بۇ ئايلىق لايىھە خام ماتېرىيال توپلىمى
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2014-08-19
- /
- ئاۋاتلىقى :183 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەجرىم بلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى، يازمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ئاستا بولسىمۇ يوقلاپ تۇرغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. ئوقۇش پۈتكەندىن كىيىنكى بىر ئۇزۇن سۈكۈتتىن كىيىن يەنە بلوگىمغا قايتىپ كەلدىم. يازمىلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئەمدى تىزلەشكۈسى.
يېقىندا قىلىۋاتقان ئىشلىرىم ئاساسلىقى لايىھە بولغاچقا خام ماتېرياللار يېقىلىپ دۆۋە بوپ كىتىپتۇ. ياخشى نەرسە خۇپيانە قالمىسۇن دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ . شۇڭا مۇشۇ يەرگىلا تۆكۈۋەتتىم. ياخشى پايدىلىنىپ ئىسىل لايىھىلەرنى بارلىققا كەلتۈرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەسلى دېمەي دېگەن، تېمىنىڭ ئاستىغا يېزىپ قويۇپسىز دىۋان دەپ، مەنمۇ دەپ قوياي ئەمىسە، دىۋان!
چۈشۈرۈۋالدىم ئەمىسە، رەھمەت جۇمۇ!
كىچىككىنە تەكلىپ: خام ماتېرىيال يوللىغاندا، مەنچە ئىچىدىكىلىرى ھەققىدە تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈش، ھېچ بولمىغاندا قىستۇرما سۆرەتلىرىنى بولسىمۇ يوللاپ قويغىن، قىزىققانلار ئۆزى بىلىپ چۈشۈرسۇن، بۇنداق قىلغاندا باشقىلارغىمۇ قولاي بولىدۇ. ئەمدى قولۇڭغا چايدو ئېلىپ ئارقامدىن قوغلىساڭ بولىدۇ…
بولىدۇ. پەيزى چىققانلىرىدىن بىر قانچىنى قىستۇرۇپ قوياي. چايدۇنى قولغا ئەپ قويغان، كەپ بولامايلا كەتتىڭغۇ.
مەن ۋەتىنىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا Adobe Photoshop CS نىڭ سۇرەتلىك ئۈگۈتىدىغان تور بەت ئادرىسى بولسا خاپا بولماي دەپ بەرسەڭلا بوپتىكەن مەن ھېچ ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاۋال بلوگىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن بلوگىنىڭ سۇرتى بۇرۇنقىدىن خېلىلا تىزلىشىپ كىتىپتۇ بۇ لايىھە خام ماتېرىيال لىرنى مەنمۇ چۈشۈرۈپ ساقلىۋالاي