Ps Play – كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە توسالغۇسىز لايىھە
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :22 كۈن بۇرۇن
- /
- ئاۋاتلىقى :278 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
ئادەتتە ئەپ لايىھەسى ئىشلىگەندە لايىھە بىر قۇر ئىشلىنىپ پىروگىراممىرغا تاپشۇرۇپ بىرمىز. پىروگىراممىر ئەپنىڭ قۇرۇلمىسىنى چىقىرىپ بىزنىڭ كۆرۈپ بېقىشىمىزغا بىرىدۇ. " توۋااااا مەن خەتنىڭ چوڭلىقىنى مۇشۇنچىلىك چوڭ ( ياكى كىچىك) لايىھەلەپتىمەنما ؟ بۇ كونۇپكا نىمانداق ئورۇق ( ياكى سېمىز ) ؟ ..... " دەپ قاقشاپ قويىمىز. پىروگىراممىر لايىھە قانداق بولسا ئۈنۈممۇ شۇنداق بولىدۇ شۇ دەپ قاقشاشلارنى ياندۇرۇپ بىرىدۇ. بۇ ئەپ سىزنى ئەنە شۇنداق قاقشاشلاردىن يىراق قىلغۇسى. پىروگىراممىر بىلەن لايىھەلىگۈچىنى ياخشى ئۆتسۇن دىسىڭىز بۇ يازمىنى ئەتراپىڭىزدىكى لايىھەلىگۈچى ، پىروگىراممىرلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ.
ئەپ ھەققىدە:
بۇ ئەپ ئاساسلىقى Photoshop تا لايىھەلىگەن مەزمۇننى يانفۇندا كۆرسىتىپ بىرىدۇ. يەنى بىر تەرەپتىن لايىھەلەپ بىر تەرەپتىن ئۈنۈمىنى كۆرگىنى بولىدۇ. لايىھە جەريانىدا رەسىمگە تارتىۋالغىنى ۋە باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگىنى بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئورگان بېتىدىن كۆرۈڭ. ( ئەپنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۆرىنىدۇ.)
ئىشلىتىۋاتقان Photoshop نىڭ نەشىرى (Photoshop CS5(12.0.4 ۋە بۇنۇڭدىن يۇقىرى بولىشى كېرەك.
كومپىيۇتىر بىلەن يانفۇن ئوخشاش بولغان سىمسىز تور ( wifi ) مۇھىتىدا بولىشى كېرەك.
پاھ نىمانداق ياخشى…
بەك ياخشى دېتالكەن ،لېكىن (Photoshop CS5(12.0.4 دىن يۇقىرى نەشرى بولۇشى كېرەك دېگىنى زە…،مەن ئاران cs3 نەشرىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپتىكەنمەن.
ئەمدى مۇشۇ بانادا كۈچۋاممامسىز قاچانغىچە كونا نەشىرنى ئىشلىتسىز، يىڭى نەشىردە يىڭلىقلاركۆپ…