-
2009-04-11
بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/37766630.html
WordPress بلوگلىرىدا يازمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى كۆرگىلى بولىدۇ،
بىزنىڭ blogbus بلوگبۇس ئۇسلۇبىدا بولسا پەقەت ئىنكاس سانى، ئىشلىتىش ۋە تەۋسىيە قاتارلىق مەزمونلارنىڭ سادىر بولغان ئەمەلى سانىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشتىن باشقا مەزكۇر يازمىنىڭ ئەمەلى كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى بىلگىلى بولمايدۇ. يېقىندا بىر بلوگبۇستىكى بلوگ ھەۋەسكارى بۇ مەسىلىگە جاۋاپ تاپقان بولۇپ بۇنى ئۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھەقسىز تەمىنلەش كودى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان.
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى رەسىملەردىن يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
ئەسلىدىكى ھالىتى:
يازما كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقارغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى:
ئەمدى كونكىرت مەشغۇلات ئۈستىدە توختىلاي:
ئالدى بىلەن بلوگىڭىزنىڭ نامى ۋە بلوگ ئادرىسىڭىزنى تىزىملىتىپ ئاندىن بۇ ئۈنۈم كودىغا ئېرىشىسىز، بۇ ئېنگىلىسچە تور بەت بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ ھەۋەسكار تىزىملىتىشنى ئاددىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم بىر بەت قىلىپ تۈزۈپ قويغان شۇ بەتكە كىرىپ مۇناسىپ بولغان بلوگ نامى ۋە بلوگ ئىسمى(ئادرىسى)نى كىرگۈزۈپ تىزىملىتىش ئېلىپ بارسىڭىز سىزگە كودنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بار، بلوگ نامىنى كىرگۈزۈشتە پەقەت ئېنگىلىسچە ياكى لاتىنچە ھەرپ بىلەن سانلارنىلا ئېتىراپ قلىدۇ، باشقا يېزىقنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن شۇڭا كونا يېزىقتا بلوگ نامىنى قويىۋالغانلار لاتىنچە يېزىققا ئۆزگەرتىپ ئاندىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك،
تىزىملىتىش بېتىگە بۇ يەردىن كىرىڭ:
كودقا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كودنى بلوگ ئارقا سۇپىسىغا ئۆتۈپ كود بۆلەكلىرى ئىچىدىن index-posts ۋەdetail-post بۆلىكىنىڭ ئىچىگە قوشىسىز، ئەڭ ئاخىرىغا كۆپەيتىپ چاپلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
مەشغۇلات جەريانى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ، رەسىمنى كۆرسىڭىز تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ:
باشقا مەسىلە بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
toghraq03@126.com[cusFace:6]
يەنە بىرگەپ بلوگىڭىزنىڭ خەت نۇسخىسى قايسى ؟مەن بۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتەي دىگەن ئىئوت ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بېرەلەمسىز؟چىراي ئىپادىللىرىنى (سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى)مىنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبىمغىمۇ چىقارغىلى بولامدۇ ؟ئىئوت ھۆججىتىنى Uyghurbaligh@Gmail.comمۇشۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز.رەھمەت.
مەن ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەسلىيە خەت نۇسخىسى. ئەگەر سىزمۇ مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ خەت نۇسخىسى قوشۇلغان eot ھۆججىتىنى بلوگىڭىزغا ياسىشىڭىز كېرەك ، شۇندىلا تونۇيدۇ. مېنىڭ بلوگىمنىڭ ھۆججىتىنى دېتالغا تايىنىپ ئىشلىتىمەن دىسىڭىز
files/12106265252.eot
بىلوگىمدا يەنە بىر مەسىلە كۆرۈلدى . سىز بەرگەن بەت كودىنى قويغاندىن كېيىن كېينكى بەت دېگەن خەت بىلەن ئالدىنقى بەت دېگەن خەتكە خەنزۇچە خەت ئارىلىشىۋالغان ئىدى . مەن ئۇلارنى ئوڭشاپ قۇياي دەپ head گە ئازرا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ئىدىم . بىراق كېيىن بىلوگىمنى ئاچسام
http://ilim-pen.blogbus.com/files/12395612680.bmp مۇشۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى . ئوڭشىيالمىدىم . خاپا بولماي بىلوگىمنىڭ ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ ئوڭشاپ بەرسىڭىز . سىزنى يەنە ئاۋارا قىلغانلىقىمدىن خىجىلمەن .
ئوڭشاپ بوپسىزمۇ-نىمە؟ رەسىمدىكىدەك رامكا چىقمىدىغۇ؟
ئەگەر يازما كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى كۆرسۈتۈش كودىنى ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن بلوگ نامىڭىزنى لاتىنچە نامغا ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ئىلتىماس قىلسىڭىز ئوڭۈشلۇق بولىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇمۇ بىر خىل ئۈنۈم كودىغا تەۋە بولۇپ قويۇش-قويماسلىقنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق.
Ads here
بۇ قانداق خاتالىق. ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
ئابرالدىن.
بلوگ نامى چوقۇم بلوگبۇستا ئىشلىتىۋاتقان بلوگ نامى بولىشى كېرەك.
مۇشۇ بويىچە قايتا ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ، بولامدۇ، يەنە ئوخشاش ۋە ياكى باشقا نەتىجە كېلىپ چىققان بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
يازمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى كۆرسىتىش كودىنى سىز كۆرسەتكەن جايغا قويغان بولساممۇ ، ھېچقانداق ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى . ياردەم قىلسىڭىز .
بلوگ نامى ۋە ئادرىسىنى قەتئى توغرا يېزىپ ئاندىن ئىلتىماس قىلىشىڭىز شەرت، ئۇندىن باشقا بلوگ نامى ئۇيغۇرچە بولسا قوللىمايدۇ.
سىزنىڭ قايسى تەرەپتىن كېتىپ قالغاندۇ ئەمدى؟
http://tugraq.blogbus.com/