ئەلرام دېتال چۈشۈرۈش بېتى ئۇسلۇبى
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2014-02-08
- /
- ئاۋاتلىقى :111 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
نەچچە كۈن ئالدىدا مۇنداق بىر ئۇسلۇب دۇنياغا كەلدى. بەت يۈزى ئاددى ، سىپتا، چاققان بىر ئۇسلۇب. بۇ ئۇسلۇبنىڭ چاققانلىقى ئالدى يۈزىدە بولۇپلا قالماستىن باشقۇرۇش بېتىدىكى دېتال تۈرلەش ئۇسسۇلى ئۆزگىچە. ھازىرغىچە ياساپ باققان ئۇسلۇبلارنىڭ ئىچىدە ئۈزۈمنىڭ نەتىجىسىدىن بەكرەك خوش بولغان بىر قېتىم بولدى. بەلكىم بۇ بەك چوڭ ئىش بولماسلىقى مۇمكىن . لېكىن مۇشۇنچىلىك ئۇسلۇب ياساپ چىقالىغانلىقىمدىن راستلا بىر خىل نەتىجە تۇيغۇسى ھېس قىلدىم.
ئۇسلۇب ئالدى بېتىنى تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرماي. تور بەتنىلا كۆرۈڭلا. » كۆرۈش
ئۇسلۇب ئارقا بېتى :
دېتاللارنىڭ تۈرلىرى ھەممىسى باشقۇرۇش بېتىدىكى كىچىك قوراللاردىن پايدىلىنىپ تىزغىنى بولىدۇ. باشقۇرۇش بېتى كىچىك قۇراللار تىزىملىكىدە "دېتال ئەندىزىسى " دەپ بىر ۋىجېت بار. بۇ ۋىجېتنى سول ئىستونغا تاشلاش ئارقىلىق ئالدى بەتنى قۇراشتۇرۇپ چىققىنى بولىدۇ. ئىشلىتىشكە شۇنداق قۇلاي.
ئارقا بەت كۆرۈنمە يۈزدىن ئۆزنەكلەر:
1. دېتال ئەندىزىسى ۋىجېتى:
2. باش بەت ئۇچ قاتار ، يەككە بەتتە بىر يان سىتون بار. بەت يۈزى ئەندىزىسى:
3. كۈرۈنمە يۈز تۈر تىزىش:
4. دېتال تۈر مەزمۇن تەڭشەش :
5. دېتال يوللاش كۆزنىكى ئاستى تەرىپى:
ئۇسلۇب ياساتقان دوستىمىز بۇ ئۇسلۇبتىن شۇنداق رازى بولدى. مەنمۇ ئۆز ئەمگەك مېۋەمدىن سۈيۈنۈپ كەتتىم. ھى ھى...
قوللار گۈزەل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ!
رەھمەت.. ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ۋوردپرېسس بىلەن ئېتىشىپلا قالدىم…
يېقىندىن بېرى لايىھەلىرىڭىزدە ئۆزگىچىلىك گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ ۋوردپرەسگە ئۇسلۇب يېزىشنىڭ ياخشىراق دەرسلىكلىرى بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز، بەكلا ئۆگەنگۈم بارتى ئۇسلۇب يېزىشنى.
رەھمەت. مۇئەللىم، تەشنا، دوغاپ بلوگلاردا ئۇسلۇب ياساشقا ئائىت دەرىسلىكلەر بار. تەۋسىيە !
ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن يىزىلىپتۇ،راسلا دەرىسلىكلەر بولسا تەمىنلىسىڭىز بولاتتى،(شاگىرىت قوبۇل قىلامسىز يا)ئازراق نەرسە ئۈگنىپ قالايلى
قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئۇسلۇب ياساش تەس ئەمەس. ئاددىراق ئۇسلۇبنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇپ يۈرۈپمۇ ئۇگىنىۋالالايسىز.
راستىنلا سىپتا چىقىپتۇ! ئەمدى بۇ ئۇسلۇپنى يەنە ئازراق ئۆزگەرتىپ ئەپ چۈشۈرۈش ئۇسلۇبىدىن بىرنى ياساپ باقسىڭىز بولغۇدەك. ھەقلىق تەمىنلىسىڭىز چوقۇم ئالىدىغانلار چىقىدۇ…
ئۇسلۇبنىڭ كىيىنكى نەشىرىگە قوشۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز…
ئىلھام دىگەن توشاققەنغۇ…..
قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
بۇ ئۇسلۇپ بەك كۆركەم شۇنداق ئازادە چىقىپتۇ يەنىمۇ تىرىشىڭ ، مومكىن بولسا پىرىستان ئەپەندىمدەك ھەقسىز ئۇسلۇپلارنىمۇ تارقىتىپ قويۇڭ ، تەۋسىيە
بۇ تېخى باشلىنىش. بۇندىن كىيىن يېڭىلىقلار ئەجرىمدىن ئۈزۈلمەيدۇ… قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
ۋاھ…ۋاھ…
دېتال تىلى دېگەننى تاللايدىغانلا قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقىدىكەن! ئاندىن چۈشۈرۈش ئادرىسىغا ئاساسەن ھۆججەت چوڭلىقىنى ھېسابلايدىغان كودلارمۇ بار، شۇنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنە بىر تەكلىپىم: ئىككى ئۆلچەملىك كود قا ئېرىشىش ۋە دېتال چۈشۈرۈش بېتىگە چىقىدىغان قىلسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان بولغۇدەك.