فىلەش ئۇلانما تاختىسى ئۆنۈمى (2)
بۈگۈن بىر دوستۇمغا دەرىسلىك لايىھەلىگەن ئىدىم.مۇشۇ كونۇپكا قىسمىغا كەلگەندە ئىلھامىم كەپ قالدى.ئەجرىمگە ئاددى ئۇلانما تاختىسىدىن بىرنى ياساپ قوياي دەپ ئويناپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ ئۆنۈمگە ئەكەلدىم.ماۋۇسنى ئۈستىدىن ئاستىغا ئوخشىمىغان سۈرئەتتە سۈرۈش ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئۆنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇلانما تاختىسىنىڭ تۈز ئۆنۈمىنى دوقمۇش فىلىمخانىسىدىن كۆرۈڭ .مەزمۇنىغا بەگ ئاكام بىلەن پىرىستاندەك بلوگ پىشىۋالىرىنى ئۇستى ئورۇنغا تىزىۋەتتىمغۇ. بلوگچى دوسلار پايدىلانسۇن دەپ ئەسلى كود ھۆججىتىنى قۇشۇپ قويدۇم.پايدىلىناسىلە ئەمسە.
رەھمەت سىزگە، مۇشۇنداق ياخشى نەرسىلەرنى ئايىمايۋاتىسىز، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، كەسپى بىلىمىڭىزنىڭ داۋاملىق يوقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تىلەكداشمەن!
بولىدىكەنسىز ! مەنمۇ ئۆزۇمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە سىلەرنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم . ئۇنۇمىنى مۇئەللىم بىلوگىدىن كۆرۈڭ ، مۇشۇنداق ھەمكارلىشىپ ، تەڭ ئىلگىرلەيلى …. رەھمەت . ئويلاپ باقسام مەنمۇ بىلوگ ساھەسىدە بىر كىشلىك قەدىر-قىممەتكە ، ھۆرمەتكە ئىرىشىپتىمەن ، بۇنىڭدىن مەنمۇ خۇشال . يەنىمۇ قوللىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن ……
شۇنداق پەچەت چىقىپتۇ ،
ھەي ئەجرىم ، ھەي ئەجرىم ! فىلەش دېگەننى ئۆلتۈردىكەنسىز ئەمەسمۇ ؟
ئۇنداق جىممىدە قاراپ تۇرغۇچە ، مۇئەللىم بىلوگىغا ئۇلىنىش تۇغىدىن بىرنى شوخ-پەچچەت قىلىپ لايھىلەپ سوۋغا قىلمامسىز ؟مەنمۇ بىلگەن بولسامزە مۇشۇ فىلەش دېگەننى ھە ……..
بولىدۇ.مەن ھازىر بېيجىڭدا بولۇپ قالدىم.قايتقاندا سىزگىمۇ بىرنى ياساپ بىرەي.مۇئەللىم بلوگىنىڭ يېقىندىن قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت.
رەھمەت سىزگە ….
ئەجىرىمزە ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىزتىل بلوگى ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ قويمايسىز ھە سىز .
ئىزتىلىمىزنىڭ قانداق ھاجىتى باركىن ؟؟؟ ئەجرىمنى ئايىمايمەن ئەلۋەتتە.
ۋاقتىڭىز يار بەرسە ئىزتىل ئۈچۈن يۇقىرقىدەك فىلەش ئۇلانمىدىن بىرنى ياسىۋەتمەمسىز ؟