ئىزباسار ژۇرنىلى 2- سانىدىن ئۈزۈندە
بلوگچى دوسلار بايقىدىمىكىن،يېقىندا توردا ”ئىزباسار ژۇرنىلى “ دىگەن بىر ژۇرنال پەيدا بولدى.بۇ ھەقتە مەن بلوگىمدىمۇ خەۋەر بەرگەنتىم.بۈگۈن بۇ ژۇرنالنىڭ 2- سانى تورغا يوللىنىپتۇ.قىزىققۇچى دوسلارنىڭ چۈشۈرۈپ كۆرشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.مەن بۇ ژۇرنالنىڭ باش كورىكتورى بولغانلىقىم ئۈچۈن ژۇرنال مەزمۇندىن بىرقانچە ئۈزۈندە ئېلىپ بلوگىمدا ئاپتاپقا سالاي…
《ئىزباسار》ژۇرنىلىمىز كەڭ دوستلار بىلەن ئىزباسارلار ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئاستىدا ئىزباسارلار تورىدا قايتىدىن يۈز كۆرۈشتى.بۇندىن كىيىن 《ئىزباسار》نىڭ ئىلكىتاب شەكلىدىكى كىيىنكى سانلىرىمۇ دوستلار بىلەن ئىزباسارلار تورىدا يۈز كۆرۈشىدۇ.ھازىر دوستلارغا ژۇرنىلىمىزنىڭ 2- سانىنى تەقدىم قىلىمىز.دوستلارنىڭ ژۇرنىلىمىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى؛ژۇرنىلىمىزغا قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىشىنى ۋە ئەسەر ئەۋەتىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!بۇ بىزنىڭ سىزگە سۇنغان كۆڭۈل سوۋغىمىزدۇر،كۆڭلىمىزنى يەردە قويماي سەۋارچانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.ئىشىنىمىزكى ژۇرنىلىمىزدىكى مەزمۇنلارنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز. سوۋغىمىز قەلەىب تۆۋرىڭىزدىن ئورۇن ئالغاي!ئەمسە ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ژۇرنىلىمىزنى ئوقۇشقا ئالدىراڭ!
مەنزىل :www.izbasarlar.com
لايىھەلەر ياخشى چىقىپتۇ! ئۆزىڭىز لايىھەلىگەندەك تۇرىسىز.
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم!قېرىندىشىم؛
بلوگىمغا ئىنكاس قالدۇرۇپتىكەنسىز؛(بىر نەچچەكۇن بولدى QQغا پەقەت كىرەلمەيۋاتىمەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە مەن QQنى ئانچە ئىشىلتىپ كەتمەيمەن) سىزنى QQغا قوشۇۋېلىشقا مۇمكىن بولمىدى؛ كەچۈرسىز!
ئەگەر بىرەر تەكلىپ_پىكىرىڭىز ياكى باشقا گەپلەر بولسا، سىز مۇۋاپىق كۆرگەن ئۇسۇلدا پاراڭلاشساق بولىدۇ.
تەلىم بىرىشىڭىزگە تەقەززامەن!…
ئۇلۇغ ئاللاھتىن: تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!…
ئېسىل چىقىپتۇ جۇمۇ ؟ تېخىمۇ تىرىشىڭ !!!