Photoshop بۇ يىل 25 ياشقا كىردى. سىز قايسى نەشىرىدىن باشلىغان؟
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2015-02-28
- /
- ئاۋاتلىقى :525 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئۇنۇڭ-بۇنۇڭدىن
1990-يىلى 2-ئايدا ، Photoshop نىڭ 1.0.7 لىق تۇنجى نەشىرى ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ ، سىغىمى پەقەت 800KB لىق يۇمشاق دسكا ھالىىتدە ئىدى . مانا 25 يىلمۇ ئۇتۇپ كەتتى ، Photoshop ھازىر لايىھەدە ، سەنئەتكار ۋە فىلىم ئىشلەشلەردە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قورالغا ئايلاندى .
2015-يىللىق ئوسكار كېچىلىكى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىكتە Photoshop نىڭ 25 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىمۇ قۇتلۇقلاندى. Adobe شىركىتى 《Dream On》 تىمىسىدىكى قىسقا فىلىمنى تارقاتتى. بۇ تەشۋىقات Adobe شىركىتى قارمىقىدىكى Goodby Silverstrin & Partners ئىشلىگەن بولۇپ Photoshop ھەرخىل ساھەلەردە ئىشلىتىش ھالەتلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان.
بۇ قىسقا فىلىمگە ئىشلەتكەن خام ماتىرىياللارنى دۇنيادىكى ھەرقايسى سەنئەتكارلاردىن توپلىغان بۇلۇپ ، سەنئەتكارلار ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى PSD فورماتىدا Adobe شىركىتىگە يوللاپ بەرگەن بۇلۇپ ، ئەڭ ئاخىرى Adobe شىركىتى بۇ ئەسەرلەردىن نادىر بولغان 35 ئەسەرنى تاللاپ ، مۇشۇ قىسقا فىلىمنى ئىشلەشكە ئىشلىتىپ ، بۇ قىسقا فىلىمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغان بۇلۇپ ، بۇ قىسقا فىلىم ئوسكار مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا قۇيۇلغان .
مەن Photoshop 7 دىن باشلاپ ئىشلىتىپتىكەنمەن. سىز چۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن Photoshop نى Photoshop 7 دىن باشلاپ ئىشلىتىشنى ئۇگۇنۇپتىكەنمەن لىكىن مەنمۇ ھازىرphotoshop cs3 ئالماشتىم
photoshop cc 2014 نەشىرى چىقتى. ئەڭ يېڭى نەشىرىگە يىتىشىۋېلىڭ. يېڭىلىقلار زور.
Photoshop 7 دىن باشلاپ ئىشلىتىپتىكەنمەن. لىكىن ھازىر ئىشلىتۋاتقىنىم photoshop cc 2014
Photoshop 7 دە ئۆزىمىزنىڭ بېشىنى چولپانلارنىڭ بېشىغا چاپلاپ يۈرەتتۇق. شۇ چاغلاردا تورخانىغا تولا كىرەتتىمكەن.
مەندىن ئازراقلا چوڭكەن بۇ پوق تۇشۇپ (ھا ھا ھا)
حى حى.
مۇشۇ نەرسىنى تىتىۋىتىدىعان ئش بولسا ………………..
مەنمۇ Photoshop 7 دىن باشلىغان دىسەم بولىدۇ لېكىن زە ھېچ بىر ئىش قىلالمايمەن تا ھازىرغىچە ھى ھى ھى
tizyol.com نىڭ كىنو مۇقاۋە لايىھەلىرى بولھا ھايىت دەڭ جۇمۇ . لىكىن تىزيول توختاپ قالدىمۇ نېمە؟
سۆيۈملۈك فوتوشوپ !
مەن مۇ photoshop7 دىن باشلاپ ئىشلىتىپتىكەنمەن. ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتمەن، ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئىشلىتىمەن. ھازىر phohotoshop cs6 نى ئىشلىتىۋاتىمەن.
مەن ھازىر كارتونلارن CS6 دە سىزىۋاتىمەن .يانداش 3DS MSX ,MAYA نى ئويناۋاتىمەن
مەن photoshop2 دىن باشلاپ ئىشلەتكەن، ئېچىلغاندا پەينىڭ رەسىمى بېرى. تەتىلدە photoshop3 نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ تۇرغان، ھازىرچە شۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
سىزنىڭ دىگىنىڭىز Photoshop CS2 . ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز Photoshop CS3
مەن قېرىپتىمەنمۇ نېمە؟ 5.4 نەشىرىدە تونۇشقان بۇ گۇي بىلەن
مەنمۇ شۇ 7 دىن باشلاپ ئىشلىتىپتىمەن….ئۇقۇغان ۋاقىتلىرىمدا مۇئەللىم 8.0 دىن دەرىس ئۆتەتتى……كىيىنچە بەك ئىشلەتمەي بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدىم….بۇ ھۆنەرنى ئىشلىتىپ تۇرمىسا ئادەم ئۇنتۇپ قالىدىكەن….
مەنمۇ 7 دىن باشلىغان جۇمۇ ھازىرغۇ cc ئوينايمىز