Flat UI قەشقەر ھېيىتگاھ
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2014-03-29
- /
- ئاۋاتلىقى :74 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
خېلىدىن بېرى ياپىلاق ئۇسلۇبتا بىرەر لايىھە ئىشلەپ بېقىش ئويۇم بار ئىدى. بۈگۈن قەشقەر ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ ماي بوياقتا سىزىلغان رەسىمىگە كۈزۈم چۈشۈپ ياپىلاقلاشتۇرۇپ باققۇم كەلدىيۇ ئەپلىشىپ قالدىلەر... ئاڭلىسام ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مۇنار سول تەرىپىدىكى مۇناردىن خېلىلا سېمىزكەن. بىلمىگەن ، دىققەت قىلمىغان دوسلار مۇشۇ پۇرسەتتە بىلىۋېلىڭلار. قىز دوستۇڭلار بىلەن قەشقەرگە بېرىپ قالساڭلا دەيدىغان گەپ چىقىدىغان بولدى.
ماي بوياق رەسىم.(كىمنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم)
Flat UI قەشقەر ھېيىتگاھ
ئەمما ئىلھام دېگەن راۋۇرۇس باركەن جۇمۇ سىلىدە.
راست، sidebar.php نى ئۇسلۇب ئېندكس بېتىگە ئۇلىسام ئۇسلۇبنىڭ يان تىزىملىك قىسمى بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. رەسىمىنى يوللاي دېسەم يوللىيالمىدىم. راست مۇشۇ clear : both دىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلەلمىدىم، ئاشۇ ئىككى جاينى ھەل قىلىۋەتسەملا ئۇسلۇبۇم پۈتۈپ كېتەتتى.
رەھمەت،، ئۇسلۇبنىڭ ئىشىنى يەنىلا QQ دە دىيشەيلى، 137325527 مىنى قاچىلىۋېلىڭ.
http://pan.baidu.com/s/1bn5rv7D
مانا بۇ لايىھە رەسىمى،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، لايھە ئوبدان چىقىپتۇ.
@ejrim ka ichim din ot chiqir wettingiz jumu!
flat uiدىەن نىمە مۇشۇنى بىر ئېقىغاراق چۈشەدۈرۈپ قويغان بولسىلا بوپتىكەن ھە
flat دېگەن ياپىلاق، تەكشى دېگەن مەنىدە. ui بولسا كۆرۈنمە يۈز لايىھىسى دېگەن مەنىدە. ئىككىسى قوشۇلسا ياپىلاق كۆۈرۈنمە يۈز لايىھىسى بولىدۇ…
مۇشۇ flat لايىھەسى توغرۇسىدا بىر ئاددى بىر دەرىسلىك ئىشلەپ بەرگەن بولسىلا flat نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟ قانداق لايىھىلەش كېرەك؟ قايسى دېتاللارنى ئىشلىتىمىز ، بىر ئاددى دەرىسلىكتىن بىر نى ئىشلەپ بەر گەن بولسىلا
بىزمۇ قىلىپ باقايلى
ئاندىن بۈ توربەتلىرى قايسى ئۇسلۇب wordpress مۇ ؟بىز لايىھىلىگەن لايىھىلەرنى قانداق قىلىپ مۇشۇ
wordpress ئۇسلۇبىغا ئايلاندۇرىمىز مۇشۇ توغرىسىدا بىر دەرىسلىك ئىشلەپ بەرگە ن بولسىلا ئاددى بولسىلا يۇلىنى بىلۋالساقلا بۇلاتتى ،
لايىھىلەرنى wordpress ئۇسلۇبىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قايسى تەييارلىقلارنى قىلىشىمىز ، قايسىى شەرتلەرنى ھازىرلىشىمىز كېرەك ، قايسى پىروگراممىلارنى بىلىشىمىز كېرەك خاپا بولماي تەپسىلى جاۋاپ بەرگەن بولسىلا سىلنى ئاۋارە قىلدىم
بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن . ئامىن ،
youku غا كىرىپ uyghurbeg دەپ بېسىپ كىرسىڭىز wordpress توغرىسىدا سىنلار بار، بىر بىرلەپ كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ.