photoshop قوزغالغاندىكى كۆرۈنمە يۈزىنى تەھرىرلەش
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2012-02-28
- /
- ئاۋاتلىقى :289 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
قايسى كۈنى ھەزرەت گرافىكىدە ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولىدىغان ئۇسۇل تونۇشتۇرۇلغانتى.مەن سىناپ بېقىش نىيتىدە ھەزرەت تەمىنلىگەن photoshop يىشىل نۇسقىسىنى چۈشۈرۈردۈم.قوزغاتقان چاغدا قارىسام كۈرۈنمە يۈزى باشقىچە تۇرىدۇ،بۇرۇن photoshop me نۇسقىسىدا مۇشۇنىڭدەك ھالەتنى كۆرگەن بولساممۇ ئانچە ئىرەن قىلمىغان ئىكەنمەن.ps نى تورا ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن ئۆزى ياقتۇرغان كۈرۈنمە يۈز ھالىتى بولۇشى تۇرغانلا گەپ . قېنى ئەمسە سىزمۇ بىرنى لايىھەلىۋېلىڭ.
1.كرەكلىك ماتىرياللار:
PE Explorer بۇ ئاساسلىقى dll ھۆججىتىنى يىشىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
http://www.hanzify.org/?Go=Show::List&ID=6447
2.تەھرىرلەش باسقۇچى
1.PE Explorer نى چۈشۈرۈپ ئورنىتىش،ئىجرا قىلىش
2.C:\Program Files\Adobe\Adobe Photoshop CS4\PSArt.dll فوتوشوپنى ئورناتقان ھۆججەت خالتىدىسىن PSArt.dll ھۆججتىنى ئېچىڭ.
3.تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .
4. رەسىمدىكى كونۇپكىنى بېسىپ ھۆججەتنى يېيىشنى باشلاڭ.
5. يىشىلىپ بولغاندىن كىيىن pngf دىگەن ھۆججەتنى يايىمىز. ۋە رەسىملەر ئارىسىدىن بىز تەھرىرلىمەكچى بولغان SPLASHARTBACKGROUND_PNG.png رەسىمنى تېپىپ چىقىمىز.
6. تاللىغان سۈرەتنى ئوڭ چىكىپ ئۈستەل يۈزىگە ساقلىۋېلىڭ.
7. ئەمدى تالانتىڭىزنى ئىشقا سالىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى .photoshop نى قوزغىتىڭ. ھەمدە ساقلىغان سۈرەتنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ھالەتكە كەلگۈچە تەھرىرلەڭ... خۇددى ماڭا ئوخشاش...
8. ياساپ بولدىڭىزمۇ ؟ ئەمدى PE Explorer كە قايتىپ كىلىمىز . 6-باسقۇچقا ئوخشاش رەسىمنى ئوڭ چىكىپ 编制资源 دىگەننى تاللاڭ.
9. رەسىمدىكى كونۇپكىدىن تەھرىرلەپ بولغان رەسىمنى تاللىۋالىمىز. ئۈستەل يۈزىدىكى رەسىم.
10. كۆرۈنگەن رامكىدىكى 是 نى بېسىپ داۋاملاشتۇرمىز.
11. ئەمدى PE Explorer يۈزىدىكى 保存 نى بېسىۋىتىڭ . كۆرۈنگەن رامكىلارنى 是 نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
12.ئىش تامام. ئەمدى photoshop نى قايتا قوزغۇتۇڭ.
دىققەت قىلىدىقان ئىشلار:
رەسىم چوقۇم png فورماتىدا ساقلىنىشى ، تەھرىرلىگەندە رەسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا دىققەت قىلىش كىرەك.بايقىغان بولسىڭىز photoshop قوزغالغاندا بىر قاتار ھۆججەتلەرنى چۈشۈرلىشى كۆرنىدۇ. بۇ ئورۇنلارنىڭ تەگلىك قىسمىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
مەن ps cs3 تە PSArt.dll دېگەن ھۆججەتنى ئېچىپ، سىناپ باقتىم. راستىنلا ئىسىل يازما بوپتۇ.
رەخمەت. ھازىر PS قوزغالغاندا باشقىچە تۇيغۇدا بولىدىغان بۇلۇپ قالدىم.يارىشىدىكەن
.تېخىمۇ ياخشى يازمىلار بىلەن ئەجرىمنى قىزىتىمىز …
«ئەجرىم» تەتىلدىن كېيىن يەنە قىززىپ كېتىدىكەن- دە؟ تەتىلدىمۇ قىزىسا بولاتتى.
مەنمۇ بىر نۇسقا لايىھەلىۋالدىم.ئەجرىمدىن ئەقىللەر داۋاملىق تۆكۈلسۇن.
فىلەش نىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولامۇ؟
بۇنى چىقىرىپ بەك ياخشى قىلىپسىز،رەھمەت سىزگە.بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق گۇمپىلار بولسا بىزدىن ئايىمىغايسىز…