Adobe Photoshop CC رەسمى نەشىرى ئېلان قىلىندى!

تەخمىنەن 10 كۈننىڭ ئالدىدا، Adobe شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى Creative Cloud(قىسقىچە CC) ئائىلىسىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئېلان قىلدى! سىز Creative Cloud يۈرۈشلۈك نۇسخىسىنى، ياكى بۇ يۈرۈشنىڭ ئىچىدىكى، مەسىلەن، Photoshop CC، Indesign CC قاتارلىقلارنى ئايرىم تاللاپ چۈشۈرەلەيسىز.

Photoshop نىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى، ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى دېگەننى سۆزلەپ ئولتۇرۇش مەنچە ھاجەتسىز. سىز ئورگان توربېكىتىدىن Adobe چۈشۈرگۈچىسى ئارقىلىق Adobe Photoshop CC نى چۈشۈرسىڭىزمۇ، ياكى تورداشلار چىقىرىپ قويغان تور دېسكىسى(بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ)دىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىۋرىدۇ. سىناپ بېقىشىمچە، Adobe نىڭ ئۆزىنىڭ چۈشۈرگۈچىمۇ خېلى تېز چۈشۈرىدىكەن، بىراق شۇ مەشغۇلات جەريانى سەل ئاۋارىچىلىقتەك بىلىندى.

[قىستۇرما]

يېڭىدىن قوشۇلغان ئىقتىدارلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ يارىغىنى css نى بىۋاسىتە چىقىرىپ بېرىش ئىقتىدارى. تور بەت ياسايدىغانلارغا بەكلا قۇلايلىق. يەنى Photoshop CC دە بىرەر كۇنۇپكا لايىھىلەپ ، بۇ لايىھىنىڭ css كودىنى چىقىرىۋېلىپ ، تور بەت يۈزىدە سىز لايىلىگەن ئەسلى ئۈنۈمنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، Adobe ئائىلىسىدە Photoshop تىن باشقا يەنە نۇرغۇن نادىر يۇمشاق دېتاللار بار، مەسىلەن، فىلىم كىرىشتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان Adobe Premiere، كىنو ئۈنۈمى قوشۇشقا After Effects، تور بېكەت لايىھەلەشكە Dreamweaver دېگەندەك…باشقا يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىقلار توردىن ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ. كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئانچە تەسمۇ ئەمەس.

ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتىمەن. مەزكۇر نەشىرىدىن باشلاپ، بۇ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار CC نامىدا قوللىنىلىدىغان بولۇپ، CS نامىغا رەسمىي خاتىمە بېرىلگەن. يەنى بۇندىن كېيىن Adobe نىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى كەينىگە CC نى قوشۇپ ئاتايدىغان ئوخشايمىز.

Adobe Photoshop CC نىڭ قاچىلاش ۋە يېشىش ئۇسۇلى Adobe Photoshop CS6 بىلەن ئوخشاش، يەنى يېشىۋېتىلگەن amtlib.dll ھۆججىتىنى قاپلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىكەن. ئەلۋەتتە، يېشىش يامىقىنى قاپلاشتىن بۇرۇن، Photoshop CC نىڭ ئۆزىنى چوقۇم قاچىلايسىز.

Adobe Photoshop CC نى چۈشۈرۈش:

Adobe چۈشۈرگۈچىسى ئارقىلىق چۈشۈرۈش   |     تور دېسكىدىن چۈشۈرۈش

Adobe Photoshop CC يېشىش يامىقىنى چۈشۈرۈش:

32 بىت نۇسخىسى   |   مەنبە: تورخۇمار    |   64 بىت نۇسخىسى

يازما مەنزىلى تورخۇمار : http://www.torhumar.com/photoshop-cc.html

 

0 ئىسىل
قاچىلىنىۋاتىدۇ...
  • css كودېنى چىقىرىپ بىرەلىسە راسلا خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ!

  • سەھرايىم 2015-03-11 19:53 جاۋاب

    يىىشىش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشكە ئامال بولمىدى

  • سەھرايىم 2015-03-11 20:34 جاۋاب

    يىشىش ھۆججىتىنى بىر ئامال قىلىپ تاپقانمۇ بولدۇم. لىكىن قايتا قوزغاتسام نۇرمال قوزغالمايۋاتىدۇ

ئىسىم ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى چۇقۇم تولدۇرۇڭ