نۇرغۇن تور بەت قۇرغان دوستلار مۇشۇ MP3 ناخشا قويغۇچ ئىزدەپ ئاۋارە،ياكى بولمىسا ئۇيغۇرچە تونۇتالماي دىگەندەك… بۈگۈن dewplayer نى چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بېكەتكە ئورنىتىپ سىناپ باققان ئىدىم تازا ئەپلەشتى .ئۇيغۇرچىنى 100% تونۇيدىكەن كاساپەت… قېنى لازىم بولغان دوستلار بېتىڭلارغا قويۋېلىڭلار…
ئالاھىدىلىكى:
1.سىپتا ،چاققان،.
2. كۆپ خىل شەكىلدىكى ناخشا قويغۇچ.
3.توردىكى ناخشىنى بىۋاستە تارتىپ قويغىنى بولىدۇ.ناخشا چوقۇم بوشلۇقتا بولۇش ھاجەتسىز.
4. ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەش قوللايدۇ.
كۆرۈنۈش ئۆنۈمى:
ھازىرچە مۇشۇ بىر نۇسقىسى ئۈلگە ئۈچۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. باشقا نۇسقىلىرى:
ئەگەر بۇ نۇسقىدىكى ئۇيغۇرچە ناخشا قويغۇچ لازىم بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ …
code
بولاق چۈشۈرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
بولسا، بۇ قويغۇچنى بىلوگقا قانداق ئورنىتىش، قانداق مۇزىكا يوللاش ، … ۋە باشقا تەپسىلاتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىۋەتكە بولسىڭىز، بەك ياخشى بولاتتى.
بولاقنى چۈشۈرۈپ بوشلۇقنىڭ باش مۇندەرىجىسىگە قويىمىز… ئاندىن code نى بېسىپ كودقا ئىرىشىمىز،ئاخېردا مۇشۇ كودنى ناخشا قويغۇچ كۆرۈنىدىغان جاي يەنى سىز خالىغان جايغا قويسىڭزىلا تامام.
ماڭا ئەڭ تېگىدىكى ناخشا قويغۇچ لازىم ئىدى. مۈمكىن بولسا يوللاپ بەرسىڭىز.
چۈشۈرۈش ئادېرىسى بولاق ھالەتتە تەمىنلەنگەن،،، چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ… ئۇيغۇرچە نۇسقىسى لازىم بولسا qq ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ…
ماۋۇ بولىدىغان ئوقەتكەن. ئانا تىلنىڭ ھوزۇرى باشقىچە.