• 2009-02-14

    ئامرىكىلىقلارنىڭ 2009-يىلى ئۆزگەرتمەكچى بولغان 10چوڭ ئىشى - [تەرمىلەر]

    Tag:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34970864.html

    ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوباما ئامرىكىغا زوڭتوڭ بولۇپ سايلىنىپ 2-كۈنى change.goc تورى ئېچىلدى.

    change دىگەن سۆز ئېنگىلىسچە ئۆزگەرتىش دىگەن مەنىدە بولۇپ بۇ ئوبامانىڭ شۇئارى ئىدى، gov بولسا ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تور ئادرىس ئۇلانما نامى. بۇ ئىككى سۆز قوشۇلسا ئامرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى يۇسۇندا ئامرىكا خەلقىگە چوقۇم (ھازىرقى ئەھۋاللارنى)ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرمەكچى.

    بۇ توربېكەتنىڭ ئىچىدە "Citizen Briefing Book" دەيدىغان بىر سەھىپىسى بولۇپ بۇنىڭ مەنىسى "گىراژدانلار پىكىر دەپتىرى" دىگەن مەنىدە. بۇ سەھىپىگە ھەرقانداق ئامرىكىلىق گىراژدان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامرىكا ھۆكۈمىتىگە ھوقوق يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى بېرەلەيدۇ، يەنى بىزنىڭ مۇنبەرلىرىمىز، بلوگلىرىمىزغا ئوخشاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا تور زىيارەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ، ھەمدە زىيارەتچىلەرنىڭ مەلۇم خىل پىكىر توغرىسىدا قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشكە ،كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا يول قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن قوللاشقا ئېرىشكەن بېلەت سانى ئەڭ يوقۇرى بولغان 10 تۈرلۈك تەكلىپ ئاخىرى بىۋاستە ئوباما زوڭتوڭغا يەتكۈزىلىدۇ، مانا بۇ ئىنتېرنېت تورى بىلەن سىياسىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولسا كېرەك.

    ھازىر مۇشۇ توربەتنىڭ مەزكۇر سەھىپىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك پىكىر 44مىڭ بولۇپ بىر مىليون 400مىڭ قېتىم بېلەت تاشلانغان ھەم بۇ سان ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتماقتا . تۆۋەندە نۆۋەتتىكى تەرتىپنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتقان 2009-يىلى ئامرىكىلىقلار ئەڭ زارىقىپ ئۆزگەرتمەكچى بولغان 10تۈرلۈك تەكلىپنى مۇنۇ توربەتتە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ بۇ 10 تۈرلۈك تەكلىپنىڭ ئاساسى مەزمونى تۆۋەندىكىچە:

    10.نۆۋەتتىكى توردا ئوينايدىغان قەرت ئويىنىنى قانون تەرىپىدىن چەكلىنىشىدىن ئەنسىرىگەن، تەكلىپ پىكىردە مۇشۇ خىل قەرت ئويۇنىنى ئوينايدىغانلار توپى مۇنداق دەپ يازغان:-"ئامرىكا شېركەتلىرى ۋە ئامرىكا گىراژدانلىرىنىڭ بۇ خىل ئويۇن ئارقىلىق پۇل تېپىشىغا يول قويۇلسا، ئۇلارمۇ باج تۆلەۋاتمامدۇ. مۇبادا بۇ خىل ئويۇن چەكلەشكە ئۇچرايدىكەن ئۇنداقتا بۇ كەسپ پۈتۈن ساھە بويىچە چەت دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشكە مەجبور بولىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئامرىكىدىكى قىمار ھەركىتىنى توسىيالمايلا قالماستىن ئەكسىچە يەنەئامرىكا ھۆكىمىتىنىڭ باجدىن بولغان كىرىمى ئازلاپ كېتىدۇ."

    9."ئامرىكىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئامرىكىنىڭ ئاساسى قانونىدا خەلقنىڭ ھوقوقىنى بەلگىلىگەن ئىدى، سىز ئېيتىپ بېقىڭچۇ ئاشۇ ئامرىكىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھازىرقى ئامرىكىغا قانداق باھا بېرەر؟"

    8."پەن-تەتقىقات ساھەسى ۋە كىشىلىرىنىڭ "مۇقىم ئىئانە"بېرىشى بىلەن ئۇلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىش مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى ئۇلارمۇ ئامرىكا جەمئىيىتىگە ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىۋاتمامدۇ؟ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن ئۇنداقتا بىز ئۇنى چوقۇم پايدا ئېلىش تىپىدىكى تەشكىلات دەپ ئېيتالايمىز، شۇڭا ئۇلاردىنمۇ ئوخشاشلا باج ئېلىش كېرەك"

    7.سىتىراخۇانىيە شېركەتلىرىنى سەھىيە ساھەسىدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك. چۈنكى "دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش ساھەسىگە سەرپ بولىدىغان چىقىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بىراق خەلقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئوخشاشلا ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولمايۋاتىدۇ، نىمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى شۇكى مۇشۇ ساھەنى باشقۇرغۇچىلار يەنى پايدىنى كۆزلەيدىغان سىتىراخۇانىيە شېركەتلىرى."

    6.بوش زوڭتوڭنىڭ "يوقۇرى كىرىملىكلەردىن باجنى كېمەيتىش" دەيدىغان قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش. بوش بۇ توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن:-"يوقۇرى كىرىملىكلەردىن باجنى كېمەيتىشتىكى ئاساسىمىز بولسا- كارخانە خوجايىنلىرى تېخىمۇ باي بولسا  بۇ بايلىق كېيىنچە پەيدىن-پەي ئادەتتىكى كىشىلەرگىچە ئەمىلىيلىشىدۇ" بۇنداق سەۋەپ بەكلا ئەخمىقانە چىقىرىلغان.

    5.ئۇرۇش ئەسىرلىرنى قامايدىغان ، خورلايدىغان تۈرمىلەرنى مەڭگۈلۈك تاقىۋېتىش. بىر دۆلەت تۇرۇقلۇق بىز ئاشكارە ھالدا سوراق قىلىپ ئۇرۇش، جازا يۈرگۈزۈش ھەركەتلىرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ئەكسىچە بۇ ئۇرۇش مەزگىلى ئەمەس، بۇ خىل قىلمىشلارغا يول قويۇش- ھوقوقنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىك.

    4.بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز خۇددى ياپونىيىنىڭكىگە ئوخشاش ھەرقايسى شەھەرلەرگە تۇتىشىدىغان يوقۇرى سۈرئەتلىك ئوق بېشى تىراللىبۇس پويىزلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش.

    3.ھۆكۈمەت "تويدىن بۇرۇن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك" تەربىيىسىگە ئاجرىتىدىغان مەبلىغىنى توختۇتۇش، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىچە جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كېرەك، چۈنكى ئامرىكىدا تۆتتىن بىر قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا جىنسى كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار، ئەيدىس تېخىچە يىلتىزىدىن كونتۇرۇل قىلىنمىدى، بالىلارغا فىزولوگىيىلىك جەھەتتىكى جىنسى تەربىيەنى  توختاتمايدىكەنمىز ، بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

    2.سىياسەت ۋە قانون يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئامرىكىنى "يېشىل مۇھىتقا پۈركۈنگەن دۆلەت" قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، يېشىللاشتۇرۇش كەسپى ئامرىكىنى يەرشارى بويىچە رىقابەتلىشىشتە يېڭى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، بىزنىڭ ماشىنا سانائىتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ، نەچچە مىليونلىغان كىشىلىرىمىز ئىش ئورنىغا قايتىپ بارالايدۇ، پاكىزە بىخەتەر توشۇش قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئامرىكىنىڭ نېفىتقا بولغان بېقىنمىچىلىقىنى تۈگۈتۈش، ئامرىكا چۈشىنى يېڭى مەنىلەرگە ئىگە قىلىش. ئامرىكىنىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ۋە باشقا دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ئامرىكىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

    1."نەشە بىر خىل دورا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنى بىر خىل زەھەرلىك چېكىملىك دەيدىغان خاتا قاراش بار، بۇ خىل خاتا قاراشقا ھازىر 70 يىلدىن ئېشىپ كەتتى" بىز ئەمدى ھەرگىزمۇ ھەركەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرنى چەكلىمەسلىكىمىز كېرەك، يەنى ئۇلارنىڭ بىر خىل "دورا"نى تاللاش ھوقوقىنى چەكلىمەسلىكىمىز كېرەك.

    تۈگىدى.

    شەخسى كۆز قارىشىم: ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى بۇ 10 تۈرلۈك تەكلىپ كەڭ دائىرىلىك مەزمونلارغا ئىگە ، ھەممىسى ئامرىكىلىق پۇقرالار كۆڭۈل بولىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىدىغان مەسىلىلەر ئىكەن.

    كاپىتالىستىك دۆلەت دىگەن ئوخشىمايدىغان ئوخشايدۇ، قاراپ باقايلى ئۇلارنىڭ قىمار خاراكتىرىنى ئالغان قەرت ئويۇنىنى قانونلاشتۇرۇپ بەرسۇن دىگىنىنى، يەنە كېلىپ ھېلىقى "نەشە"نى چېكىشنى چەكلىمىسۇن دىگەنلىرىچۇ تېخى. ئەركىن خەق ئۆزلىرىنىلا ئويلامدىكىن دىسە ئادەم خورلايدىغان تۈرمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرسۇن دەپ خېلى دۇرۇس گەپ قىلىپتۇ، قىمار زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلىمەسلىك توغۇرلۇق پىكىر قىلىپ دۆلىتىنى تۈگەشتۈرمەكچىمىكىن دىسە يەنە "ئۇنداق قىلايلى، مۇنداق قىلايلى ... بۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى دۇنيانىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرايلى " دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ، مۇشۇ تۈرلەرگە نەچچە ئون مىڭدىن بېلەت چۈشكەنلىكىگە ھەيرانمەن! ئاتالمىش "ئەجنەبىلەر" مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، كاللىسىغا نىمە كەلسە شۇنى دەيدىغان ئوخشايدۇ، نىمىنى قىلغىسى كەلسە شۇنى قىلىدىغان ئوخشايدۇ........

    ئۇلار تازىمۇ قىززىق خەقكەن. تورلاردا كۆرۈشۈمچە ئامرىكىدا ھاراق سېتىش قاتتىق كونترول قىلىنارمىش، قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق سېتىش قەتئى چەكلىنەرمىش، ساتقانلار بايقىلىپ قالسا قانوننىڭ جازاسىغا ئۇچرارمىش.....

    تۇرۇپلا ئۇلار بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم:

    ئۇلار ئۇ يەردە ھاراقنى كونترول قىلىدىكەن، بىزنىڭ بۇ يەردە ئەكسىچە ھاراق دىگەننى كۈپى بىلەن ئالىمەن دىسىڭىزمۇ سېتىۋېرىدۇ، ھەتتا 10 ياشلىق بالىڭىزغا 50سومنى تۇتقۇزۇپ بۇيرىسىڭىز گەپ-سۆز يوق سىز دىگەندىن ئەكىرىپ بېرىدۇ، بۇمۇ بەلكىم سوتسىيالىستىك جەمئىيىتىمىزنىڭ توقچىلىقىدىن بولسا كېرەك.

    ئامرىكىنىڭ تەرەققى قىلىپ قىمارنى بىرخىل كەسپ تۈرىگە كىرگۈزگەن، بىزنىڭ بۇ يەردە قىمار ئويناش قانونغا خىلاپ. دىمىسىمۇ قىماردىن ياخشى ئاقىۋەت كېلىپ چىقمايدۇ، شۇڭا كونىلار "قىما" دەپ ئىسىم قويۇپتىكەن بۇ لەنىتىگە، بىراق ھازىر يۇرتىمىزدا ئاۋات كوچا-رەستىلەردە چوڭ-كىچىك "قەرت كۇلۇبى"لىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ تىجارىتى قانونلۇق، ئىچىگە كىرىپ قارىسىڭىز ساپلا قىمار، ۋە قىمارۋاز.بۇنداق كۇلۇپلار مەيدانغا كەلمەستە بۇلۇڭ -پۇچقاقلاردىكى ئۆيلەردە بىرەرىنى "كۈزەتچىلىك"كە سىرتتا تۇرغۇزۇپ قويۇپ قىمار ئوينايدىكەندۇق، ئەمدى ھازىر بولسا يۈرەك توق شۇنداق كۇلۇپلارغا كىرىپ كۈپ-كۈندۈزلەردە ئويناۋاتقان.

    ئۇلار كاللىسىغا كەلگەننى ھەتتا زوڭتوڭغىمۇ دەيدىغان خەق ئىكەن، بىراق بىز سوتسىيالىستىك جەمئىەيتنىڭ ياۋاش پۇقرالىرى كاللىمىزغا كەلگەننى دەماللىققا دىيەلمەيمىز،ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىمىز دەۋاتىمىز، ئىناق جەمئىيەتتە بىلىم ئىگەللەپ ئىناق ياشىمىساق بولمايدۇ.چۈنكى بىز ئۇلارغا ئوخشىمايمىز-دە.



    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • مەن بىلوگىڭىزنىڭ بەت ئاستىدىكى بەت سانىنى كۆرسىتىدىغان كودنى دېمەكچى ئىدىم . يەنىلا تاپالمىدىم . بولسا ئېلخېتىمگە يوللىۋەتسىڭىز .
    dunyakara回复ئىلىم-پەن说:
    ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا يوللاپ قويدۇم، تاپشۇرۇپ ئالارسىز.
    2009-04-06 20:46:34
  • كودنى تاپالمىدىم . بولسا قايتا يوللاپ بەر سىڭىز . نەگە قويىدىغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ .
    dunyakara回复ئىلىم - پەن说:
    كود سىز بلوگىڭىزغا "خەت نورمال بولمىسا قاچىلاڭ" دىگەن كودنى قويغان ئورۇننىڭ ئۈستىدىكى كود شۇ.
    ھۆججەت ئادرىسىمۇ شۇ كودنىڭ ئىچىدە بار.
    ھۆججەتنى بلوگ بوشلۇقىڭىزدىكى فىلاش ھۆججەتلىرىڭىز بار مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈپ قويغان ئىدىم.
    2009-04-05 05:30:22
  • ئېلخەت ئادرىسىم : tuzimasgul@163.com
    مۇشۇ ئادرېسقا يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ .
    dunyakara回复ئىلىم - پەن 说:
    ئايلاندۇرغان ھۆججەتنى ۋە كودنى بىۋاستە بلوگىڭىزدا قالدۇردۇم،
    بلوگىڭىزنىڭ ھەقسىز بوشلۇقى توشۇپ قالاي دەپتۇ.
    2009-04-03 12:15:43
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولدى . قانداقراق تۇردىڭىز ؟ ...
    بىلوگىڭىزغا كىرىپ قارىسام نۇرغۇنلىغان ياخشى تېمىلارنى يوللىۋېتىپسىز . بىلوگىڭىزدىن مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى كۆرۈپ تۇرۇشۇمنى ئۈمۈد قىلىمەن .
    ئەمدى سىزدىن ئازراق ياردەم سورايدىغان بۇلۇپ قالدىم ، ياردەم قىلارسىز . بىلوگىڭىزنىڭ ئاستىدىكى بەت سانىنى كۆرسىتىدىغان جاينى بەك چىرايلىق قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇر ۋاپسىز . بولسا ماڭىمۇ ئاشۇنىڭ كودىنى بەرگەن بولسىڭىز .
    ------------------------------------------------------------
    ئېلانلىرىڭىزنى چېكەي دەپ قارىسام ئېلانلار كۆرۈنمەيدا .
    dunyakara回复ئىلىم - پەن 说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دىمىسىمۇ ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى.
    ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز يوللاپ بېرەي بولامدۇ؟
    2009-03-31 12:53:42
  • سۇئالىمغا ۋاختىدا ،تېز ، ئەستايىدىل جاۋاپ بەرگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم !!
    مەن چۇقۇم سىز دېگەن بويىچە يول تۇتىمەن .
    سۇئال دېگەننى ياغدۇرىۋېتىدىغان بولدۇم .
    مەن تاۋباۋ تورىدىن تۇنجى قېتىم مال سېتىۋېلىپ سىناپ باقتىم ، قارىسام خېلى ئىشەنچىلىكتەك تۇرىدۇ ، مەن بىر نەرسىنى چۈشەنمىدىم . شۇنداق ئوبدان ماللارنى 0.01 يۈەن ~ياكى 0.10 يۈئەن دىن ساتىدىكەن . ئۇلارنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 10~20 يۈەن بولسىغۇ بىركاشكى ، نېمىشقا ئۇنداق ساتىدۇ ؟(كىم ئارتۇق سېتىشتىن باشقا ماللارمۇ شۇنداق ئەرزان ئىكەن ).
    مەن توپ مال سېتىۋالاي دېگەن ، تاۋباۋ بىلەن ئەلى بابا نىڭ قايسىسى ياخشى ؟
    سۇئاللار بەك كۆپ ئىدى ، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا دەخلى يېتىپ قالارمىكىن دەپ كىيىنگە قالدۇردۇم .
    ا للاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي !!
    dunyakara回复كارۋان说:
    تاۋباۋنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دىيىشكە بولىدۇ. بىراق مەن ئۇنىڭدىن مالنى توپ سېتىۋېلىشنى بىلمەيدىكەنمەن.كەچۈرگەيسىز.
    2009-02-19 02:18:36
  • ئېلانىڭىزنى چېكىۋەتتىم (بەك يوغان ئىش قىلىۋېتىپتىمەنمۇ )[cusFace:5][cusFace:5]
    بلوگنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك !!
    ئەلى موما ئېلانىڭىزدىن قانچىلىك كىرىم قىلىپ باقتىڭىز !!
    dunyakara回复كارۋان说:
    ئېلانلارنى چېكىۋەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
    بلوگىڭىز كىنو-فىلىملەرنى ئاساس قىلغان بلوگ ئىكەن، شۇڭا زىيارەت سانىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىزگە بېرىدىغان تەكلىپىم:
    1.دىيارىمىزدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى قويىلىۋاتقان ياكى قويۇلماقچى بولغان فىلىملەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ، بلوگىڭىزدا كۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسىڭىزمۇ باشقا ئورۇندىكى ياخشى قويۇلۇش ئادرىسلىرىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
    2.يازمىلىرىڭىزنىڭ يېڭىلىنىشى مەلۇم دەۋرىيلىكنى ئاساس قىلىشى كېرەك،يازما يوللاپ تۇرۇڭ، يوللاپ تۇرۇڭ، يەنە يوللاپ تۇرۇڭ....تور دۇنياسى مۇشۇنداق زىيارەتچىلىرىڭىز سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ توختاۋسىز يېڭىلىنىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    3.باشقا بلوگلارغا كىرىپ ئىنكاس يېزىڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، باشقا مۇنبەرلەر توربەتلەر بولسىمۇ مەيلى، خۇلۇم-خوشنىدارچىلىقتىكى بېرىش-كېلىشكە سەل قارىماڭ.
    4.بلوگىڭىزدىكى ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل سەمىمىي پوزىتسىيەدە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرۇپ تۇرۇڭ.

    ئاخىرىدىكى سوئالىڭىزغا كەلسەم، ھەقسىز بلوگلاردىكى ئېلانلاردىن بولغان كىرىم خۇددى بۇرۇتقا چاپلاشقان چۆپكە قوساق تويمىغاندەك بىر ئىش ئىكەن.

    ئاخىرىدا سىزگە بېرىدىغان تەكلىپىم، بلوگىڭىز كىنو-فىلىمنى ئاساس قىلغاندىن كېيىن چوقۇم بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرىۋېلىڭ، بلوگبۇسنىڭ بۇ تۈردىكى ئۇسلۇپلىرى بار.

    2009-02-17 23:46:45
  • بۇ تېمىڭىز مېنى خېلى چوڭقۇر ئويغا سالدى.بولۇپمۇ ئاخىردىكى تەھلىلىڭىز.مەن مۇشۇ ئوباما تەختكە چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ"we need to chang"دېگەن گېپىنىڭ ناھايىتى موھىم ئىكەنلىكىنى،بىزمۇ مۇشۇنداق شۇئارنى توۋلىساق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.
    dunyakara回复لوپنۇرى说:
    ئاخىرىنى يەنە يازماقچى ئىدىم، ئۆزۈمنى تەستە كونترول قىلىۋالدىم.
    2009-02-16 12:08:13
  • ياخشى تىمىلارنى يوللاپسىز ...رەھمەت !
    dunyakara回复ھىكمەت说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    2009-02-15 13:44:59