ئالتۇن ياتار سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا2013/02/17
يېقىندا تونۇشلىرىمدىن بىرى مۇنۇ لايىھىنى يەنى مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك تېمىسىدىكى ماركىنى لايىھىلىگەن ئىدى. ماڭا شۇنداق يارىغان ئىدى. دېيىشكەن ۋاقىت ئىچىدە ماركىنى كۆرسىتىپ پىكىر-تەلەپ ئالماقچى بولۇپ كۆرسەتكەن بولدۇق. ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. بۇ لايىھە ئۇ كىشىگە ياردىمۇ يارىمىدىمۇ بىلەلمەي مۇشۇ يەرگە ئەكەلدۇق. قېنى تورداشلار، بلوگداشلار، لايىھىچى دوستلار بۇ ماركىغا قارتا كۆز قاراشلىرىڭلارنى، تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار…
…………………………………………………………………………………..
ئەگەر ماۋۇ ماركا ماڭا يارىدى ئۆتكۈزىۋالىمەن دەيدىغانلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ…
[wwww.muslimfood.com تور نامى مىسال ئۈچۈنلا ئېلىندى.]
بەك ياخشى چىقىپتۇ . مىنىڭ كۆز قارىشىم بويىچە ھازىر ئۇيغۇر لايىھلەتكۇچىلەرگە قاتمال ،تومتاق لايىھە بەك يارايدۇ . ماۋۇ لايىھە ئاددىي چۇشۇنىشلىك چىقىپتۇ . ئەجىرىمجان بالا قونچاقلار ھىچ كۆرۇنمەيدىغۇ چىراي ئىپادىسى قىستۇراي دىسەم ..
مېنىڭچىمۇ ئادىي-ساددا، مەنىلىك، چوڭ سۈپەت لايىھە بوپتۇ.
لايىھە مۇشۇنداق ئاددى،چۇشۇنىشلىك،چوڭقۇر مەنسى بار چىقىسا ئاندىن كۆزگە باشقىچە كۆرۇنىدىكەن.لېكىن نۇرغۇن كىشلىرىمىز ئۇششاق-چۇششەك رەسىملىرى جىق نەرسىلەرنى ياخشى كۆردىكەن دېسە.ئىسم كارتۇچكىسىمۇ شۇنداق،يامان قالايمىقان،كىچىككىنە نەرسىگە ھەممە نەرسىنى چىقىرىدۇ.گەپنىڭ پوس كاللىسى ئېسل چىقىپتۇ،بارىكاللا.
شۇنداق پاكىز ئاددى چىقىپتۇ . ھازىرغىچە تېخى مىللىتىمىزنىڭ گۈزەللىك سەنئەت كۆز قارشى يىتىلمەيۋاتىدۇ. ئاساسەن مۇرەككەپ نەرسىلەرگە ئېسىلۋالىدۇ. بۇنىڭغا ئامال يوق. مۇشۇنداق ئاستا-ئاستا سىڭدۈرۈشتىن باشقا ئامال يوق .. ياخشى چىقىپتۇ تىرىشىڭ .
لايىھە ناھايتى ئېسىل ئىشلىنىپتۇ. ئىجابىي لايىھەلىرىڭلاردىن يەنىمۇ كۆپ يوللاپ تۇرۇڭلار.
مەن ئاتىكاچىلىق قىلىپ بىر گەپ قىلاي، مىنىڭچە لاھىيەنىڭ ئاددىيلىقى ئاددىي، چۈشىنىشلىك چىقىپتۇ، ئەمدى مەسىلە، بۇ ماركا سەل ئۇزۇن، ئىشلىتىشچانلىقى تۆۋەنمىكىن دەيمەن، نىمىشقا دىگەندە ماركا بۇنداق ئۇزۇن بولۇپ كەتسە بەزى بىر ماتېرىياللاردا ئىشلەتكەندە تازا قولايلىق، ئەپلىك بولماي قېلىشى مومكىن، شۇڭا ئوبرازلىقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئاساستا، تېخىمۇ ئەپلىك، سىغىمچان قىلىپ ئۆزگەرتسەك تېخىمۇ ياخشى بولامىكىن
دىگىنىڭىز توغرا،،، ئۇزۇن ھالەتتە بولسا جىق ئورۇنلاردا ئىشلىتىش ئەپسىز بولۇپ قېلىشى ئېنىق.. بۇ تەرەپلىرىنى ئويلىشىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن.،.. تەكلىپ پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت..