• 2009-04-14

    بلوگقا ئۇسلۇپ تاللاشتىكى بىرقانچە نۇقتا - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37883220.html

    ئۇسلۇپ دىمەك- بىر بلوگنىڭ قىياپىتى.

    ئۇسلۇپ دىمەك- بىر بلوگنىڭ زىننىتى،

     شۇڭا ئۇسلۇپنىڭ قانداق بولىشى، قايسى خىل ئۇسلۇپنى ئىشلىتىشىڭىز سىزنىڭ بلوگ يېزىشتىكى ئاساسىي مەقسىدىڭىز بىلەن ماس كېلىشى كېرەك، بلوگىڭىزغا بىر ياخشى ئۇسلۇپنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز ئۆزىڭىزگە ۋە كۆزىڭىزگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ، سىزگە ۋە بلوگىڭىزنىڭ تېمىسىغا قانداق ئۇسلۇپ ماس كېلىدۇ، ئۇسلۇپنى تاللاشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

    بلوگبۇسنىڭ تەمىنلىگەن ھەقسىز ئۇسلۇپلىرىدىن ھازىرغىچە 140 نەچچە خىل ھەقسىز ئۇسلۇپنى تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇسلۇپلار ئىچىدە بىزگە يەنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ، بىزنىڭ بلوگ كۆرۈش ئادىتىمىزگە  بويسۇندۇرۇپ ياسىغان بىرەرمۇ ئۇسلۇپ يوق، بۇنىسى ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە ئايان،

    قانداق قىلىمىز؟ ئەلۋەتتە بىزمۇ ياسايمىز! باشقىلار قىلالىغاننى بىزمۇ قىلالايمىز!

    بىر قىسىم مېھنەتكەش بلوگگىر دوستلارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا خېلى كۆپ خىلدىكى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپلار مەيدانغا كەلدى، ياسالدى ۋە تەرجىمە قىلىندى، بۇ ياسالغان ئۇسلۇپلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى يەنىلا بلوگچىلىق تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن، بلوگگىرلار سېپىگە كىرىۋاتقان يېڭى دوستلىرىمىزنىڭ قىينالمايلا ئۆزلىرى ياقتۇرغان ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپتىن بىرنى تاللاپ ئىشلىتىشى ئۈچۈندۇر.

    ئۇنداقتا ئۇسلۇپ تاللاشتا قايسى  نۇقتىلار بويىچە تاللايمىز؟ قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىمىز؟

    1.ئۇسلۇپ تاللاشتىن بۇرۇن بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز: سىز قانداق بلوگ قۇرماقچى؟ قانداق  تېمىدىكى بلوگ يازماقچى؟ ياكى بولمىسا بلوگىڭىزدىكى يازمىلار قايسى ساھەلەرگە چېتىشلىق بولىدۇ؟ مۇشۇ نۇقتىلارنى ئېنىق ئايرىڭ.

    2.بىرنەچچە پارچە يازما يوللاڭ، ئاندىن بلوگىڭىزنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئۇسلۇپ ماس كېلەمدۇ-يوق؟ ئاساسىي گەپنى قىلساق ئۇسلۇپنى سىز تاللىمايسىز ئەكسىچە سىزنىڭ بلوگىڭىز يەنى بلوگىڭىزنىڭ ئاساسى تېمىسى تاللايدۇ، دەل شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بىر قەدەر ياخشى بولغان مەزمون ۋە شەكىل جەھەتلەردىن ماسلاشقان بلوگ قۇرالايسىز.

    3.مەزمون ۋە شەكىل جەھەتتىن ماسلاشقان دىگىنىمىزدە مەسىلەن: ياشلارنىڭ ياشلىق تېمىلىرىنى ئاساس قىلغان بلوگ بولسا قىزىل ۋە يېشىل رەڭدىكى بەت بېشىغا شوخ رەسىملەر بىلەن بىزەلگەن ئۇسلۇپلارنى ئىشلەتكىنى ياخشى، ئېلىكتىرون ساھەسىدىكى بلوگلار بولسا ئەڭ ياخشىسى نەقىشلەنگەن بلوگنى ئىشلەتمىگىنى تۈزۈك، تارىخ تېمىسىدىكى بلوگلار سۇس رەڭدىكى ئۇسلۇپلارنى ئىشلەتكىنى ۋە ناخشى قويغۇچ قويمىغىنى ياخشى، تىل-ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىكى بلوگلار بولسا خەتلىرى چوڭ، ئوچۇق، ئۇسلۇپ رەڭلىرى روشەن بولغان باش بەت ۋە ئاياق بەتلەرگە ئارتۇقچە رەسىملەر قويۇلمىغان ئۇسلۇپلارنى ئىشلەتكىنى ياخشى، دىنىي ئىسلام بلوگلىرى ئۇسلۇپقا ئارتۇقچە ئۈنۈم كودلىرىنى چىقىرىۋالماسلىقى، قويغۇچ ئورناتماسلىقى، بىر قەدەر سىپتا بولغان تېنچ رەڭدىكى قالايمىغان رەسىملىرى يوق ئۇسلۇپلارنى ئىشلەتكىنى ياخشى دىگەندەك. ھەرقانداق تېمىدىكى بلوگقا ئۆزىگە ماس بولغان ئۇسلۇپنى ئىشلىتىش كېرەك دەپ ئويلايمەن، شۇندىلا بلوگ مەزمونى ۋە ئۇسلۇپ قۇرۇلمىسى ئۆزئارا ماسلاشقان ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ،

    4.بۇنداق نۇقتىلارنى دىسەم بەزىلەر يازمىنى ياخشى يازماي تۇرۇپ تېرىندى نەرسىلەرنى يوللاپ قويۇپ ئۇسلۇپقا ئەھمىيەت بەرگەننىڭ نىمە پايدىسى ؟ دەپ سورىشى ياكى خىيال قىلىشى مۇمكىن ، مەزكۇر يازمىنىڭ ئاساسى يەنىلا ياخشى يازما يوللايدىغان بلوگلار ئۈستىدىكى مۇھاكىمە بولۇپ ناۋادا بلوگىڭىزدىكى يازمىلار شۇنداق ياخشى بولسا مەسىلەن بىرەر پارچە ئەدەبى ئەسەر، بىرەر پارچە تارىخىي ماتېريال ۋە ياكى بىرەر پارچە ئىلمىي ماقالە دىگەندەك تورداشلار بىر تەرەپتىن يازمىڭىزنى كۆرسە بلوگىڭىزدا بىر تەرەپتىن ناخشا چىقىپ تۇرسا ۋە ياكى ھەرخىل ئۈنۈم ياكى ئېلان كۆرۈنۈشلىرى ئەلەڭلەپ يازما ئەتراپىدا لەيلەپ يۈرسە بۇ يازمىڭىزنى كۆرگۈچىدە بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ياخشى يازمىڭىزنىمۇ ياكى بىر قېتىم غەيرەت قىلىپ ئاخىرغىچە ئوقۇيدۇ، ياكى مۇنداقلا كۆرۈپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ.

    5.بلوگىڭىزدا ئىشلەتكەن ئۇسلۇپنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بولۇش، باشقىلاردىن خاراكتىرلىنىپ تۇرۇش بۇ ھەممىمىز ئارزۇ قىلىدىغان ئۈنۈم، مۇشۇنداق بولغاندا بىر كۆرگەن كىشىدە ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ، بىراق بەزى تورداشلار دەل مۇشۇنداق ئۈنۈمنى قوغلىشىپ ئۇسلۇپنىڭ ئۇيەر-بۇ يەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۇسلۇپنى بۇزىۋالىدۇ بۇنىڭ بىلەن بلوگىڭىز ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ، مەسىلەن: بەزىلەر ئۇسلۇپقا ئۇسلۇپنىڭ رەڭ قۇرۇلمىسىغا ماسلاشمىغان رەسىملەرنى قويىۋالىدۇ، بەزىلەر بەتنىڭ گىرۋەكلىرىگە تۆت پارچە نەقىشنى قويۇپ ئۆزئارا ئۇلانمىغان ، سىپتىلاشمىغان كۆرۈنۈشتە ئۇلاق جايلىرى ئۇسلۇپنى خۇددى چېتىقلىرى ئاجراپ كەتكەن جاھازىدەك كۆرسۈتۈپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆزىمىزدىن بولسۇن ياكى باشقىلاردىن بولسۇن بلوگ كۆرگۈچىلەردە " بۇ ئاداشنىڭ ئۇسلۇبى بۇزۇلۇپ كېتىپتىمۇ نىمە؟" دىگەن ئوي پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇسلۇپنى ئۆزىمىزگە خاس قىلىپ ئۆزگەرتىشتە ئۇسلۇپتا ئىشلەتكەن رەسىم، رەڭ، رامكا، تەگلىك، قاتارلىق ھەممە ئامىلنى كۆزدە تۇتىشىمىز كېرەك.

    6. ھەرقانداق بىر بلوگقا بىرخىل ئۆزگىچە بولغان، باشقىلار ئىشلەتمىگەن ئۇسلۇپنىڭ بولىشى شۇ بلوگنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇشتا پايدىسى كۆپتۇر. شۇڭا ئۆزىڭىز يوقارقى ئامىللارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بىر خىل ئۇسلۇپنى ياراتقان بولسىڭىز ئۇنداقتا ئاسانلىقچە ئالماشتۇرماڭ داۋاملىق ئىشلىتىشكە تىرىشىڭ، ئەمدىكى زېھنىڭىزنى يازمىلىرىڭىزنىڭ سۈپىتىگە ۋە سانىغا قارىتىڭ، چۈنكى سىزنىڭ زىيارەتچىلىرىڭىز شۇنچە رەھىمسىز ئۇلار سىزدىن مۇمكىن بولسا ھەر كۈنى يېڭى-يېڭى يازمىلارنى يېزىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇسلۇپ ئالماشتۇرماڭ دىگىنىم مەڭگۈ ئالماشتۇرماسلىق دىگەنلىك ئەمەس، دىمەكچىمەنكى يوللىغان يازمىڭىزنىڭ تايىنى يوق ھە دىسىلا ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرغاننىڭ سىزگە ۋە زىيارەتچىلىرىڭىزنىڭ كۆپىيىشىگە قىلچىلىك پايدىسى يوق. ئەگەر ئالماشتۇرىمەن دىسىڭىز نۆۋىتى كەلگەندە زۆرۈر دەپ قارىسىڭىز ياكى ھازىرقى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئۇسلۇپتىن بىرىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە يازما ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، بۇمۇ نورمال ئەھۋال. بۇندىن باشقا ئالاھىدە كۈنلەردە ۋاقىتلىق ئۆزىڭىزگە ۋە شۇنداق ئالاھىدە كۈنگە ماس كېلىدىغان ئۇسلۇپنى كۈننى خاتىرلەش ئۈچۈن ئالماشتۇرۇپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    7.ئۇ يەردىن بلوگ قۇرۇپ بۇ يەردىن ئېلان قويۇشقا ئالدىراپ كەتمەڭ، ئېلان كىرىمىدىن چۈنتىكىڭىزگە پۇل كىرسە ئەلۋەتتە ھەممىمىز خۈش بولىمىز، بىراق سىز ئەمدىلەتىن بلوگ قۇرۇپلا ئېلان قويسىڭىز ئىشىنىمەنكى سىز پۈل تاپالمايسىز! ئالدى بىلەن سىز خاتىرجەم ھالدا بلوگىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرۇڭ، بلوگىڭىزنىڭ تەرەققىياتى مەلۇم دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەندە مەسىلەنPR   قىممىتى 5كە ياكى 6غا چىققاندا ئېلان بەرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز، ئۇ

     چاغدا ئېلان بەرسىڭىزمۇ ھەرقانداق ئېلان شېركىتى قاراپ بېقىپلا ئاسانلا تەستىقلەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېلاندىن كۈندىلىك مۇقىم كىرىمگىمۇ ئىگە بولۇپ قالىسىز.( ئۆچكىگە تېخى چىگىت بەرمەي تۇرۇپ قۇيرۇقىنى تۇتىمەن دىمەڭ)

    8.بلوگىڭىزغا بلوگىڭىزنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان لوگو رەسىمىدىن بىرنى ياساپ قويۇۋېلىڭ، چۈنكى لوگو رەسىمىنى خۇددى نام تاختىسىغا ئوخشاش ھەممىلا جايدا ئەپچىللىك بىلەن ئورتاق ئىشلىتەلەيسىز، سىزمۇ شۇنداق باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
    بلوگباسنىڭ ئىچىكى ھۆججەتلىرى ئۆزگۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپ قاچىلاشتا گاڭگىراپ قالدىم. مۇشۇ ھەقتە بىر تىما يوللىغان بولسىڭىز، بىلىۋالسام.
    {gra:}
    dunyakara回复ئوۋچى说:
    بلوگبۇسنىڭ ئىچكى كود بۆلەكلىرىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزدىكى جاۋاپقا قاراڭ.
    2009-04-24 09:46:19
  • ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم مەن بلوگىمغا بىر ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكەنتىم ،لىكىن بەت يۇزى قالايمىقان بوپكەتتى،مالال كۆرمىسىڭىز شۇ ئۇسلۇپنى بلوگىمغا ماسلاشتۇرۇپ ئوڭشاپ بەرسىڭىز.(تەكلىماكان ئۇسلۇپ) دىگەن ئۇسلۇپ شۇ.سىزنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ قويدۇم.
    dunyakara回复 بارخان 说:
    سىز دىگەن ئۇسلۇپنى راستتىنلا بۇرۇپ قويۇپسىز، باشتىن رەتلىمىسە بولمىغۇدەك، شۇڭا تەۋسىيەم شۇكى بلوگىمدىكى ياسالغان ئۇسلۇپلاردىن بىرەرىنى تاللاپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
    بلوگىڭىزدىكى دوستلۇق ئۇلىنىشىغا ئوخشاش خاتالىقلارنى ئوڭشاپ قويدۇم، ۋاقىپلانغايسىز.
    2009-04-17 23:14:07
  • يۈكسەل بلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبى ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇنمىكىن؟ كۆپچىلىك قارىشىنى دەپ باققان بولسا ...[cusFace:1]
    dunyakara回复يۈكسەل说:
    يۈكسەل بلوگىنى ئاچايلى دىسەك ھازىر بىۋاستە س ن نامىدىكى يۈكسەل بلوگىغا ئۇلىنىپ كېتىدىكەن، شۇڭا يۈكسەل ئەپەندى ئىشلىتىۋاتقان PJBLOG ئۇسلۇبى يۈكسەل بلوگىنىڭ مەزمون ۋە يۆنۈلىشىگە خۇيمۇ ياراشقان، بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم باشقىلار قانداق قارايدىكىن؟
    2009-04-17 00:03:14
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دۇنيا قارا ئەپەندىم ، بۇ يېڭىدىن بلوگ قۇرغۇچىلارغا ۋە بلوگ توغۇرسىدا .ىزدىنىۋاتقان قىرىنداشلارغا ياخشى دەرىس بوپتۇ . سىلىنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى
    dunyakara回复ئۇيغۇرتېكىن说:
    دۇنياقارا بلوگىمۇ ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندىنىڭ قەدەم ئىزلىرىنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    2009-04-16 00:42:55
  • سىزنىڭ بىلوگگىرلارغا ياخشى تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت. سىزنىڭ توپلىغان تەجىربىلىرىڭىز بلوگگىرلارغا نىشان بەلگىلەپ بېرەلىسە ئەجەپ ئەمەس. ئامان بولۇڭ قېرىندىشم.
    dunyakara回复QAWANDAZLAR说:
    ئەرزىمەيدۇ، سىزمۇ ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    2009-04-16 00:41:40
  • [cusFace:8][cusFace:8][cusFace:12]
    dunyakara回复دولقۇن731说:
    رەھمەت.
    2009-04-14 22:56:57
  • شۇنداق ، بىزدەكلەرگە تازا ياخشى تەربىيە بوپتىغۇ بۇ ! قوللايمىز ...[cusFace:10]
    dunyakara回复ئەلقۇت说:
    قوللاپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر!
    2009-04-14 22:56:27
  • ياخشى نوقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىپسىز، رەھمەت سىزگە .
    dunyakara回复ئىشتىياق说:
    ئەرزىمەيدۇ، ئىشتىياق ئەپەندىم.
    2009-04-14 22:54:29