wordpress يانفون ئۇسلۇبى & بەك جىق خام ماتېرىياللار
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2014-02-20
- /
- ئاۋاتلىقى :61 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
تورخۇمار ، ھەزرەت بلوگىدىن باشقا ھەممىمىزنىڭ بلوگىنىڭ يانفون ئۇسلۇبى بىر خىل ئۇسلۇب. قايسى كۈنى سەھرالىق قېرىندىشىم يانفون ئۇسلۇبىغا slider قوشىدىغان ئىشنى ئېيتىۋىدى توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بەزى ماتېرىياللارنى تاپتىم. ئارىسىدا بىر html ئۇسلۇبقا كۈزۈم چۈشتى ھەمدە چاققانلا قىلىپ wordpress ئۇسلۇبى قىلىپ قويدۇم. بۇ ئۇسلۇبنىڭ كۈرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىچە:
بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارلىرىنى چۈشۈرۈش بوشلۇققا قاچىلاپ يانفوندا سىناق قىلىپ كۆرۈڭ . ئۇسلۇب چۈشۈرۈش
يېقىندىن بۇيان ئاساسلىق قىلىدىغان ئىش ئۇسلۇب ياساش بوپ قالدى. شۇڭا بلوگدىمۇ ئۇسلۇبقا ئائىت يازمىلار كۆپرەك يوللىنىۋاتىدۇ. توردىشلا ئۇسلۇب ياساش دەرىسلىكى، ھەقسىز ئۇسلۇب توغرىسىدا ئىنكاس يېزىپتۇ. بۇ يازمىنىڭ ئۆزى دەرىسلىك . بۇ ئۇسلۇبنى بىر قۇر كۆرۈپ ،ئۇياق - بۇياق ئېتىشىپ چىقسىڭىزلا ئۇسلۇب ياسىيالايدىغان بوپ كىتىسىز. ھا ھا...
ئەمدى خام ماتېرياللار بولسا :
1.يانفۇن ئۇسلۇبلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان slider . كۆرۈش
2.بىر قىسىم يانفون، پەد html ئۇسلۇبلىرى. كۆرۈش
خام ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈش
ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت. بۇ مەۋسۇم ئۆگىنىدىغان ياخشى ماتېرىياللاركەن. ئاللاھ قولىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن.
رەھمەت ئەجرىمكا
مۇشۇ مەنمۇ يانفۇن ئۇسلۇبىغا قىزىقىمەن . توردىنمۇ خىلى ئىزدىگەن . مەخسۇس يانفۇن ئۇسلۇبى ئازكەن . لىكىن يانفۇن كومپۇيۇتۇر پەدلەرگە بىرلەشكەن بىر ئۇسلۇبلار جىقكەن . مەندە تىلفۇنغا قانداق ئۇسلۇبنى كۆرسىتىشنى توغرىلىسا شۇ ئۇسلۇب كۆرىنىدىكەن . شۇنىڭدا توغرىلاپ قويسىمۇ بولىدىكەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇشۇ ۋوردپرەس بلوگى ئۇسلۇب يېزىش دەرسلىكى ئىشلەپ تارقاتقان بولسىڭىز بوپتىكەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن مۇ ۋوردىپىستا بىلوگ قۇرغانتىم لىكىن يانفۇن بىتى يوقتى بۇ بەتنى چۇشۇرەي دىسەم چۇشۇرۇش ئادىرسى ئۇلانمىدى……..ياردەم قىلغان بوسىڭىز…….چچ:1447282825
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
خام ماتىرىيالنى چۈشۈرەي دېسەم ھەمبەھىرلىگەن ئادىرىس ئۆچۈپ كېتىپتۇ قايتا بىر تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز