• 2008-11-17

    بلوگ يۈزىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىرقانچە مەسىلە(4) - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31309944.html

     ئۈچىنچى قىسمى بۇ يەردە

    بلوگ يان ئىستون قىسمى:بلوگ يان ئىستون قىسمى بلوگ قۇرۇلمىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم بۆلىكى بولۇپ يان ئىستون ھەر خىل بلوگنىڭ ھەرخىل شەكىلدە بولىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىمۇ ئېنىق بىر چەكلىمە ياكى ئۆلچەم يوق . پەقەت مەن ئۆزەمنىڭ چۈشەنچەمنى دەپ باقاي.

    مېنىڭچە يان ئىستونغا قوشۇشقا تېگىشلىك مەزمونلار:

     

    (1)يازما تۈرلىرى يازما تۈرلىرى بلوگىڭىزنى يېتەكلەش رولىغا ئىگە قىسىم بولۇپ بلوگىڭىزدىكى يازمىلارنىڭ خاراكتىرى قۇرۇلمىسى ھەم بارلىق يازمىلارنىڭ سانىنى بىلگىلى بولىدۇ. تۈرلەر بەك ئاز بولسا بلوگ باش قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    (2)ئەڭ يېڭى ئىنكاس بەزىلەر ھەربىر يازمىنىڭ ئاستىدا ئىنكاس قىسمى بارغۇ بۇنى يان ئىستونغا چىقىرىشنىڭ نىمە ھاجىتى دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بۇ خاتا قاراش. چۈنكى ئەڭ يېڭى ئىنكاس بۇ بلوگگىر بىلەن زىيارەتچى ، زىيارەتچى بىلەن زىيارەتچىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ، ئۆزئارا ئىدىيە ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك، شۇڭا بۇنىڭغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇندىن باشقا ئىنكاس يازغان زىيارەتچىنىڭ بلوگگىرنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاپ قايتۇرغان-قايتۇرغىمانلىقىغىنى تەكشۈرىشىگىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ،  سىز ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرسىڭىز زىيارەتچى قايتىدىن كۆرسە خوش بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بلوگگىر بىلەن زىيارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا رىشتە باغلىنىدۇ. جاۋاپ قايتۇرمىسىڭىز زىيارەتچىنى كۆزگە ئىلمىغان، مەنسىتمىگەن بولىسىز، بۇنىڭلىق بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بلوگىڭىزمۇ سوۋۇپ ،چۆلدەرەپ قالىدۇ. مەن بۇ توغرىسىدا "ئىنكاسقا جاۋاپ بېرىش -ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر"   دىگەن  يازمامدا ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدىم ، بىراق ھازىرغىچە خېلى بلوگگىرلار مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ.

     (3)RSSئوقۇغۇچقا تىزىملىتىش بۇ ئىقتىدار بلوگىڭىزنىڭ نامىنى چىقىرىش ۋە زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىسى كۆپ شۇڭا بۇنى قويۇش ، قويغاندىمۇ ئەڭ ياخشىسى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئوقۇغۇچىغا تىزىملىتىپ قويماستىن ، بلوگ سۇپىسى تەمىنلىگەن مۇلازىمېتىردىكى ئوقۇغۇچقا تىزىملىتىش لازىم.

    يان ئىستونغا قويمىسىمۇ بولىدىغان بۆلەكلەر، مېنىڭچە:

    (1)             كالېنداركالېندار قىسمى، كالېندارنىڭ ئىقتىدارى چېسلا يەنى ئاي كۈننى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت، بىراق ئىشىنىمەنكى بۈگۈن ئايغا نەچچىلىكىنى بىلەلمەيدىغان ئادەم سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كىرمەيدۇ، شۇڭا مېنىڭچە كالېندارنىڭ بلوگنى زىننەتلەشتىن باشقا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى يوق ھەم قويغاننىڭ پايدىسىمۇ يوق دەپ قارايمەن.

    (2)             ئارخىپ ئارخىپ يەنى يازمىلار ئارخىپى بولۇپ بۇنىڭ رولىدىن ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى كۆپرەك، چۈنكى بلوگىڭىز بىرنەچچە يىللىق سىتاژغا ئىگە بولۇپ قالسا بۇ ئارخىپمۇ ئۇزۇراپ خېلى بىر يەرلەرگىچە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق، تۈر بويىچە كۆرىمەن دىسىڭىز يازما تۈرلىرى بار، ئۇندىن باشقا باش بەت ئايىقىدا بەتلەر بويىچە كۆرىدىغان ئىقتىدار بار، شۇڭا سىزنىڭ قايسى پەسىلدە قانداق ۋاقىتتا نىمە يازمىلارنى يازغانلىقىڭىزغا باشقىلار ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ، ھەم شۇ بويىچە ئىزدىمەيدۇ.

    (3)             ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىقتىدارلىرى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىقتىدارلىرى دىگىنىمىز سىتاتىسكا، تەۋسىيە ئېلانلىرى، ئالاھىدە ئۈنۈم قاتارلىقلار بولۇپ بۇنداق ئىقتىدارلار ھەقىقەتەن كۆپ قويىمەن دىسىڭىز بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن بلوگىڭىزنىڭ ئاساسى خاراكتىرى، قۇرۇلمىسى ۋە كۆرۈنۈش سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەم زىيارەتچىلەردىمۇ بلوگقا كىرىپ بىر قاراپلا زېرىكىپ چىقىپ كېتىدىغان ،بېشى قېيىپ ئاساسى مەۋقەنى تاپالمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

     (4)دوستانە ئۇلانمىلار.دوستانە ئۇلانمىلارنى مەن قويماڭ دىمەكچى ئەمەسمەن، بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە بار ئۇ بولسىمۇ دوستانە ئۇلانمىغا رەسىملىك ۋە خەتلىك ئۇلانمىلارنى قوشۇپ ياكى ئارلاشتۇرۇپ قويسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، نۇرغۇنلىغان توختاپ كەتكەن، بلوگىڭىز بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى بولمىغان توربەتلەرنى ، بلوگلارنى، كىنو –ناخشا توربەتلىرىنى دوستانە ئۇلانمىغا تىزىۋالسىڭىز ئۇلار سىزگە ھېچقانداق زىيارەت ئېقىمى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆزىڭىزنىڭ بلوگى ئۇلىنىش توربەتلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

    ئەڭ ياخشى تەجرىبە شۇكى- ئۆزىڭىزنىڭ بلوگى بىلەن خاراكتىرلىنىدىغان بلوگ ياكى توربەتلەرنى ھەمدە ئۆزىڭىز قايىل بولىدىغان، زىيارەت ئېقىمى يوقۇرى بلوگ ياكى توربەتلەرنى دوستانە ئۇلانمىغا قويسىڭىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭكىدىمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىز بولسا ئاندىن سىزنىڭ بلوگىڭىزغا ئىنتايىن كۆپ پايدىسى تېگىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بلوگ يۈزىنى ئەلالاشتۇرۇش تېمىسىدىكى يازمام مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئەپەندى !رەھمەت سىزگە !خېلى بىلىملەرنى بېلۋالدىم !
    ئىنكاس بىلەن جاۋاپ ئايرىيدىغان بۇ قىزىل سىزىقنى قانداق چىقىردۇ ؟
    مەن سىزنى ئۇلىش قىلىپ قويدۇم مىنىمۇ ئۇلىشىنشقا قېتىپ قويسىڭىز !
    dunyakara回复ترىخ说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    CSSبۆلىكىنىڭ ئىچىدىكى
    commentForm reCmt قىسمى ئىنكاسقا جاۋاپ بەرگەن پارامىتېر بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە border ۋە رەڭنى بەرسىڭىز بولىدۇ.
    ئۇلىنىش قوشۇش دىگەن تېمىنىڭ ئاستىغا بلوگىڭىزنىڭ لوگو رەسىم ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، كۆزنەك بلوگگىرلار ئۇلىنىشىغا قوشۇپ قوياي.
    2008-12-21 15:04:17
  • تولىمۇ ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن! رەھمەت سىزگە،مۇشۇنداق كەڭ بەتلىك بلوگنىڭ تەرجىمە قىلىنغانلىرى بارمىدۇ؟ تەرجىمە قىلىنغان ئۇسلۇبلارنىڭ ھەممىسىلا تار بەتلىك ئۇسلۈبلۇق ئىكەن.مەنمۇ بلوگدىن بىرنى قۇرۇپ،قىستۇرما رەسىملىك دەرسلىك يوللاي دېگەن بەت يۈزى بەك كىچىك خەت بىلەن رەسىم پاتماي قالىدىكەن.....
    dunyakara回复ئىزھار说:
    ئەلۋەتتە بار مەسىلەن بلوگۇس سۇپىسى تەمىنلىگەن(愈夜愈美丽) دىگەن ئۇسلۇپ كەڭ بەتلىك خۇددى مېنىڭكىگە ئوخشاش بۇ ئۇسلۇپنى تارىم بلوگى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتتىغۇ، كۆرۈپ بېقىڭ.
    2008-11-19 10:44:02
  • مۇھىم نوقتىنى بىلىۋالدىم .رەخمەت.
    dunyakara回复بىلىش说:
    ئەرزىمەيدۇ.
    2008-11-19 10:40:54
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دۇنياقارا ئەپەندىم ، ياخشىمۇسىز ؟!!
    تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلاركەن !
    دوستانە ئۇلانمىنى ئايرىم بىر بەتكە ئورۇنلاشتۇرسا بولامدۇ ؟!!!
    dunyakara回复شادلىق说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ياخشىمۇسىز شادلىق ئەپەندىم؟
    دوستانە ئۇلانمىنى ئايرىم بىر بەتكە ئورۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار بىرى يازما ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم شۇ يازمىنى چوققىلاش ئېلىپ بېرىش، يەنە بىر خىلى ئايرىم بىر بلوگ بېتى ئېچىپ شۇنى ئۇلىنىش قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتىش، خۇددى كۆزنەك ئۇلىنىشىغا ئوخشاش.
    بلوگباسنىڭ ھازىرقى ھالەت ئىقتىدارىدا ئايرىم بىر بەتكە دوستانە ئۇلانمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھازىرچە مۇشۇ ئىككى خىل ئۇسۇلى بولىشى مۇمكىن.
    2008-11-19 10:40:32