
يېقىندا تونۇشلىرىمدىن بىرى مۇنۇ لايىھىنى يەنى مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك تېمىسىدىكى ماركىنى لايىھىلىگەن ئىدى. ماڭا شۇنداق يارىغان ئىدى. دېيىشكەن ۋاقىت ئىچىدە ماركىنى كۆرسىتىپ پىكىر-تەلەپ ئالماقچى بولۇپ كۆرسەتكەن بولدۇق. ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. بۇ لايىھە ئۇ كىشىگە ياردىمۇ يارىمىدىمۇ بىلەلمەي مۇشۇ يەرگە ئەكەلدۇق. قېنى تورداشلار، بلوگداشلار، لايىھىچى دوستلار بۇ ماركىغا قارتا كۆز قاراشلىرىڭلارنى، تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار…








