• 2009-02-17

    بلوگبۇستىكى يازما ۋە ئۇسلۇپلارنى زاپاسلاش ھەم قاچىلاش ئۇسۇلى - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35346091.html

    بلوگبۇسنىڭ مەيلى ئارقا سۇپا بولسۇن ۋە ياكى بلوگ سۇپىسى بولسۇن ئىقتىدارىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە ياكى بلوگ مەزمونلىرىنى ساغلاملاشتۇرۇش جەھەتتىكى قوللانغان تەدبىرلىرى بولسۇن توختاۋسىز تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئەلۋەتتە ئۆزىمىزگە ياققاننى ، تىلىمىزنى قوللايدىغاننى ئىشلىتىمىز.

    پېقىر بلوگبۇسنىڭ ئۇسلۇبى قوللايدىغان CSSكودلىرى توغۇرلۇق بولسۇن، بلوگبۇس ئۇسلۇپلىرى توغۇرلۇق بولسۇن ۋە ياكى بلوگبۇسنىڭ ئىقتىدارلىرى توغۇرلۇق بولسۇن يارمىداپ يۈرۈپ 50-60 پارچە يازما يوللاپتىمەن، بلوگ بىلىملىرى سەھىپىسىدىكى يازمىلىرىمنىڭ ئاساسى مەزمونىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بلوگبۇستىكى يېڭى قوشۇلغان ئىقتىدارلارنى دوستلارغا تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى بلوگبۇسنى ئىچكىرىلەپ ئىزدەنگۈچى دوستلار ئۈچۈن مۇھىم كودلار توغرىسىدا ، ئۇسلۇپ توغرىسىدا ئەپچىل ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىدى. شۇڭا بلوگبۇسنىڭ دەسلەپكى ئۈگەنگۈچىلىرى ئۈچۈن مەسىلەن: بلوگبۇسنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟ EOTھۆججىتىنى قانداق ياساپ قوشىمىز؟ دىگەنگە ئوخشاش ئاساسى چۈشەنچىلەرنى باشقا بلوگگىر دوستلار بلوگلىرىدا ئايرىم-ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن پېقىرنىڭ بۇ يەردە يەنە ئوخشاش مەزموندىكى يازمىلارنى تەكرارلاپ ئولتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. بىراق بۇ يەردە قوشۇپ قويۇشقا تېگىشلىك ئۆزى ئاددى ئەمما مۇھىم بولغان بىر مەزمون قېلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ، بۇ مەسىلىنى بلوگىمدا ئىنكاس قالدۇرغان بىر قىسىم دوستلاردىن بىلدىم. ئۇ بولسىمۇ بلوگ يازمىلىرىنى زاپاسلاش ئىشى ۋە ئۇسلۇپنى زاپاسلاش ۋە قاچىلاش(ئەسلىگە كەلتۈرۈش) ئىشى ئىدى.

    شۇنى سەمىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭكى بلوگىڭىزدىكى يازمىلار خاتا مەشغۇلات قىلىپ قويۇش سەۋەبىدىن تەساددىپى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپ قالسا يازما زاپاس ھۆججىتىگە تايانماي تۇرۇپ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!

    بلوگدىكى يازمىلارنى زاپاسلاش زاپاسلىغاندىمۇ قەرەللىك ھالدا زاپاسلاپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان بۇ بلوگبۇس سۇپىسى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تاقىلىپ قالسا(ئەلۋەتتە بۇنداق بولىشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ) بىز ئاشۇ زاپاسلىۋالغان ھۆججىتىمىز ئارقىلىق بارلىق يازمىلىرىمىزنى باشقا سۇپىغا يۆتكىۋالالايمىز،

    بلوگبۇسنىڭ ئۇسلۇپلىرىنى زاپاسلاش ۋە قاچىلاش ئىشىدا بلوگبۇسنىڭ مۇنداق بىر ئىقتىدارى بار ئۇ بولسىمۇ سىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇپنى زاپاسلاش ئارقىلىق كومپىيوتېرىڭىزدا ساقلىيالايسىز(بۇنداق ئىقتىدار بۇرۇن يوق ئىدى) ھەم مۇشۇ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئۇسلۇپ زاپاس ھۆججىتىنى ئوخشاشلا بلوگبۇسنىڭ خالىغان بلوگىغا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز.

    پېقىرمۇ بۇ يازمىنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى بۇندىن كېيىنكى ياسىغان ئۇسلۇپلارنى مۇشۇنداق زاپاس ھۆججىتى ئارقىلىق ئېلان قىلىمەن، دوستلارنىڭ بىۋاستە قاچىلاپ ئىشلىتىشىگە قولايلىق بولىدۇ، دوستلارنىڭ سەمىدە بولغاي!

    ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، تۆۋەندە بۇ ئىككى خىل ئىشنى ئايرىم-ئايرىم رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:

    1.بلوگدىكى يازمىلارنى زاپاسلاش:

    تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قىزىل چەمبىرەكنىڭ رەت تەرتىپى بويىچە يازمىنى زاپاسلاش ئارقا سۇپىسىغا كىرىمىز:

    كېيىنكى قەدەمدە رەسىمدىكىدەك يازمىنى زاپاسلاش ياكى زاپاسلانغان يازمىنى بلوگقا قاچىلاش(كۆچۈرۈش) قەدەملىرىنى مۇشۇ بىر بەت يۈزىدىلا تاماملاشقا بولىدۇ


    2.ئۇسلۇپنى زاپاسلاش ھەم بلوگقا قاچىلاش قەدەم-باسقۇچلىرى

    تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇسلۇپ تەھرىرلەش ئارقا سۇپىسىغا كىرىمىز(بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز شۇنداق بولسىمۇ تەپسىلى يوللاشقا توغرا كەلدى)

    ئۇسلۇپنى زاپاسلاش بولسۇن ياكى قاچىلاش بولسۇن ئوخشاشلا تۆۋەندىكىدەك بىرلا بەت يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرىۋېلىڭ


    ئەمدى قوشۇمچە قىلىپ ئۇسلۇپ قاچىلاشنى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرەي، كېيىنكى پېقىرنىڭ تارقىتىلىدىغان ئۇسلۇپلىرىنى قاچىلاشقا چوقۇم پايدىسى بولىدۇ.

    تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كومپىيوتېرىڭىزغا ساقلىۋالغان ئۇسلۇپنى ياكى يېڭىدىن چۈشۈرگەن ئۇسلۇپنى قاچىلىماقچى بولسىڭىز مۇشۇنداق مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

    تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى ئۇسلۇپنى زاپاسلاشتا چىقىدىغان كۆزنەك ۋە ئۇسلۇپ زاپاس ھۆججىتىنىڭ شەكلى، ( بۇ ھۆججەتنى پىرىستىن يېشىپ خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق كودلارنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن قاچىلاشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم مۇشۇ ***.TGZھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك)


    تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى ئۇسلۇپ زاپاس ھۆججىتىنى پىرىستىن يېشىپ خاتىرە دەپتەردە كۆرگەندىكى كۆرۈنىشى


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • [cusFace:6][cusFace:8]
  • thanks
    dunyakara回复maulanjan说:
    Welcome you!
    2009-03-05 12:15:44
  • تىمىڭىزغا رەھمەت دۇنياقارا ئەپەندى ، سىزدىن بىرگەپنى سورىسام ، مەن بلوگىمدىكى يازمىلارنى زاپاسلىسام زاپاسلاندى ، لىكىن باشقا بلوگقا زاپاسلىغان ھۆججىتىمنى يوللىسام پەقەتلا بولمايۋاتىدۇ ... يول كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن !!! 849564441
    dunyakara回复بىلىملىكلەر说:
    تۆۋەندىكى تارىم ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىغا بەرگەن جاۋابىمنى كۆرۈڭ ئەپەندىم، بىرنەچچە قېتىم قاچىلىسىڭىز ئوڭۇشلۇق قاچىلىنىدۇ.
    2009-02-20 22:27:32
  • سىزنى قاچان مۇشۇ تىمىنى يوللاركىن دەپ ساقلىۋىدىم، مانا ئاخىرى يوللاپ بەك ياخشى قىلىپسىز . ئىلگىرى < شىنجاڭ لىنيىسى > دىكى بىلوگۇم يوقاپ كىتىپ بىر چاغلارغىچە ئىچىم ئاچچىق بولغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن بىلوگبۇستىنمۇ ئەندىشەم بار ئىدى . بۇ تىمىڭىز ئاخىرى ئەندىشىلىرىمنى تۈگىتىپ مىنى خاتىرجەم قىلدى . سىزگە كۆپ رەھمەت . مۇشۇ تىمىڭىزنى دەپ بولسىمۇ ئىلانىڭىزنى چىكىۋىتىپ چىقىپ كىتەي ... ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي دوستۇم !
    dunyakara回复ھىكمەت说:
    ئەرزىمەيدۇ، ئەپەندىم. دوستلار ئارا مۇشۇنداق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرساق ھەممىمىزگە ياخشى.
    2009-02-19 02:19:45
  • يۇقۇرقى ئۇسۇلدا بلوگىمدىكى بارلىق يامىلارنى زاپاسلاپ ئۇزبلوگقا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۆتكىۋالغان ئىدىم، بىراق بلوگبۇستىكى باشقا بىر بلوگقا يۆتكەپ باقاي دىسەم، نۆل دانە خاتىرە قاچىلاندى دىگەندەك بىر ئۇچۇر چىقىپ قاراپ تۇرىۋالدى. بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟
    dunyakara回复تارىم说:
    بەزىدە مۇشۇنداقمۇ بولۇپ قالىدىكەن، بۇ بلوگبۇس مۇلازىمىتىرىنىڭ ئىشىمىكىن، چۈشۈرۋالغان زاپاس ھۆججەت بار بولغاندىن كېيىن غەم قىلماي بىر نەچچە قېتىم سىنىسىڭىز قاچىلىنىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئايرىم ھاللاردا يۈز بېرىپ قالىدىكەن.
    2009-02-19 02:16:46