ئەجرىم پەقەت بىرلا
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2014-12-11
- /
- ئاۋاتلىقى :555 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەجرىم لايىھە بلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى. يېقىندا ئاڭلىسام ئەجرىم نامىدا تور بېكەت ، ئۈندىدار سالون قۇرۇلۇپ لايىھە توغرىسىدا پاراڭلار بولۇپتۇ. مەن بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر يۇرۇپتىمەن. بىر قانچە دوستىمىز ماڭا ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ سالون قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپمۇ ئۈلگۈردى. ما ئىشنى كۆرۈڭ دەپ ئىزدەپ كۆرسەم ھەقىقەتەن شۇنداق سالون بار ئىكەن. لوگوسى ئەجرىم لايىھە بلوگىنىڭ بىلەن ئوپمۇ ئوخشاشكەن. نۇرقۇتتىكى باللارمۇ ئىزدەپ ئەجرىم نامىدا بىرەيلەننىڭ قالايمىقان جۆيلۈپ يۇرگىننى ئېيتتى. ئەجرىم نامىدا لايىھە بېكەتلىرمۇ باركەن ئەمەسمۇ... شۇنداق قىلىپ بېكەت ، سالون قۇرغان بالا بىلەن ئالاقىلاشتىم. كەچۈرۈم سورغانمۇ بولدى . لېكىن نېمە قىلىشىمنى بىلمىدىم. ئاخىرى قانداق بولار ؟؟؟
شۇڭا بۇ يەردە دوستلارغا ئەسكەرتىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. ئەجرىم لايىھە بلوگى www.ejrim.com بىرلا . باشقا ئەجرىم نامىدا قۇرۇلغان سالون، تور بېكەتلەرمەن ۋە ئەجرىم لايىھە بلوگى بىلەن مۇناسىۋاتسىز. . ئەجرىمدىن ئەقىللەر تۆكۈلسۇن.
بىر قىسىم ھېلىقىدەك ماڭا تەۋە ئەمەس نەرسىلارنىڭ رەسىملەر :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توربەت توغرىسىدا بۇ ئەسكەرتىشنى بىرىپ ياخشى قىلدىڭىز مەنمۇ نۇرقۇتتا بىرەيلەننىڭ سىزنىڭ نامىڭىزنى قوللىنىۋالغانلىقىنى كۆرگەنتىم مەنمۇ سىزگە مۇشۇ توغرىسىدا بىر ئۇچۇر يازاي دەپ ئويلاشقانتىم ئۆزىڭىزمۇ كۇرشۇپ بوپسىز ئۇلار بىلەن بۇممۇ ياخشى بولغىنى ئەمدى بارلىق ئەجرىملاشلار خەۋەردار بۇلدىغان بولدى بۇ ئىشتىن. . . . .
قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
ئۇ بالىنىڭ http://www.ejrim.cn دەپ بىر بېتىمۇ بارغۇ دەيمەن. سالونىنى كۆرگەن، راستىنلا سىزنىڭ تۇغىڭىزنى ئېسىۋاپتىكەن. ئەمما ئۇنىڭ سىزنىڭ بىلوگ ئۇسلۇبىڭىزنى تارقىتىپ يۈرمەكچى بولغىنىنى بىلمەيدىكەنمەن.
نەشىر ھوقوقى بولغان بولسا پاتۇرۇپلا قوياركەنمىز…
مۇشۇنداق ئەخلەت ئىنسانلارنىڭ كۆپلىكىدىن لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ قىممىتى بولمايۋاتىدۇ.
خەپ…
ئەجرىمجان تور بېكەت ياكى بىلوگنى «ماسلىشىشچان» قىلىش ئۈچۈن قايسى تېخنىكىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ؟ css يازغاندا % ئىشلىتىش سەل ئەپسىز بىلىندى. تەلىم بەرگەيلا.
يانفۇن بەت ياساش دەرىسلىكى نۇرقۇت تورىدا تەپسىلى سۆزلەندى. ئىزدەپ كۆرۈڭ
مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ باركەنھە.
يانفون توربىكىتى ياسىغاندا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟
مۇشۇ ھەقتە بىر تەلىم بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
http://uycdn.somkam.com/ بۇ تور بەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تور بېتىڭىزگە ئاسسىڭىزلا بولىدۇ.
بۇنداق قىلمىشلار بۇرۇن خەنلەردە كۆپ ئىدى ،ھازىر نىمە ئىشكىن بىز خەقلەرگىمۇ بۇ ئىش يۇققىىلى تۇرۇپتۇ ،ئىسپاتلىرىنى ئېلىب قويۇپ ھەر قايسى بىلوگداشلارنىڭ بىلوگىدا ئاشكارا سازايى قىلىشى كېرەك ! شۇندىلا بەلكىم جىمىپمۇ قالار بۇ ئىشلار
توغرا ئەجرىم ،مېنىڭ ۋوردپرېسس ئۇسلۇب تۈزەشتىن ھېچبىر خەۋىرىم يوق ،يېقىندا ۋوردپرېسس كە ئۇسلۇب ياساشقا قىزىقىب قالدىم ،بىلمىدىم بىرەر دەرسلىك بولسا تەۋسىيە قىلارسىزمۇ ؟
ئەجرىم بلوگىنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئۇسلۇب ياساش دەرىسلىكى مۇئەللىم بلوگىدا ، دوغاپ بىلوگىدا بار ئىدى. شۇ بلوگىلارغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇپ باقسىڭىز.
رەھمەت سىزگە ،شۇنداق قىلاي .
بايا ئىككىلىك كودى ئارقىلىق قايتا ئىزدەپ باقتىم. تۇغىنى بولسىمۇ ئالماشتۇرۇپتۇ، ھاھا.
لاھىيە پەچەت چىقىپتۇ ، تىمسىقلاپ يۈرۈپ بۇ يەرنىمۇ تېپىۋالدىم مانا! — ئالىپبەگ ، ئەپ ماھىرى …. كونا تونۇشلار ئاساسەن بۇ يەردىمۇ باركەنغۇ ، ئالىپبەگلەر بۇرادەرلەر سىلەر ھەمبەھىرلەش دىگەن سۆزنى ئۆگەنمىگەنمۇ؟ سىزلەر خېلى بۇرۇنلا باردەك قىلىسلە ئەمما مىنىڭ ئەمدىلەتىن بىلگىنىم قىزىق ، ئەمدى بولسىمۇ قورۇنماي ئولتۇراي پەگادا ! — ‹چاقچاق› 00 (كۆز قىسىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
دىدار غەنىيمەت
ئۆزۈر،! پادىچى بۇرادەر سىزنى بىلىدىغۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن! ھەمبەھىرلەشنىلا ئەمەس، بەلكى ھەمبەھىرلىنىشنىمۇ بىلىمىز! خۇشخۇي ھالدا كۈلۈمسىرگەن چىراي ئىپادىسى!
پادىچى بۇرادەر ئۆزۈر، مەن تېخى سىلىنى بىلىدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن. ئەجرىمجاننىڭ كەپىسىدە بىلىم دېگەن توشاق. ۋوردورەسنى ئەجرىمجاننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن خېلە پىششىقلىۋالدىم.
زىيارەتچىلەر كۇپيۇپ قاپتۇ ھە.
مەنمۇ تېخى ئىككى ئەجرىمنى بىر ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن. ماۋۇ ئەجرىمنى تەستە تاپتىم جۇمۇ. بولمىسا تۇنۇش – بىلىشلەر كىرىپ تۇرىدىكەن.
بۇ ئەجرىم دېگەن ئىسىم بەك ياخشى ئەمەسمۇ، تالاشقۇچىلىكى بار زادى. ۋەھشى سەت ھېجايغان چىراي ئىپادىسى. بۇرۇن ئەجرىم دېگەن ئۇسلۇبنى تارقىتىشىم پەقەت ئۇ مېنىڭ مۇكەممەلرەك (شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزەمچە) يېزىلغان تۇنجى ئۇسلۇبۇم ھەمدە ئەجرىم (ھېچنىمە بىلمەس چېغىمدا ئەجر جىق كېتىدىكەن) بار بولغاچقا شۇنداق قويغان. سىزنىڭ باشقىچە چۈشەنمەسلىكىڭىزنى سورىۋالاي. يەنە ۋەھشى سەت ھېجايغان چىراي ئىپادىسى.
ئۇسلۇب باشقا . ئەجرىم نامىدا لايىھە تور بېتى ئېچىش باشقا. تور سودا دىگەندەك cn , com نى قوشۇپ ئېلىۋىتىدىغان گەپكەن
مەن ئۆتكەندە زاپەر ئەجرىمنى كۆرۈپلا ھەيران قالغانتىم ، ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ، تور نامى تىزىملاتقاندا چوقۇم cn , com , ۋە باشقىلىرىنىمۇ قوشۇپ تىزىملىتىۋەتكەن ياخشىكەن ، بولمىسا خەقلەر توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلايدىكەن ئەمەسمۇ . . .
راست دەيسىز. بۇرنۇمغا سۇ كىردى