يەنە بىر يىل… يەنە شۇ كالېندار. تورنى ئۇيان ئىزدەپ بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى تاپقىنىم پۇللۇق كالېندار خام ماتېرىياللىرى بولدى. يەنە ئادەتتىكى كۆرۈمسىز نۇسخىلىرى بولسا ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولۇپ چىقىتى… يەڭنى تۇردۈم دە ئۆزۇم بىرمۇ بىر ياساپ كەتتىم … نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇيغۇرچە كالېندار دە… ئېنگلىزچە ياكى خەنچىگە ئوخشىمايدۇ… ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇرەككەپ بولىدىغان گەپكەن… گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولۇپ تۇرسۇن .قېنى شۇ ئەمگەك مېۋەمنى تېتىپ باقامسىز ؟
بۇ يازمىلارنىڭ كاتوگريسى : ئالبۇم لايىھەسى
بلوگچى دوسلار بايقىدىمىكىن،يېقىندا توردا ”ئىزباسار ژۇرنىلى “ دىگەن بىر ژۇرنال پەيدا بولدى.بۇ ھەقتە مەن بلوگىمدىمۇ خەۋەر بەرگەنتىم.بۈگۈن بۇ ژۇرنالنىڭ 2- سانى تورغا يوللىنىپتۇ.قىزىققۇچى دوسلارنىڭ چۈشۈرۈپ كۆرشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.مەن بۇ ژۇرنالنىڭ باش كورىكتورى بولغانلىقىم ئۈچۈن ژۇرنال مەزمۇندىن بىرقانچە ئۈزۈندە ئېلىپ بلوگىمدا ئاپتاپقا سالاي…
بۇ مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش .بىر لايىھەگە ئەتلەس ئۈنۈمى كىرەك بۇلۇپ تورنى كىزىۋەتتىم ،تاپقىنىم ئۇششاق ئەتلەس رەسىملىرى بولدى خالاس . ئەنە شۇ ئۇششاق رەسىملەرنى چاپلاپ كىسىپ يۈرۈپ مۇنۇ ئۈنۈمگە ئەكەلدىم .بەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دىگەن ئۈمۈد بىلەن مۇشۇ يەردە ئاپتاپقا سالدىم . كۆز قىرىڭلانى سېلىپ قۇياسىلار ، psd نۇسقىسىمۇ قۇشۇپ قۇيۇلدى.
2012-يىللىق ئۇيغۇرچە كالىندار.خېلى بۇرۇنلا لايىھەلەپ قويغانتىم.ھەمبەھىرلەشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىم. كالىندارنىڭ 2013-يىللىق نەشىرىمۇ قوشۇپ يوللاندى. يەنە psd نۇسقىسىنىمۇ تەمىنلەپ ئۆتتۈم. كالىندارلارنىڭ تەگلىك رەسىمىنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن رەسىمگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. كالىندارنىڭ flash نۇسقىسى پات ئارىدا قوشۇپ يوللىنىدۇ …
كالىندار كۈرۈنۈش ئۈنۈملىرىدىن…
بىر مەسھۇلاتنى تەشۋىق قىلىشتا ئەڭ ئاۋال ئويلايدىغىنىمىز ئېلان بىرىش ،تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار .تەشۋىقات ئالبۇمى سىز تەشۋىق قىلماقچى بولغان مەسھۇلاتنىڭ بازار تېپىش-تاپماسلىقىغا ناھايتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . تۈۋەندە باۋما پىكاۋى تەشۋىقات ئەسەرلىرىنى كۈرۈش ئارقىلىق شۇلارنى ھىس قىلىپ باقايلى .
ئارخىپلارنى كۈرۈش