• 2008-11-19

    بلوگگىرلار سەل قاراشقا بولمايدىغان بىرنەچچە خاتا نۇقتا - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/31314715.html

    بلوگگىرلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتا بار، بلوگنى يازغان ئىكەنمىز بىر ياخشى بلوگگىردا بولۇشقا تېگىشلىك ساپانى يېتىلدۈرمىسەك ، بلوگىمىزنى ھەرخىل ئەپچىل چارىلەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلمىساق ئاخىرى بېرىپ بلوگىمىز ۋە ئۆزىمىز بىرمۇنچە بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ يۈرىشىمىز مۇمكىن.

    بىرىنچى:ئۇسلۇپنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش.

    بىر قىسىم بلوگگىرلار مەلۇم بىر خىل بلوگ ئۇسلۇبىنى تاللاپ ئىشلىتىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يېڭى بىر ئۇسلۇپ چىقسا دەرھال يۆتكىۋالىدۇ، كېيىن يەنە بىر خىل ئۇسلۇپ چىقسا چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئالماشتۇرۇپ باقىدۇ، بۇنداق ئادەت ياخشى ئەمەس. بۇنداق بولىۋەرسە بلوگىڭىزنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش "ئوبرازى" زىيانغا ئۇچرايدۇ، زىيارەتچىلەردە ياخشى تەسىر قالدۇرمايدۇ.

    ئىككىنچى:يازمىلارنىڭ ئاساسى مەزمون دائىرىسى مۇقىم بولماسلىق، يەنى مەيدانى ئېنىق بولماسلىق.

    بۇ بلوگنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلىشقا بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم ئىش بولۇپ، باشتىن-ئاخىر بلوگىڭىزنىڭ ئاساسى تېمىسى ئەتراپىدا يازما يوللاشتا چىڭ تۇرسىڭىز ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاندىن بلوگىڭىز نام چىقىرالايدۇ، زىيارەتچىلىرىڭىزمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارىدۇ، ئەكسىچە بۈگۈن ئىنگىلىسچە يازما يوللىسىڭىز ئەتە ئىسلامى ،دىنىي مەسىلىلەر توغرىسىدا يازما يوللىسىڭىز، تۇرۇپ يانفون توغرىسىدىكى يازما، تۇرۇپلا رەسىم ,فىلىم ئىشلەش ،تەھرىرلەش توغرىسىدىكى دەرسلىكلەرنى يوللاپ قويسىڭىز .بلوگىڭىز مەزمون قۇرۇلمىسى جەھەتتە چۇۋالچاق بولۇپ قالىدۇ.

    ئۈچىنچى:ئىنكاسقا جاۋاپ قايتۇرماسلىق.

    داڭلىق بلوگلار كۈنىگە نەچچە يۈزلەپ ئىنكاس قوبۇل قىلىدۇ، بۇنداق بلوگلار كۆپىنچە ھەممە ئىنكاسقا بىردىن-بىردىن جاۋاپ بېرىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇنى ئەلۋەتتە توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، بىراق بەزى بلوگلار شۇ بىرنەچچە دانە ئىنكاسقىمۇ جاۋاپ بەرمەيدۇ، پەرۋا قىلمايدۇ. بۇ ئىنكاسنىڭ قانداق مەزموندا بولىشىدىن قەتئىنەزەر(ئەدەپ قائىدىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن ئىنكاس بولسىلا)ئىنكاس يازغۇچىنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەندەك ، پىكىردە ئورتاقلىشىشنى خالىمىغاندەك بىر ئىش. بۇ بلوگ يېزىش مەقسىتىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە.

    تۆتىنچى:يازما ئېلان قىلىش دەۋرىيلىك بولماسلىق ياكى تۇراقلىق بولماسلىق.

    قىزغىنلىقىمىز تۇتۇپ كەتسە بىر كۈندە 6~7 پارچە يازمىنى يوللىۋەتسەك، خوشياقمىسا نەچچە ئون كۈنگىچە بىرەر پارچىمۇ يازما يوللىمىساق، بۇنداق ھالەت بىر ياخشى بلوگگىردا بولۇشقا تېگىشلىك پىسخىكا ئادىتى ئەمەس، بۇنداق ھالەت ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ يازمىلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىشى مەسلىسىدىمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ئەڭ ياخشىسى سىز مەيلى ھەركۈنى بىر پارچىدىن يازما يوللىغان بولۇڭ ۋە ياكى ھەر ھەپتىدە بىر پارچىدىن يازما يوللىغان بولۇڭ مەسىلە يازمىڭىزنىڭ ئاز-كۆپ بولىشىدا ئەمەس بەلكى مۇقىم دەۋرىيلىكنى ساقلىيالىشىدا.

    بەشىنچى:بلوگنى يېزىشنى بەك مۇھىم بىلىپ ئۆزىگە بېسىم پەيدا قىلىۋېلىش.

    بلوگ يېزىشتىكى مەقسەتنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. يەنى مەن نىمە ئۈچۈن بلوگ يازىمەن؟ بلوگ يېزىش ۋاقتىمنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىمەن؟نىمىنى يازىمەن ؟ قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوچۇق، ئازادە، ساغلام بولغان روھى ھالەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بلوگ يېزىشنى قانداقتۇر باشقىلار ئۈچۈن ئۇلۇغۋار ئىش قىلىپ بېرىشتەك يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرىۋېلىپ تۇرۇپ خىيال قىلسىڭىز ئۇنداقتا بلوگ يېزىش سىزنى ئاسانلا چارچىتىپ قويىدۇ. روھى بېسىم تۈپەيلىدىن ئاخىرى بلوگ يېزىشتىن زېرىكىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن، مانا بۇ ساغلام بولمىغان كەيپىياتتۇر. شۇ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭكى بلوگ يېزىش ھازىرقى تەرەققى قىلىۋاتقان تور دۇنياسىدا ئانچىكىملا بىر ئىش، سىزنىڭ ياكى مېنىڭ بلوگىم بىلەنلا تور دۇنياسى ياكى كىشىلەر توپى يا نېرى يا بېرى بولۇپ كەتمەيدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • بۇ تېمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن. بۇنى "بلوگىرلار ئاساسىي قانۇنى" دەپ ئاتىساق بولىدىكەن.
  • مەنمۇ پىكرىڭىز نى قوللايمەن... سىزدىن ئۆگۈنىدىغان جايلىرىم كۆپ ئىكەن..
    dunyakara回复سىر228说:
    مېنىڭ بىلىدىغىنىممۇ چەكلىك، بىللە ئۆگۈنەرمىز.
    2009-05-26 11:26:50
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! [cusFace:6]
    سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىش بارئىدى ... ۋاقتىڭىز يەتسە ، ماڭا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتسىڭىز ؟
    مەن بلوگىمدىكى ھەممە يەرنى تەرجىمە قىلىپ ، پەقەت " يېڭى يازمىلار " دېگەن سەھىپىنىڭ ئاستىدىكى 全部日志 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرالمىدىم . ھەممە يەرلەرنى ئاختۇرۇپمۇ بۇ خەتنى تاپالمايۋاتىمەن . رەنجىمەي ، ماڭا شۇ ئورۇننى تەرجىمە قىلىدىغان كود بار ئورۇننى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ...سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم !
    dunyakara回复مەھشىيە说:
    ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام.
    بلوگىمدىكى تەرجىمە ھۆججىتىڭىزنى يېڭىلاڭ دىگەن يازمىغا قاراڭ، شۇ يازمىدا دەل سىز دىگەن مەسىلە ھەل قىلىنغان، ھەم كودى تەمىنلەنگەن چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالسىڭىز بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ. باشقا ئىش بولسا يەنە ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
    2009-04-10 13:15:08
  • مەنمۇ بىلىۋالدىم
    dunyakara回复ئېنگىلىز تىلى说:
    ياخشى.
    2008-11-27 01:36:53
  • راس ،دەيسىز !! مەن سىزنىڭ پىكرىڭىزنى قوللايمەن ،ھەم دىققەت قىلمەن[cusFace:11]
    dunyakara回复دولقۇن731说:
    رەھمەت سىزگە دولقۇن ئەپەندىم. بلوگىڭىز كۆزنەككە قوشۇلدى.
    2008-11-23 14:13:34
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    مەن تىل ئۆگىنىشكە ، كومپىيۇتېر بىلىملىرىغا قىزىقىمەن ...مەن چوقۇم بلوگىمغا كومپىيۇتېر بىلىملىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا تىما يوللىشىم كىرەك . شۇنداقمۇ ؟؟؟ يەنە كومپىيۇتېر بىلىملىرىدىن سىرىت تىل ئۆگىنىش توغرىسىدا يوللىسام چۇۋالچاق بولۇپ قالارمۇ ؟؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !
    dunyakara回复شادلىق说:
    ئۇنداق بولۇپ قالمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، سىز بلوگ يازما تۈرلىرىگە ئايرىم تۈرلەر ئارقىلىق بېكىتىپسىز، بۇنىڭدا چاتاق يوق.
    2008-11-20 15:33:49