-
2009-02-20
ئەتە دۇنيا ئانا تىل كۈنى - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35457664.html
ئەتە يەنى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى "دۇنيا ئانا تىل" كۈنى.دۇنيا ئانا تىل كۈنى قانداق كېلىپ چىققان؟ دۇنيادا قانچە خىل تىل بار؟ قانچە مىللەت بار؟....دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولايلى:
دۇنيا ئانا تىل كۈنى قاچان بېكىتىلگەن؟
بىرلەشكەن دۆلەتلەر مائارىپ، پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى "دۇنيا ئانا تىل" كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. بۇنىڭدىن مەقسەت شۇكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا ئانا تىلنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىش، ئانا تىلنى تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى كۆپ قىسىم تىللارنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ "دۇنيا ئانا تىل" كۈنىنىڭ بېكىتىلىش سەۋەبى ۋە ئارقا كۆرۈنىشى قانداق؟
بۇ كۈندە "دۇنيا ئانا تىل" كۈنىنىڭ بېكىتىلىشى بېنگالنىڭ مۇستەقىللىق ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى بېنگال پاكىستانغا تەۋە ۋاقىتتا بېنگال خەلقى بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى قاتارىدا ئىشلىتىشنى(ھۆكۈمەت تىلى دەپ ئېلان قىلغان تىل قاتارىغا كىرگۈزۈش) نى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ بارغان. بۇ نامايىش قىلغان كۈنى دەل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىدى، دەل مۇشۇ نامايىش قىلغان كۈنى ساقچى تەرەپ بىر توپ نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، 5نەپەر نامايىشچى ئۆلتۈرۈلگەن. بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ ئۆلتۈرۈلگەن "ئانا تىل قەھرىمانلىرى"غا ئاتاپ خاتىرە مۇنارى ياسىغان.
1953-يىلىدىن تا ھازىرغىچە ھەريىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېنگالنىڭ قەھرىمانلار خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.1956-يىلى پاكىستان دۆلىتى ئاساسى قانونغا بېنگال تىلى بىلەن ئوردۇ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەن.
دۇنيادا قانچە مىللەت بار؟ قانچە خىل تىل بار؟
دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ سانى توغرىسىدا ئېنىق سىتاتىسكا يوق، چۈنكى مىللەتكە بېرىلگەن تەبىر ھەرقايسى ئەللەردە ئوخشاش بولمىغان نەزىرىيىۋى كۆزقاراشلارغا ئىگە، شۇنداق بولسىمۇ ھازىرغىچە دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان مىللەت 2070 مىللەت بار دەپ قارالماقتا بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. بۇ مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە نوپوسى كۆپلىرىنىڭ مىلياردتىن ئاشىدۇ، نوپوسى ئازلىرىنىڭ ھەتتا نەچچە ئونغىمۇ يەتمەيدۇ.
ھازىر خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان ، دۇنيادا پەقەت نەچچە ئون ئادەم ئىشلەتسىمۇ بىر مىللەت تىلى بولۇپ ھىساپلىنىدىغان تىلدىن جەمئى 3655خىل تىل بار ، بۇ 3655خىل تىلنىڭ تەپسىلى ناملىرىنى تۆۋەندىكى بەتتىن كۆرىۋېلىڭ.
شەخسى تەسىرات:
مۇشۇ تېمىنى يېزىۋېتىپ بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر كىشىنى ئويلاپ قالدىم، ئۇ كىشى 50 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى كىشى بولۇپ كېسەل سەۋەبىدىن پېىنسىيىگە چىقىۋالغان، ئۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشتا ئانا تىلدىن ئايرىپ تۇرۇپ بىرەر ئېغىز گەپ قىلغىنىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقماپتىمەن. نىمە ؟ ئۇنى باشقا تىلنى بىلمەمدۇ دەمسىز؟ بۇش چاغلاپ قالماڭ ئۇ كىشى باشقا تىلنى تىتىۋېتىدۇ.
ئەتە ئاشۇ" دۇنيا ئانا تىلى" كۈنىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ساپ ئانا تىلىدا سۆزلەيمەن، مەسىلەن:
دەنشى كۆرۈشنى تېلىۋىزور كۆرۈش دەيمەن،
سەي سېتىۋېلىشنى كۆكتات سېتىۋېلىش دەيمەن.
ياۋكۇڭنى ئېلىۋەت دىگەننى تىزگىنەكنى ئېلىۋېتىڭ دەيمەن.
شۇۋجىرىڭ ۋۇپاجېتوڭ بولۇپ قاپتۇ دىگەننى يانفونۈڭ ئۇلانمىدى دەيمەن....ئانا تىلىمىزدا ئىش-ھەركەتنى ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان سۆز يوق، شۇڭا بىز بۇ كۈننى خاتىرلەش يۈزىسىدىنلا ئەمەس مۇشۇ كۈنگە قوشۇپ ھەربىر كۈنىمىزنى مۇشۇنداق ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتىشكە ، قەدىرلەشكە، قوغداشقا سەرپ قىلساق بۇ ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جۈملىدىن ياشلارغا، كېيىنكىلەرگە تەسىر كۆرسەتسەك ئاندىن بىز ئانا تىلىمىزغا يۈز كېلەلەيمىز. ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئىش ھەركىتىمىزدە ئانا تىلىمىزنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ قانچىلا جار سالغىنىمىز بىلەن بىكاردۇر بىكار، خۇددى كونىلار ئېيتقاندەك:" ۋاقتى ئۆتكەن قىلىچىڭنى پوققا چاپ" دىگەندەك بولۇپ قالىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论