تۈنۈگۈن بىرەيلەن مىنى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۇرۇش ئالدىدىكى ماقالىلىرىدە مۇنۇ فىلەش دەرىسلىكىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.بۇگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ ئەۋەتىپ بەردىم.ھازىر ئاۋاز بىرىش ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمەن.بۇرۇنمۇ بۇنداق ئەسەرلەرنى ئىشلىگەن.ئەمما بۇ قېتىمقىسى ئالدىنقىلىرىدىن سۈپەتلىك ھەم سىلىق چىقتى.ئىشلىگەنسىرى تەجىربىلىك بۇلۇپ كىتىكەن كىشى.ھى ھى ھى… قېنى ئەمسە سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەكتەپنىڭ نۇرۇز مەشرىپىگە تەييارلىق كۆرىۋاتىمىز.ئارقا سەھنە كۈرۈنىشىنى لايىھەلەشكە مەسئۇل بولغان ئىدىم تېخى ياساپ بولالمىدىم.ئۇيان ئىزدىنىپ بۇيان ئىزدىنىپ ئاخىرى يەنىلا بۇرۇن لايىھەلەپ قۇيغان ماتىرياللىرىمنى ئىشلەتتىم.تۈنۈگۈن بىر دوستۇم ئىزدەپ نۇرۇز تىمىسىدىكى ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىشىمنى سورىغانتى.شۇڭا باشقا دوسلارنىڭمۇ ئىھتىياجى چۈشۈپ قالسا ھەجەپ ئەمەس دەپ مۇشۇ يەرگىچە كۆتۈرۈپ كەلدىم.
قايسى كۈنى ھەزرەت گرافىكىدە ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولىدىغان ئۇسۇل تونۇشتۇرۇلغانتى.مەن سىناپ بېقىش نىيتىدە ھەزرەت تەمىنلىگەن photoshop يىشىل نۇسقىسىنى چۈشۈرۈردۈم.قوزغاتقان چاغدا قارىسام كۈرۈنمە يۈزى باشقىچە تۇرىدۇ،بۇرۇن photoshop me نۇسقىسىدا مۇشۇنىڭدەك ھالەتنى كۆرگەن بولساممۇ ئانچە ئىرەن قىلمىغان ئىكەنمەن.ps نى تورا ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن ئۆزى ياقتۇرغان كۈرۈنمە يۈز ھالىتى بولۇشى تۇرغانلا گەپ . قېنى ئەمسە سىزمۇ بىرنى لايىھەلىۋېلىڭ.
تەتىل مەزگىلى ئۆيدە تور بولمىغاچقا بلوگىمنى يېڭىلاپ تۇرالمىدىم .دوقمۇش فىلىم قانىلىمۇ خېلى بولدى تاشلىنىپ قالغىلى.تەتىلدە بىكار قالماي دەپ بىر نەچچە دوسلىرىمغا ماركا لايىھەلەپ بىرىشكە پۈتۈشكەن ئىدىم.بۈگۈن شۇ ماركىلاردىن‹ ئادىل سودا › ماركىسى بىلەن ،بۇ بلوگقا ئازراق ھۆسىن قوشاي دىدىم. ئەلۋەتتە بۇندىن كىيىن سەرخىل مەزمۇنلار ۋە بىلىملەر داۋاملىق يوللانقۇسى…
ئۇزۇن بولدى .بلوگىمنى يوقلىيالمىدىم.بۈگۈن يېڭى يىللىق ئازغىنە سوۋغامنى كۆتۈرۈپ سىلەر بىلەن سالاملىشاي.يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
بىر كۈنى بىر دوستىمىز مىنى ئىزدەپ مەۋسۇملۇق ئىنتاھانغا فىلەشتىن ئەسەر تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.ئۇيان-بۇيان تارتىشىپ ئاخىر ئىشلەپ بىرىشكە قوشۇلغانمۇ بولدۇم.شۇنداق قىلىپ بىكار بولغاندا مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.قۇربان ھېيىتنى ئۇنداق-مۇنداق قىلىپ خەنچە چۈشەندۇردۇق.لىكىن تېخى پۈتتۈرۈپ بولالمىدىم.ئىشلەش جەريانى خېلى جاپالىق بولدى،adobe flash cs5 بىر قانچە قېتىم قېتىپ قېلىپ قايتا ئىشلەشكە مەجبۇرمۇ بولدۇم.شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇ يەرگە ئەكەلدىم .پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى نۇسقۇسىنى كىيىنكى ساندا يوللايمەن.
بىر قاتار ئېغىر تەڭشەشلەردىن كىيىن ئىلىخو تورىنىڭ لوگو ۋە ماركىسى ياساپ چىقىلدى.<ئىلىخو> جاي ئىسمى.مەن بۇ جاينىڭ ئالاھىدىلكىنى گەۋدىلەندۇرۇش ئۈچۈن ئىلى خەلقىنىڭ دوپپىسىنى(قىزىل رەڭلىك دوپپا)تاللاپ ئىشلىتىشنى توغرا تاپقان ئىدىم.بىكەت بېشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ماركىغا <ئات >سىڭدۈرلدى.بۇمۇ بولغىنى .بەلكىم ئىلى يايلاقلىردىكى ئاتلانى كۆزدە تۇتقان بولىشى مومكىن.ھى ھى …
خۇشخۇي تورىغا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئويۇن ئىدى.ئادەتتىن تاشقىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋەتكەن بولغاچقا مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم.مەقسىدىمنى خاتا چۈشەنمەسلىكىڭلارنى سورايمەن.ئەمسە كىم گۈزەلكىن سىناپ كۆرۈڭ.
ئادەتتە توربەت ياكى بلوگلارنىڭ يان تەرىپىدە نۇرغۇن چوڭ-كىچىك رەسىملىك ياكى خەتلىك ئۇلىنىشلار بولىدۇ.بۇ ئۇلىنىشلارنى ئادەتتىكىچە يەنى خەت بىلەنلا ئىپادىلگەندە ئۈنۈمى دىگەندەك ياخشى بولمايدۇ.رەسىملىك قىلىپ ئۇلىغاندا بىكەتنىڭ ئېچىلىش سۈئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بلوگلاردا شۇنداق.بوشلىقى ئېغىر بلوگلانىڭ بىر تال لوگسىنڭ چۈشۈرلىشىگىمۇ پالانچە ۋاقىت كىتىدىغان گەپ.لوگلانىڭ سۈپىتى ھەرخىل بولغاچقا بەت يۈزىنىڭ پاكىز،كۆركەم بولىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.خالىسىڭىز فىلەشلىك ئۇلىنىشلارنى سىناپ بېقىڭ.سىغىمى كىچىك.كۆركەم،چاققان….تۈۋەندە بۇ خىل ئۈنۈمدىكى ئۇلانما تاختىنىڭ چوڭايتىلغاندىكى نۇسقىسىنى ياساپ قويغان.كۆرۈپ تەكلىپ پىكىر بەرگەيسىلەر.
تېخىمۇ كۆپ يازمىلارنى كۈرۈڭ.