ماركىغا قىسقىچە چۈشەنچە30/10/2011
ماركا لايىھىلەش – ئەمەلىي نەرسىلەرنى لايىھىلەش بولۇپلا قالماستىن ، بىر خىل گرافىك سەنئىتى لايىھىلەش ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ باشقا گرافىك سەنئىتى ئىپادلەش
ۋاستىسى بىلەن ئوخشاشلىقى بولغاندىن سىرىت يەنە ئۆزىنىڭ سەنئەت قانۇنىيىتى بار . ئۇ چوقۇم ئالدىدا ئيىتىلغان ئالاھىدىلىكنى ئەكىس ئەتتۇرۈرگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ .
بۇنىڭغا قويۇلغان ‹‹ ئاددى ، يىغىنچاق ، مۇكەممەل ›› بولغان تەلەپ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى لايىھەنى تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر ھەم قاتتىق بولۇپ ، قىيىنلىق دەرىجىسى باشقا ھەر قانداق گرافىك سەنئىتى لايىھىلەشكە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ .
زامانىۋى كۆرۈش سىزىم سەنئىتى لايىھىلەشتە ، ماركا لايىھىلەشكە ئۈچ خىل زۆرۈر ئامىل ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ :
(1) سۈرئەت . ھازىرقى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىز بولغان ئەۋال ئاستىدا ، لايىھىلىگەن ماركىلار چوقۇم بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان ئىخچام ۋە ئوچۇق بولۇشى .
(2) ئىنىقلىقى . ئەكىس ئەتتۈرگەن مەزمۇننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ . شىركەت ، گوروھ ، مەھسۇلاتلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرغان بولۇشى .
(3)ئۇچۇر مىقدارى . مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چۇڭقۇرلىقى .
يەنە تولۇقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك بولغان تەرەپلەردىن ، شەكىلنىڭ گۈزەللىكى ، بىز كۆرگەن بەزى لايىھىلەر ئاددى ، چۈشىنىشلىك بولسىمۇ گۈزەل ۋە كۆركەم ئەمەس ، بەزىلىرىنىڭ شەكلى ، بەزىلىرىنىڭ ئاق قارا سىزىقلىرى تەكشى بولمىغان ، ئومومەن ئىلىپ ئېيتقاندا شەكىل ۋە ئوبىراز قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن ، بۇنداق ماركىلاردا سەنئەتلىك جەلىپ قىلىش ۋە كۆرۈش سىزىم كۈچى بولمايدۇ .
ماركا لايىھىلىگەندە ئالدى بىلەن بىر قانچە مۇھىم پىرىنسىپلارنى مۇلاھىزە قىلىش كىرەك .
(1) پەرىقلەندۈرۈشچانلىقى . ماركا چوقۇم ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان بولۇپ ، باشقىلار كۆرۈپلا بىلەلەيدىغان ۋە ئەستە تۇتالايدىغان ، چۇڭقۇر ۋە ياخشى تەسىر قالدۇرغان بولۇشى كېرەك . نىسپى جەھەتتىن ئىيتقاندا ماركا باشقا ماركىلارغا ئوخشاپ كەتسە ۋە يىقىنلىشىپ قىلىپ ، ئالاھىدىلىكى سۇس بولۇپ قالسا چوقۇم باشقىلارغا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرالمايدۇ .
(2) ئىجادىيەتچانلىقى . لايىھىلەش ئىجادىي ئوي – پىكىر ۋە شەكىلگە ئىگە بولغان بولىدۇ . ماركا تېخىمۇ ھەم شۇنداق ، ئىجادىي ماركا چوقۇم باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە تەسىر قالدۇرالىغان ھەم ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كىرەك . ئىجادىيەت ئويدۇرۇپ چىقارغان بولسىمۇ ، ئەنئەنە ۋە ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشلاردىن ئىلىنىپ كونىلىرىنى چىقىرىۋىتىپ يېڭىلىرىنى ياراتقان ئىجادىي تەپەككۇر بولغان بولسىمۇ بولىدۇ .
(3) دەۋىرچانلىقى . ماركا دەۋىردىن ئايرىلىپ ئارقىدا قالغان تەسىرلەرنى قالدۇرماسلىقى كېرەك . ھازىرقى زامان كارخانىلارنىڭ ماركىلىرى زامانىۋىلىققا ئىگە بولۇپ ، تارىخى ئەنئەنىنىگە ئىگە كارخانىلار زامانغا ماسلىشىپ يىڭى ئىقىمغا ئەگىشىپ ماڭغان بولىدۇ .
(4) رايونچانلىقى . ئۇ بەلكىم تەشكىلى ئاپپاراتلارنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىنى ، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئارقىدىكى مەدەنىيەت يىلتىزى ، بازار دائىرىسى ۋە ئوبيېكتنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولىشى مومكىن . ماركا ئىنىق بولغان رايون ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ نىسپى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان خەلقئارالىق ئوبىرازغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك .
(5) ئۇيغۇنچانلىقى . ماركا چوقۇم ئورگان كارخانىلارنىڭ قوللىنىدىغان كۆرۈش سىزىمى يەتكۈزۈش ۋاستىسىدۇر . ھەر خىل ۋاستىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ياكى چەكلىنىشچانلىققا ئىگە بولغان بولۇپ ماركىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەر خىل ۋاستىنىڭ شارائىتىغا ئۇيغۇن كەلگەن بولىدۇ . مەيلى شەكىل ، چوڭ – كىچىكلىك ، رەڭ ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن بولسۇن ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىش كىرەك .
ياخشى لايىھىلىگەن ماركا ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ خىل چوڭ روھنى ھازىرلىشى كىرەك دەپ قارايدۇ .
(1) تەشەببۇسچانلىقى . كارخانا ئىنتىلگەن غايىنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئاندىن ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدىغان شەكىل ۋە رەسىمگە ئايلاندۇرىمىز ، ھەمدە ئەڭ مۇۋاپىق كەلگەن ۋەقەلىك بىلەن ئىجادىيەتنى ئىپادىلەپ ئەڭ ئاخىرىدا كارخانىنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان قىممىتى ۋە مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرىمىز .
(2) خەلقئارالىقى . دىمەكچى بولغىنىمىز يەرلىكتىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بىر قاراشتىنلا جۇڭگو ، ۋە ياكى چەتئەلنىڭ كارخانىسى ۋە ياكى داڭلىق ماركىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ ئاستا – ئاستا كىشىلەر قەلبىدە ياخشى تەسىر شەكىللەندۈرۈش . قىسقىچە ئېيتقاندا يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ مەنىسىدىن ، غەرپ گۈزەل – سەنئىتىنىڭ شەكىل قۇرۇلمىسىدىن ئىپادىلەپ تېخىمۇ خەلقئارالىققا يۈزلەندۈرىمىز .
(3) كۈچ قۇۋۋەت ۋە كۈچلۈك ھىسىيات بولغاندىلا ھازىرقى ئىھتىياجنى ماركىدا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ .
ياخشى لايىھىلىگەن ماركا كەڭرى دائىرە ، ئىگىزلىك ۋە ئۇزۇنلۇق قاتارلىق ئۈچ خىل ئامىلغا ئىگە بولغان بولىدۇ .
(1) كەڭرى دائىرىلىكى . ئىسىم كارتۇچكىسى ، كارتا ، سوۋغات بويۇملار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماركىنىڭ دائىرىسىنى كىڭەيتىپ قوللانغان شەكىلدۇر . بەزى ماركىلارنى ئىسىم كارتوچكىغا ئىشلەتسە چىرايلىك كۆرۈنگەن بىلەن باشقا كارتىلارغا ياكى قاتلانما ۋاراقلارغا ئىشلەتسە ياخشى چىقمايدۇ ، بۇنداق ماركىلار ياخشى لايىلەنمىگەن ماركا بولىدۇ ، ماركا چوقۇم كارخانىنىڭ ھەممە ئالاقە تەشۋىقار قۇراللىرىغا ئورتاق كىڭەيتىپ قۇللىنالىسا ياخشى لايىھىلەنگەن ماركا ھېسابلىنىدۇ .
(2) ئىگىزلىكى . خەلقئارالىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئىپادىلەنگەن ئوبرازنىڭ رەڭگى ۋە شەكلى جەھەتتىن يۇقۇرى تاماملاش سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان بولىشى كىرەك .
(3) ئۇزۇنلىقى . ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشچانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ماركا بىر ئىككى يىل ئىشىلىتىلىپلا كونا ماركىغا ئايلىنىپ قالىدىغان بولماي چوقۇم كارخانا بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ ، تەڭ تەرەققىي قىلالايدىغان بولىشى ، ئاڭ ئاز دىگەندىمۇ ئون يىگىرمە يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك .
مىنېڭمۇ ئۇدۇن ياكى سىرداشقا ماركا لاھىيەلەتكۈم بار ئىدى، لېكىن ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان نەدە ھە.
دىيىشىپ قالساق ئاددى بولسىمۇ بىرەرنى ياساپ باقاتتۇققۇ !!!!
ئەجرىم بىلوگىدىكى مەزمۇنلار مەن قىززىقىدىغان مەزمۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىلوگىڭىزغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن قېرىندىشىم!
قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت ، ھەممىمىز بىر يولدىكىلەر.بۇ يولدا ئۆز-ئارا يار- يۈلەكتە بولامىز ….