10،000 يۈەنلىك تېلىفۇن تېما لايىھىسى2013/05/10
ئۇزۇن بولدى بىلوگىمنى يوقلاپ بولالمىدىم. ئادەم چوڭ بولغانسىرى كاللىدىكى ئويمۇ، قولدىكى ئىشمۇ جىق بولىدىغان گەپكەن. تۇيۇقسىز كاللامغا توردا دۇكان ئېچىپ بېقىش ئويى كىلىپ قالدى، پىلانلىرىم ئوزلىگىدىن سوقۇلۇپ كەتتى… ئولتۇرالمىدىم…ھە مانا ئەمسە دىدىمدە دۇكاننىمۇ ئېچىۋالدىم. سودا قانداقراق دەمسىز ؟ بوپ قالىدۇ… (نېمە دىمەكچى بولغىنىمنى بىلگەنسىز،،،) ئۆيىدىن چىقماي نان يەيدىغانلارغا دۇكان ئادرېسىمنى قالدۇرۇپ قوياي http://ajrim.taobao.com/ . مەكتەپتە << كىتابخانا باشقۇرۇش سىسىتىمىسى>> دىگەن بۇ تۈرنى قولۇمغا ئالغان ئىدىم. ھىلىھەم شۇ تۈرنى قىلىۋاتىمىز… مانا بۇگۈن يېرىم كىچە بولغان بولسىمۇ… شۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ بۇگۈن دوسلارغا 360 تېلىفۇن تېما لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە 10،000 يۇەن مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئۇشبۇ لايىھەنى ھۇزۇرلىنىشڭىلارغا سۇندۇم.. ھۇزۇرلانغايسىلەر…
مەن يەنە نېمە دىمەكچى ؟ تەۋسىيە: zcool ماۋۇ تورغا كىرىپ تۇرۇڭلار،يېڭىلىنىش سۈرئىتى ىېلى تىز،، ps ئۈگۈنۈشكە تازا ماس كىلىدۇ،،، باشقىلارنىڭ لايىھە ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، ئوخشىتىپ ياساپ باققۇلۇق… يەنە ps تىن تاپشۇرۇق ئىشلەپ تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ…
توربەت ئادرېسى: http://www.zcool.com.cn/
——————————————————–
«كىتاپخانا باشقۇرۇش سېستىمىسى» نى قايسى پىروگىرامما تىلىدا يازىسىز ؟
بۇ توربەت سېستىمىسى ئىدى بۇنى مەن ئۈزۈم يازسام يېزىپ بولالمايمەن.. سىنىپتىكى تۆت بالا بىرلىشىپ يېزىۋاتقان.. كۆرۈنمە يۈزىنى jsp دە . باشقۇرۇش سۇپىسىنى php دە يېزىۋاتىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، سىز دىن سورىماقچى بولغىنى ھىچقانداق تەگلىك ئەپى ئىشلەتمەي تۇرۇپ رومنى تەھرىرىلەش ئارقىلىق، ئاۋۇ ui نى ئەسلىدىكى سستىمىدى ui نىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولامدۇ؟
سىز دىگەندەك قىلغىنى بولدىغانلىقى ئېنىق، مەسىلەن شىياۋ مى بىلەن مېي زۇ نىڭ يانغونلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ui سى بار،،، ئوخشاشلا android سىستىما…