بۇ يازمىلارنىڭ كاتوگريسى : ئۈنۈم

گۈدۈكنىڭ Android نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن .شۇنداق كۆرگەم  لايىھىلەنگەن . بۈگۈن نېمە بولدىمىكىن ئۇيغۇرچە دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ھازىرقى زامان يەنى windows8 نۇسخىسىدا لايىھىلەپ باققۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن باشباشتاقلىق بولسىمۇ گۈدۈككە قول سالدىم دە مانا مۇشۇ ھالەتكە ئەكەلدىم. ئەلۋەتتە گۈدۈكنى مۇشۇنداق كۆرۈنۈشتە بولسىكەن دېگەن ئويۇم يوق. بۇ پەقەت مىنىڭ قىزىقىشىم خالاس. قېنى كۆرۈپ تەكلىپ پىكىر بىرەسىلەر…

يەنە بىر يىل… يەنە شۇ كالېندار. تورنى ئۇيان ئىزدەپ بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى تاپقىنىم پۇللۇق كالېندار  خام ماتېرىياللىرى بولدى.  يەنە ئادەتتىكى كۆرۈمسىز نۇسخىلىرى بولسا ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولۇپ چىقىتى… يەڭنى تۇردۈم دە ئۆزۇم بىرمۇ بىر ياساپ كەتتىم … نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇيغۇرچە كالېندار دە… ئېنگلىزچە ياكى خەنچىگە ئوخشىمايدۇ… ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇرەككەپ بولىدىغان گەپكەن… گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولۇپ تۇرسۇن .قېنى شۇ ئەمگەك مېۋەمنى تېتىپ باقامسىز ؟

CSS3 بولسا CSS تېخنىكىسىنىڭ ئاشۇرۇلغان نەشرى،CSS3 نىڭ تەرەققىياتى بۆلەكلەشتۈرۈشكە قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بۇرۇن قوپال،قاتتىق،مۇرەككەپ بولسا ھازىر كىچىك،سىلىق،سىپتا،ئاددى بولۇشى بىلەن تور بەت ياسىغۇچى،تور بەت زىيارەتچىلىرىگە چۈشىنىش ئاسان بولۇش ،يېقىشلىق بولۇشتەك شارائىتلار ھازىرلاندى. تۆۋەندە بۇ خىل تېخنىكا ۋە ئۈنۈمدىكى كۇنۇپكىلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى…

بۈگۈن بىر ساۋاقدىشىم تېلفۇن قىپتۇ. دىيىشىچە مۇنۇ كارتونغا ئازراق ئىش قوشىشىمىز لازىمكەن. ئۇنۇڭ دىيىشىچە بۇ كارتوننى ئوقوتۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتەرمىش.بولىدۇ دىدىمدە ئىشىمنى باشلىۋەتتىم.ئىككى سائەت ھەپىلىشىپ باشتىن-ئاخىر تولۇق پۈتتۈردۈم.بالىلار كۆرىدىغان بولغاندىكىن بالىلارچە تۈس بەردىم دىسەممۇ بولىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ بىر نۇسقىسىنى دوستۇم ئەپ كەتتى .يەنە بىر نۇسقىسى بولسا ئەجرىمدە قېپ قالدى ….

قايسى كۈنى ھەزرەت گرافىكىدە ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولىدىغان ئۇسۇل تونۇشتۇرۇلغانتى.مەن سىناپ بېقىش نىيتىدە ھەزرەت تەمىنلىگەن photoshop يىشىل نۇسقىسىنى چۈشۈرۈردۈم.قوزغاتقان چاغدا قارىسام كۈرۈنمە يۈزى باشقىچە تۇرىدۇ،بۇرۇن photoshop me نۇسقىسىدا مۇشۇنىڭدەك ھالەتنى كۆرگەن بولساممۇ ئانچە ئىرەن قىلمىغان ئىكەنمەن.ps نى تورا ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن ئۆزى ياقتۇرغان كۈرۈنمە يۈز ھالىتى بولۇشى تۇرغانلا گەپ . قېنى ئەمسە سىزمۇ بىرنى لايىھەلىۋېلىڭ.

بۈگۈن تور ئارلاپ ھەزرەت يوللىغان بىر قانچە رەسىمگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى. تېگىگە يەتسەم ئەسلى بىر خام ماتىريال ،ئۇسلۇب تەمىنلايدىغان بىر تور بەت ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىجادى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئىكەن. قارسام مەن تونۇيدىغان ،تونىمايدىغان ئۇيغۇر لايىھە ئۇستىللىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بار ئىكەن. كۆرمىگەنلەر كۆرسۇن دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كىلىشىم. ئەمسە شۇ لايىھەلەردىن تەڭ ھۇزۇرلىنايلى….

ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ھەممە ئۆز  كۈچۈنى چىقىرىۋاتىدۇ.جۈملىدىن بۇ يىلىقى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىئالاھىدە قوللىغان << 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى >> دىمۇ  كۆپچىلىك بەس-بەستە ئەقىل-يول كۆرسىتىشىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشماقتا. بۇ پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ جانلىق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرقايسى لايىھە بلوگلىرىمۇ بىر كىشىلىك ھەسسىسسىنى قوشىشى ئېنىق. ئادىدى بولسىمۇ بىر نەچچە فىلەش تەشۋىقات لايىھەلىرى ئالغاچ كىلىشىم. بۇ پائالىيەتنىڭ تېخمۇ جانلىق ،ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.     —ئەجرىم بلوگى

ئۇدۇن بىلوگى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كىچىك تىپتىكى مۇزىكا قويغۇچ لايىھەسى.

مۇزىكا قويغۇچقا بىر قانچە تىرە ھۆججتى سەپلەپ بىرىلدى.خالىغان چاغدا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

مۇزىكا قويغۇچقا تېكىست كۆرسىتىش بار\يوق ئىككى خىلدا ياسالدى.

بۇ خىل قۇيغۇچقا قۇشۇلىدىغان ناخشا سانى چەكلەنمەيدۇ. ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ تەڭشىۋېلىشقا تامامەن بولىدۇ.

مۇزىكا قويغۇچ چوڭلىقى :تەخمىنەن  60kb

كۆرۈنۈش ئۈنۈمى : ئۇدۇن بىلوگى

 
 

ئارخىپلارنى كۈرۈش

مەن بىلەن QQ دا ئالاقىلىشىڭ .

ئەجرىمدىن ھۇزۇر سۈرگەنلەر

  • Loading...
 

تەۋسىيەلىك مەنزىللەر

 

ئەجرىمدىن ھۇزۇر سۈرۋاتقانلار

 

قوشنا مەھەللە

 
 
 

يازمىلارنىڭ ئايلىق ئارخىپى

 

يېقىن يول