بۇ يازمىلارنىڭ كاتوگريسى : ئەجرىم

يەنە بىر يىل… يەنە شۇ كالېندار. تورنى ئۇيان ئىزدەپ بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى تاپقىنىم پۇللۇق كالېندار  خام ماتېرىياللىرى بولدى.  يەنە ئادەتتىكى كۆرۈمسىز نۇسخىلىرى بولسا ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولۇپ چىقىتى… يەڭنى تۇردۈم دە ئۆزۇم بىرمۇ بىر ياساپ كەتتىم … نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇيغۇرچە كالېندار دە… ئېنگلىزچە ياكى خەنچىگە ئوخشىمايدۇ… ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇرەككەپ بولىدىغان گەپكەن… گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولۇپ تۇرسۇن .قېنى شۇ ئەمگەك مېۋەمنى تېتىپ باقامسىز ؟

توربەت ،بلوگچىلىقتا بىتىڭىزنى ئانداق-مانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى توختاپ قالمايدۇ دېگىنى بولمايدۇ. شۇڭا، بېكەت ئېچىلمايدىغان ۋاقىتتا زىيارەتچىلەرگە بېكەتنىڭ يېڭىلىنىۋاتقانلىقى ياكى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بىر ياخشى ھەم ئۆزگىچە بولغان كىچىك بەت ياساپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا زىيارەتچىلەرگە بولغان تەسىر ياخشى بولىدۇ . كىيىنچە بىكىتىڭىزگە كىرىپ قاراپ بېقىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدۇ دىگەن گەپ.

ئۇزۇن بولدى .بلوگىمنى يوقلىيالمىدىم.بۈگۈن يېڭى يىللىق ئازغىنە سوۋغامنى كۆتۈرۈپ سىلەر بىلەن سالاملىشاي.يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

بىر كۈنى بىر دوستىمىز مىنى ئىزدەپ مەۋسۇملۇق ئىنتاھانغا فىلەشتىن ئەسەر تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.ئۇيان-بۇيان تارتىشىپ ئاخىر ئىشلەپ بىرىشكە قوشۇلغانمۇ بولدۇم.شۇنداق قىلىپ بىكار بولغاندا مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.قۇربان ھېيىتنى ئۇنداق-مۇنداق قىلىپ خەنچە چۈشەندۇردۇق.لىكىن تېخى پۈتتۈرۈپ بولالمىدىم.ئىشلەش جەريانى خېلى جاپالىق بولدى،adobe flash cs5  بىر قانچە قېتىم قېتىپ قېلىپ قايتا ئىشلەشكە مەجبۇرمۇ بولدۇم.شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇ يەرگە ئەكەلدىم .پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى نۇسقۇسىنى كىيىنكى ساندا يوللايمەن.

قايسى كۈنى ھەزرەت گىرافىكىدە 60 يۈرۇش مۇزىكا \فىلىم قويغۇچ كۈرۈنمە يۈز  لايىھىسى psd خام ماتىرياللىرىنى تەمىنلەپ ئۆتكەن ئىدى.ئارىدىن ماڭا ياققان بىر نەچچىسىنى چۈشۈرۋالدىم.شۇنۇڭ بىلەن مۇنۇ مۇزىكا قويغۇچنى ياساپ چىقىتىم.بۇ مۇزىكا قويغۇچنى بلوگىمنىڭ header قىسمىدىكى سۈرەت ئالمىشىپ تۇردىغان فىلەش ئورنىغا قويۇش مەقسىتىدە ياسىغان ئىدىم.ياساپ بولۇپ قالسام سىغىمى ئازراق چوڭ چىقىپ قاپتۇ، ئالدىراپ ياسىغاچقىمىكىن كۈرۈنمە يۈزىنى دىگەندەك سۈزۈك چىقىرالمىدىم.ئىشلىتىلگەن خام ماتىرياللار :

بۇگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغىنىم <بىر تاغار كونۇپكا> .كۆپلىگەن تورداش دوسلار بۇ كونۇپكىلارغا ئىھتىياجلىققۇ دەيمەن،  بەزى تور بىكەت ئۇسلۇبلىرى كونۇپكىلارنى رەسىم+خەت ھالىتىدە تەمىنلەنگەن بولىدۇ.  يەنە بەزى تور بىكەت ياكى ۋورد پرېس ئۇسلۇبلىرىدە بولسا مۇنۇ كونۇپكىلار پەقەت رەسىم ھالىتىدىلا تەمىنلەنگەن .ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ،  رەسىم تەھرىرلەشتىن ئانچە خەۋرى يوق دوسللارنى دەل مۇشۇ كۇنۇپكىلار قىيناپ قۇيدۇ،  تور يۈزى كۆركەم بولىشى ئۈچۈن ئەسلى تىل(ئىنگىلىزچە\خەنزۇچە) ھالىتى بويچە يوللاپ قويغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.  ئەگەر شۇ كونۇپكىلار سىزنى قىينىغان بولسا ھېچ ئۇيالماي  ئەجرىمدىن سوراڭ..  بىزدە بار بولغىنى دەل سىز ئىزدەۋاتقان <بىر تاغار كونۇپكا>………..

بۇ ئىشقا قىزىقىشىم بار بولغاچقا ئىرىنمەي لايىھەلەپ باقتىم. بۈگۈنكى كۈندە كۆپ دىتاللارنىڭ يۈز قىسمى ئەينەكسىمان لايىھەلىنىۋاتىدۇ. مەنمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ياساپ باقتىم،باھا بەرگەيسىزلەر …

ئەتراپىڭىزدا سىز كۆرۋاتقان ،ئاڭلاۋاتقان،ئىشلىتۋاتقان…..ھەربىر نەرسە<لايىھەلەش>باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۆتكەن ئەمەس. بەزىللىرى قاراشقا ناھايتى چىلايلىق،سىپتا.لىكىن ئىشلاتسىڭىز ناھايتى قوپال،يەنە بەزىللىرى قارماققا تولىمۇ كۆرۈمسىز،قوپال.لىكىن ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ تولىمۇ ياخشى لايىھەلەنگەنلىكىنى بايقايسىز.بۇنداق مىساللار كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا ناھايتى كۆپ.كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا كۆرۈپ،ئىشلىتىپ تۇرغان ،بىز پەقەت بايقىمىغان ياكى  ۋاقىت سەرىپ لايھەلەپ باقمىغان خالاس….

 
 

ئارخىپلارنى كۈرۈش

مەن بىلەن QQ دا ئالاقىلىشىڭ .

ئەجرىمدىن ھۇزۇر سۈرگەنلەر

  • Loading...
 

تەۋسىيەلىك مەنزىللەر

 

ئەجرىمدىن ھۇزۇر سۈرۋاتقانلار

 

قوشنا مەھەللە

 
 
 

يازمىلارنىڭ ئايلىق ئارخىپى

 

يېقىن يول