« كۈسەنگە قايتىش » ئالىم قۇربان سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ …

نۆۋەتتىكىسى رەسسام ئالىم قۇرباننىڭ 2015- يىلدىن ھازىرغىچە بولغان يېڭىچە ئىدىيە بىلەن سەنئەت ئىزدىنىشلىرىدىن بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق....

1019

ئالىم قۇربان . 1968- يىلى شىنجاڭ باي ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1985- يىلدىن 1988- يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىدا ئوقۇغان. 1988- يىلدىن 2010- يىلغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەلىمىن گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپىسىدا مەسئۇل بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2010- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنيەت يۇرتىدا كەسپي رەسسام بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. شىنجاڭ گۈزەل – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك گۈزەل سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

ئىستىقباللىق رەسسام ئالىم قۇربان 1988- يىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ماي بوياق ئىجادىيەت سېپىگە قۇشۇلغان.ھازىرغىچە مەملىكەت، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ھەر خىل گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، « ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى »، « ئاپتور پورتېرېتى »، « ئۆتكەن كۈلەر »، « تۇخا سۇقۇشتۇرۇش »، « ياشانغان سەنئەتكار »، قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1- ، 2- ، 3 - ، دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ پارچە رەسىمى چەتئەللىك سەنئەتكارلارنىڭ ياختۇرۇپ ساقىلىشىغا مۇييەسەر بولغان. 1999- يىلى « ياشانغان سەنئەتكار » ناملىق ئەسىرى مەملىكەتلىك كۆرگەزمىدە « ئاممىۋي يۇلتۇز » يۇلتۇز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2002- يىلى « يۇرتۇمدىكى قىزچاق » ناملىق ئەسىرى مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك ئامىمىۋي يۇلتۇز كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. 2003- يىلى « ئانار » ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو – سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن. 2005- يىلى « توغراق ۋە ئادەملەر » نامىلق ئەسىرى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50- يىللقىنى تەبىرىكلەش ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە تاللانغان.2007- يىلى « ئېگىزلىكتىكى قوشنام » ناملىق ئەسىرى شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ياش رەسساملار كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. 2008- يىلى « سىرلىق خوتەن » ناملىق ئەسىرى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە « ئىلىم – پەن » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2009- يىلى « دولانلىقلار » ناملىق ئەسىرى « دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش شىنجاڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە » سىگە تاللانغان. 2010- يىلى « يېڭىسالىقلار » نامىلىق ئەسىرى « ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ » ناملىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. 2011 – يىلى « قاشتېشى تەرگۈچىلەر » ناملىق ئەسىرى « شىنجاڭ ماي بوياق ___ ھازىرقى زامان ماي بوياق ئەسەرلىرى » كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. 2011- يىلدىن 2013- يىلغىچە ئىككى قارار مەركىزى گۈزەل سەنئەت ئېنىستىتوتى ماي بوياق فاكۇلتېتىنىڭ 2 قېتىملىق ماي بوياق ئاسپىرانتلار سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2013- يىلى مەملىكەتلىك ئۈچىنىچى نۆۋەتلىك « جۇڭگو غايىسى » ناملىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە «مۇنەۋەر ئەسەر » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 ئالىم قۇربان تېز سىزما ئەسەرلىرى:

 ئالىم قۇربان ماي بوياق ئەسەرلىرى:

ئاخىردا رەسسام ئالىم قۇرباننىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز .

-كۈرەش

قاچىلىنىۋاتىدۇ...
  • ئابدۇبەگ 2015-05-15 13:59 جاۋاب

    ۋاھ بەك ئۆز گىچىكەن رەھمەت…

  • پرېستان 2015-06-05 19:14 جاۋاب

    بۇ ئاكىمىز تولا ئۇچرايدۇ ماڭا، ئەمما رەسىمنى بۇنداق چىرايلىق سىزىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

ئىسىم ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى چۇقۇم تولدۇرۇڭ
رەسىم قىستۇرۇش