-
2009-02-10
ئۇقتۇرۇش! بىر قىسىم بلوگبۇسلار تاقالدى... - [تۈرى يوق]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34951508.html
ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى بلوگبۇس ھەركەتكە كەلدى.
نەچچە كۈندىن بۇيان بىرقىسىم مەزمونى ساغلام ئەمەس دەپ قارىغان بلوگلارنى تاقىۋەتتى. بۇ يەردە ئۇ بلوگلارنىڭ ئادرىسىنى يازمىدىم. مۇھىمى بلوگبۇسنىڭ ھەركەتكە كېلىپ تەدبىر قوللانغانلىقى، چۈنكى ئۇلار تەدبىر قوللانمايدىكەن ئالاقىدار ئورۇنلار بلوگبۇسنىڭ سۇپىسىدىن قوشۇپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسە ئۇ چاغدا بىز چوڭ زىيان تارتىپ كېتىمىز.
بۇ قېتىملىق "تەرتىپكە سېلىش" ھەركىتىدىن بلوگبۇس شېركىتىنىڭ مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل ، ئەتراپلىق قارايدىغانلىقى نامايەن بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزدەك بلوگبۇستا بلوگ يېزىۋاتقان دوستلارنىڭمۇ كۆڭلى ئەمىن تاپقۇسى.
نەسىھەتىم شۇكى:ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى تەرىپى بىلەن يامان تەرىپى تەڭ مەۋجۇد بولغاندەك ، بلوگبۇس سۇپىسىنىڭ سۇپىسىدىن كاشىلا كۆرۈلۈپ قېلىشىغا ئوخشاش(بۇ يەردە ھەرقانداق ئېھتىماللىقنى نەزەرگە ئېلىش مۇمكىن) كاشىلىلارنىڭ يۈزبېرىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاچچىق ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەركىم ئۆزى يېزىۋاتقان بلوگلىرىنى قەرەللىك ھالدا زاپاسلاپ تۇرغاي!
قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈدىغىنىم مۇشۇنچىلىكتۇر.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
مەن ئۇ ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش دېگەن يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپلا قويدۇم، خالاس. مەن ھېچيىرى بىلەن ھەپىلەشمىدىم. شۇڭا چۈشىنەلمەي ياردەم سوراۋاتىمەن.
مەن ئالدىنقى قېتىم سىز ياردەم قىلىپ تەڭشەپ بەرگەن ئۇسلۇبلارنى يەنە بۇزۇپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن توردىن يېڭى ئۇسلۇب چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەنىدىم، باشقىلارنىڭ بېتى نورمال كۆرۈنۈپتۇ، لېكىن مېنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغاندەك تۇرىدۇ، ۋاقىت چىقىرىپ بىر كۆرۈپ باققان بولسىڭىز. پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن:
http://yengisar.blogbus.com/
ھەرقانداق بىر يازمىنى زاپاسلىۋالماي تۇرۇپ ئۆچۈرىۋەتكەن بولسىڭىز ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بلوگبۇس سۇپىسىنىڭمۇ بۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى يوق، ھەم بارلىق بلوگلارنىڭ يازمىلىرىنى ئۇلار ئادەتتە زاپاسلىمايدۇ، شۇڭا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
قالغان چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
ھە راست ئۆتكەندە بىلوگىڭىزغا ئىنكاس يازىمەن دەپ يازالمىغانتىم،ئەمدى يەنە ئوڭشىلىپ قاپتىغۇ؟[cusFace:9]
ئۆتكەندە مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئارقا سۇپىسىدا كاشىلا يۈز بېرىپتىكەن، بلوگبۇستىكىلەر ئوڭشاپ بەردى.
بۇ تېمىنى كۆرۈپلا، يازمىلارنى قانداق ساقلارمىز دەپ، ئەندىشە قىلغان ئىدىم، يۇقىرىدا بۇنىڭمۇ جاۋابىنى بېرىپسىز، سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولدۇم،ھەقىقەتەن كاتتا ساۋاپلىق ئىش قىلدىڭىز،سىزگە كۆپ رەھمەت!