنداق، ئۇ توربەتنى ئارلاپ تۇرىمەن. مەزمۇنلار ھەقىقەتەن مول، سەرخىل. . ئوتتۇر ئاسىيا سەنئەتكارلىرىنىڭ ئەسەرلىردىن ھۇزۇرلانغىنى بولىدۇ.

      • ئىلتەرش 16 كۈن بۇرۇن جاۋاب

        ئەمسە شۇ بىكەتنى قالدۇرمامسز بىزگىمۇ ؟؟

        • كۆنچى 16 كۈن بۇرۇن جاۋاب

          كەچۈرۈڭ . ئۇ تور بېكەت يېقىندا تاقالدى.

ئىسىم ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى چۇقۇم تولدۇرۇڭ