illustrator دا ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە يېزىش
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2015-08-30
- /
- ئاۋاتلىقى :5,063 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
ھەممىمىز بىلىمىز Photoshop تا CS6 نەشىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە يازغىنى بولىدۇ.
تېخى بىلمىگەن بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ !
ئەمىلىيەتتە illustrator دىمۇ ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە يازغىنى بولىدۇ. تەڭشەيدىغان جاي Photoshop بىلەن ئوخشىمايدىكەن بىز سىناپ باققان دەمسىز ؟ illustrator دا تەڭشەش كەتمەيدۇ. قاچىلاپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدىكەن شۇ...
ئۇيغۇرچە بىۋاسىتە يېزىش قەدەم باسقۇچلىرى:
1- قاچىلىغاندا تورسىز ھالەتتە يەنى كومپيۇتېرنى توردىن ئۈزىۋىتىپ تۇرۇپ قاچىلاڭ. تۆۋەنكىدەك باشقۇچقا كەلگەندە تىل تاللاش رامكىسىدىن " ئېنگىلىزچە- ئەرەپچە " نى تاللاپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز.
ئەگەر illustrator نى جىق ئىشلەتمىگەن، ئېنگىلىزچىدە 0 بولسىڭىز كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ ئاۋارە بولماڭ.
2-قاچىلاش جەريانىدا ئېنگىلىزچە- ئەرەپچە تىل بولىقى قاچىلىنىش بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرى قاچىلىنىدۇ...
3- قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىشى مومكىن. كارىڭىز بولمىسۇن ، illustrator قاچىلىنىپ بولدى.
4-ئەمدى illustrator نى قوزغۇتۇڭ.
5- تېكىست كۆزنىكىدىن بىرنى قۇرۇڭ. بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىشنى باشلاڭ. خەتنىڭ يونىلىشىنى بەلگىلىمەكچە بولسىڭىز ئىستىرىلكىدا كۆرسىتىلگەن بەلگىگە قاراڭ.
چۈشۈرۈش
Adobe illustrator CC 2015 ( ئەڭ يېڭى نەشىرى)
چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بېسىپ ئەڭ ئاستىدىكى "دېتاللار" دىن illustrator ۋە باشقا دېتاللانىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرلىرىنى چۈشۈرۋېلىڭ.
ئىسىل!ئالما كومپىيۇتۇرنىڭمۇ باردۇھە
سىناپ باقمىدىم ، ۋىندوۋس بىلەن ئوخشاش بولىشى مومكىن.
يۇمشاق دىتال تىلى ئىنگىلىزچە بولۇپ قالىدىكەن، خەنچە قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ.
بولىدىكەن. لىكىن 100% ئەمەس، يەنىلا مۇشۇ ئۇسۇل ئەڭ قۇلايلىقكەن.
قانداق يازىدۇ
PS گە ئوخشاش بىۋاستە تەڭشەپلا قىلىش زادى مۇمكىن ئەمەسمىكەن ؟
بولمايدىكەن ئەمەسمۇ…
بۇ يازمىنىمۇ ناھايتى ياخشى يىزىپسىز ئەمەلىيەتتە ai دا سىز دىگەن ئۇسۇلدىن باشقا يەنە photoshop cs6 دە ئۇيغۇرچە خەت يىزىۋىلىپ psd فورماتىدا ساقلىۋالاندىن كىيىن، psd فورماتىدىكى ھۆججەتنى ai ئارقىلىق ئىچىپ خەت يازغاندىمۇ ئۇيغۇرچە ناھايتى نورمال چىقىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ai نى قاچىلاپ بولغان دوسىتلار ئىشلەتسە ناھايتى مۇۋاپىق بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم.
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سىز تىل ئۆزگەرتىشىڭىزمۇ ھاجەتسىز سىناپ باقسىزىڭىز بولىدۇ. مەن تىڭى كۆپچىلىكنى بۇ ئۇسۇلنى بىلىپ كەتتى دەپ بىرەر مەزمۇنمۇ يازماپتىمەن ماڭا ئۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتكىلى 3 يىل بوپ قاپتۇ بۇمۇ بولغىنى بۈگۈن بۇ يازمىنى كۆرمىگەن بولسام بىلگىىنىم كۆمۈلۈپ قالاركەنتۇق
مۇشۇ illustrator دىتالىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇكەممەلرەك ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە سۆرەتلىك دەرىسلىكى بارمۇ ؟ بار بولسا تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىزكەن . ئىشتىن سىرت ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم بار ئەمما يىتەكچى يوق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .
مەندە خەنزۇچە دەرىسلى بار لازىم بولسا چ چ غا يىزىپ يوللاپ بىرەي
چ چ:1253541928
LOGO ئۆزگىرەپتۇ ھە ~
ئېسىل مەزمۇندىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
بۇ ئۇسۇل after effects قاتارلىقلاردا ئىشلىمەيدىكەن…
مىنىڭچە بۇنداق قىلىش بەك ئاۋارچىلىق ئىكەن. سىزگە ئەڭ ئاسان ئۇسۇلدىن بىرنى دەپ بېرەي.编辑 نى تاللاپ ئاندىن 选项ئاندىن 文字 ئاندىن 选项显示印度语 نى تاللاپلا Ai قايتا قوزغاتسىڭىزلا ئىش تامام ۋەسسالام. ئاندىن ئانا تىلىمىزنى بىۋاستە راھەت يېزىڭ.
چوقۇم AI cc 2014 . AI cc2015 ياكى AI cs6 完整版 تولوق نۇسقىسى بۇلىشى كېرەك.
بۇنداق ئاۋارچىلىقتىن كۆرە خىيال خەت كىرگۈزگىچى بىلەن يازساقلا بوممىدىمۇ؟بەرىبىر يەنە خەت نۇسخىنى تاللايدىغان گەپ
تولىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش بوپتۇ . مۇشۇنىڭا ئوخشاش ئاۋارچىلىققا يولۇققانلار پايدىلنالايدىان بوپتىمىز . ھە راسىت Adobe Premiere دە قانداق توغۇرلايمىز ئۇيغۇرچە يېزىشنى ؟