نۇرغۇن تور بەت قۇرغان دوستلار مۇشۇ MP3 ناخشا قويغۇچ ئىزدەپ ئاۋارە،ياكى بولمىسا ئۇيغۇرچە تونۇتالماي دىگەندەك… بۈگۈن dewplayer نى چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بېكەتكە ئورنىتىپ سىناپ باققان ئىدىم تازا ئەپلەشتى .ئۇيغۇرچىنى 100% تونۇيدىكەن كاساپەت… قېنى لازىم بولغان دوستلار بېتىڭلارغا قويۋېلىڭلار…
بۇ يازمىلارنىڭ كاتوگريسى : مۇزىكا قويغۇچ
بۈگۈن WDL نىڭ يازمىلىرىنى كۈرىۋېتىپ ئۈزۈمنىڭ لايىھىلەپ يۈرگەن ui لايىھىلىرىمنىڭ تولىمۇ قوپال چىقىپ چىقىپ قالغانلىقىن ھېس قىلپ قالدىم. لېكىن مەن مۇشۇنداق ui لايىھەلىرىنى ياخشى كۆرىمەن،بۈگۈن سىلەرگە ھەمبەھىرلىگەن خام ماتېرىياللار Dribbble نىڭ 2012-يىللىق ئەڭ يېڭى UI PSD ماتېرىياللىرى. شۇنداق ئۆزگىچە.قانغۇچە ھۇزۇرلىنىڭ …
تەتىل،ئوقۇش باشلاش ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كىتىپ ئەجرىمنى يوقلىيالماي قالدىم.ئاپتاپقا سېلىنماي قالغان ئەسەرلىرىممۇ يىغىلىپ قاپتۇ.كونىسىنى دىمەي،بۇ كۈنلەردە ياتاقتا تور يوق،بۇگۈن چۈشتىن كىيىن دەرىس بولمىغاچقا زىرىكىپ ئولتۇرۇپ مۇنۇ نەرسىلەرنى ياساپ چىقىپتىمەن… ئەجرىمنى يوقلاش باھانىسىدە ئېلىپ كەلدىم. UI لايھەلىرىگە يېڭى قول تىققاچقىمىكىن دىگەندەك ياخشى لايىھەلەپ بولالمىدىم… شۇنداق بولسىمۇ تەكلىپ پىكىرىڭلارنى بىرىپ قويساڭلار…
قايسى كۈنى ھەزرەت گىرافىكىدە 60 يۈرۇش مۇزىكا \فىلىم قويغۇچ كۈرۈنمە يۈز لايىھىسى psd خام ماتىرياللىرىنى تەمىنلەپ ئۆتكەن ئىدى.ئارىدىن ماڭا ياققان بىر نەچچىسىنى چۈشۈرۋالدىم.شۇنۇڭ بىلەن مۇنۇ مۇزىكا قويغۇچنى ياساپ چىقىتىم.بۇ مۇزىكا قويغۇچنى بلوگىمنىڭ header قىسمىدىكى سۈرەت ئالمىشىپ تۇردىغان فىلەش ئورنىغا قويۇش مەقسىتىدە ياسىغان ئىدىم.ياساپ بولۇپ قالسام سىغىمى ئازراق چوڭ چىقىپ قاپتۇ، ئالدىراپ ياسىغاچقىمىكىن كۈرۈنمە يۈزىنى دىگەندەك سۈزۈك چىقىرالمىدىم.ئىشلىتىلگەن خام ماتىرياللار :
ئۇدۇن بىلوگى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كىچىك تىپتىكى مۇزىكا قويغۇچ لايىھەسى.
مۇزىكا قويغۇچقا بىر قانچە تىرە ھۆججتى سەپلەپ بىرىلدى.خالىغان چاغدا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
مۇزىكا قويغۇچقا تېكىست كۆرسىتىش بار\يوق ئىككى خىلدا ياسالدى.
بۇ خىل قۇيغۇچقا قۇشۇلىدىغان ناخشا سانى چەكلەنمەيدۇ. ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ تەڭشىۋېلىشقا تامامەن بولىدۇ.
مۇزىكا قويغۇچ چوڭلىقى :تەخمىنەن 60kb
كۆرۈنۈش ئۈنۈمى : ئۇدۇن بىلوگى
ئارخىپلارنى كۈرۈش