ماي بوياق رەسىم سەنئىتىنىڭ جۇڭگودا تارقالغانلىقىغا تېخى 100 يىل بولمىغان بولسىمۇ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر سەنئەتكارىمىز بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى سەرپ قىلىپ، جۇڭگو ماي بوياق سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى. بىر نەچچە ئەۋلاد سەنئەتكارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ماي بوياقتىن ئىبارەت بۇ سەنئەت تۈرى بىزنىڭ قەدىمكى شەرق تۇپرىقىمىزدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، شېرىن مېۋە بەردى. مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇنىڭ مول ئىندىۋىدۇئال خاسلىققا ئىگە رەسساملىق ئۇسلۇبىدا سىزىلغان بىر تۈركۈم ئەسىرى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا زور شۆھرەت قازىنىپ، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى قۇتلۇقلىنىۋاتقان دەقىقىلەردە، مەن شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىمى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو غەربىي دىيار ماي بوياق رەسىمى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، مەملىكەت بويىچە ياش، ئوتتۇرا ياش ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىس، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغۇچى، ب د ت پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى…………….