• 2008-09-12

    ئىنكاسقا جاۋاپ بېرىش –ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28762924.html

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئەزىز بلوگگىر دوستلار؛نۆۋەتتە بلوگ قۇرۇشقا قىزىقىۋاتقانلار ئاز ئەمەس، بلوگ يېزىۋاتقانلارمۇ خېلى بار، پەرىزىمچە ھازىر ئوڭۇشلۇق بلوگ قۇرۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولغانلاردىن 90نەچچىسى بارغۇ دەيمەن. مەن بلوگىمدا كۆزنەك ئۇلىنىش ئىقتىدارىنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇلىنىش قوشقان بلوگلارنىڭ سانىمۇ 60كە يەتتى. يوقارقى بلوگگىرلار ھەممىسى ئۆزى قىزىقىش ساھەسىدە، ئۆز ئارزۇسى بويىچە، خاسلىقىنى نامايەن قىلغان ئاساستا ساغلام بولغان بلىم ئوزۇقلىرىنى تەييارلاپ ئۆز بلوگىنى تۈرلۈك بىلىم ئۈنچىلىرى بىلەن بېزەپ كەلمەكتە.بۇ بلوگگىرلارنىڭ ئىچىدە خۇددى خالمۇرات ئۆمەرنىڭ ھېلىقى ئېپىزوتىدا-"ئاغىنە ، قىلىدىغانغا ئىش يوق ، كىنو ئىشلەپ باقايمىكىن؟!" دىگەندەك ،قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي بلوگ قۇرۇپ باققانلار يوق بولىشى مۇمكىن ، ھەممىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە  ئۆزىمىزگە تۈشلۈق ئارز-پىلانلىرىمىز بار بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. خوش ، ئۇنداقتا بلوگ قۇرۇپ قويساقلا ئىش تۈگەمدۇ؟ ياق! ئەلۋەتتە تۈگىمەيدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە بلوگنى ئوڭۈشلۇق قۇرغىنىمىز خۇددى قورو-جاي سېلىپ پۈتتۈرگەنگە ئوخشايدۇ، "ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن"دىن كېيىن قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بولىدۇ.ھازىرقى بلوگلاردىكى ساقلىنىۋاتقان بىرنەچچە مەسىلىلەر مەۋجۇت ، تۆۋەندە مەن مۇشۇ نۇقتىلارنى تەكلىپ قاتارى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:

    1.بلوگىمىزنى ئامالنىڭ بارىچە ئاددى، كۆركەم قىلىپ بېزەيلى.بەت يۈزى بىلەن خەتلەرنىڭ رەڭگى كۆزنى چاقىدىغان بولۇپ قالمىسۇن،ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى بىرنى جىق بولغاندا ئىككىنى چىقىرىپ قويساق كۇپايە، بەك كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن، ئېلانلارنىڭ ئورۇنلىرىنى خاراكتىرى ۋە كۆرىنىشى بويىچە مۇۋاپىق،سىپتا ئورۇنلاشتۇرايلى، باش بەتنى ئاچقاندىلا رەتسىز، قالايمىغان، ئالا-چىپار بولۇپ كەتمىسۇن، ئۇنداق بولمىغاندا زىيارەتچىلەردە ئاسانلا چارچاش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىدۇ-دە ئاستا چىقىپ كېتىپ قالىدۇ.

     

    2.بلوگىمىزدا ئادەتتە ئىككى كۈندە بىر پارچە ھېچ بولمىغاندا ھەپتىدە بولسىمۇ بىرەر پارچىدىن يازما يېزىپ تۇرساق ياخشى. ئالدىمىزدا بىرەر ئايلىق ئىشىمىز چىقىپ قېلىپ ۋاقتىدا يوللىيالمايدىغان ئەھۋالدا ۋاقىت بەلگۈلەپ يوللاپ قويساقمۇ بولىدۇ ، بۇ جەھەتتە مەن "بلوگباستىمۇ ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ تېما يوللىسىڭىز بولىدىكەن"  دىگەن يازمامدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. بۇنداق قىلغاندا زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئەڭ ناچار ئويلىغاندىمۇ مۇقىم بىر سەۋىيىدە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئايلاپ-ھەپتىلەپمۇ بىرەر پارچە يازما يوللىمىساق بلوگ قۇرۇش مەقسىتىمىزدىن يىراقلاپ كېتىمىز، زىيارەتچىلىرىمىزدىنمۇ ئاستا-ئاستا ئايرىلىپ قالىمىز،

     

    3.ئىنكاسقا مۇۋاپىق جاۋاپ قايتۇرايلى.بلوگىمىزدا بىرەر يازمىنى يوللىغان ئىكەنمىز ئۇنى ئەلۋەتتە باشقىلار كۆرىدۇ، ھەم ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويىدۇ، ھېچبولمىغاندا "تېمىڭىزغا رەھمەت"،" ياخشى تېما ئىكەن"،"ئوبدان تېما يوللاپسىز" دىگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرىدۇ. بلوگبۇسنىڭ ئىنكاسقا جاۋاپ قايتۇرۇش(回复دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ جاۋاپ قايتۇرساق بولىدۇ)ئىقتىدارى نورمال بولغاندىن كېيىن مۇناسىپ بولغان جاۋاپنى قايتۇرايلى. ھېچبولمىغاندا "قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت" دەپ ئىككى ئېغىز بولسىمۇ دەپ قويساق ئارتۇقچە كەتمەيدۇ. بۇ ئەقەللىسى بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن "ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!" دىسە جاۋابەن "ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام" دەپ جاۋاپ قايتۇرغانغا ئوخشاش. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز بەزى بلوگگىرلار زىيارەت قىلغانلا بلوگلىرىدا ئاز-تولا ئىنكاس يېزىپ ماڭىدۇ، بۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. بىراق شۇنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز بەزى بلوگلار ئەزەلدىن ئىنكاسقا جاۋاپ يازمايدۇ. بۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىمىزگىلا پايدىسىز. شۇنى يادىمىزدا تۇتايلىكى : ئىنكاسقا جاۋاپ بېرىش-ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر.

     

    4.بلوگ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش توغۇرلۇق شەرت قويماسلىق. ھەممىمىزگە مەلۇم بەزى بلوگلار ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا يازما يوللاپ تۈرلۈك شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،بلوگلارنى تاللاپ ئۇلانما قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش مېنىڭچە ياخشى ئەمەس.يېڭىياچە بلوگلار ياكى شەرتكە چۈشمەيدىغان بلوگلار بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىرچەتتە "بوينىنى قىسىپ" قالىدۇ. شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭكى يېڭى قۇرغان بلوگلار بىر كۈنلەرگە بارغاندا سىزنىڭ بلوگىڭىزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا يېڭى بلوگلارغىمۇ قىزغىن مۇئامىلىدە بولايلى. بلوگ قۇرۇلۇشىدىنلا تەبىئى ھالدا  تېمىسى،ئۇسلۇبى، مەزمونى جەھەتتە خىلمۇ-خىل بولىدۇ، شۇڭا تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇۋېلىش مۇۋاپىق ئەمەس، بلوگىمىزنىڭ زىيارەت مىقدارىنى ئازايتىپ قويىدۇ.

     

    5.ئامالنىڭ بارىچە بلوگىمىزنىڭ يازمىلىرى دەۋرىيلىك ھالدا يوللانسۇن، بۇنداق دىگىنىم يازمىلارنى ئامال بار مۇقىم تەرتىپتە يوللاش كېرەك، يەنى ئىككى كۈندە بىر پارچە بولسا ئامال بار مۇشۇ سەۋىيەنى ساقلاش كېرەك دىمەكچى، بۇ ئەلۋەتتە تۆۋەن چەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بەيدۇ 百度گوگۇلgoogleغا ئوخشاش ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئىزدەش ماتورلىرىغا قوشىۋېلىشىمۇ مۇقىم سۈرئەتتە ئېشىپ بارىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بلوگىڭىزغا تۈرلۈك ئېلانلارنى قويسىڭىزمۇ غەم قىلمايسىز.

     يوقارقىلار پېقىرنىڭ بلوگ يېزىش جەريانىدا توپلىغان ئازراق تەجرىبىلىرىم، بلوگ يېزىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئاز-تولا بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن ئۈمىدتىدۇرمەن.

    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • مەن سىزنى باشقۇرغۇچىلىققا قانداق تەكلىپ قىلىمەن~!`
    dunyakara回复ghini说:
    تەرتىپ بويىچە بلوگ ئارقا سۇپىسىدىن تۆۋەندىكى مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىڭ:
    博客->博客设置->作者管理->激情作者
    چىققان كۆزنەككە dunyakara دەپ كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرۈشنى باسسىڭىز بولىدۇ.
    2009-03-28 00:39:33
  • assa la mu allay kum~!`
    yah shi mu siz ~!`
    man blogim ning us ti rasimini qikiralmidim yardem kilsingz bopti kan `!
    http://gheni.blogbus.com

    meh pi numurini siz ge kandak ewatip biriman!!
    dunyakara回复ghini说:
    ياخشىمۇسىز. بلوگىڭىزدا تۇرۇپ مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز مەن ئوڭشاپ بېرەي بولامدۇ؟ مەخپى نومۇرىڭىزنى ئاشكارلىماي تۇرۇڭ.
    2009-03-26 19:03:04
  • بلوگلار جەمگاھىنى قېتىۋالدىم، پات پات يوقلاپ تۇرارسىز.
    dunyakara回复ئوتكۈر说:
    بلوگلار جەمگاھىنى قېتىۋالغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، دائىم يوقلىشىپ تۇرايلى.
    2008-09-22 01:08:42
  • مىنىمۇ قىتىۋىلىىڭ،
    otkur.blogbus.com
    تۇغ ئادىرسى بلوگىمنىڭ ئىچىدىكى ئۇلىنىشلارنىڭ بىرىنجسى شۇ.
    dunyakara回复ئوتكۈر说:
    بلوگىڭىز كۆزنەككە قوشۇلدى، ئۆتكۈر ئەپەندىم، دوستانە ئۇلىنىشلار ئورنىغا كۆزنەكنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    2008-09-21 21:59:40
  • چ چ 294746702
    dunyakara回复نازىم说:
    QQ:472555008بۇ مېنڭ نومۇرۇم قېرىندىشىم.
    2008-09-14 13:12:27
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم . مەن بىلوگ ساھاسىگە يىڭى ئۇگەنگۇچى ، شۇنداق بولۇشۇمغا قارىماي بىر تەرەپتىن سىناق قىلىپ بىر تەرەپتىن ئۇگىنىۋاتىمەن . شۇڭغىمۇ بەزى نەرسىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربىتىم يەتمەيۋاتىدۇ .
    گەپكە كەلسەم بىلوگۇمغا قىستۇرغان سۇرەت يەنى بەت ئۇستىدىكى بىلوگ نام سۇرئىتى چىقمىدى . ئوڭلاپ بىرەرسىزمۇ ؟! نازىم بىلوگنىڭ
    پارۇل :ئەكبەر7979
    dunyakara回复نازىم说:
    مەخپى شىفىر بولغان بىلەن ئابونت نامىنى قالدۇرماپسىزدە ،ئارقا سەھنىگە ئۆتكىلى بولمىدى،ئەڭ ياخشىسى مەخپى شىفىرنى ئۆزگەرتىۋېتىڭ،بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارە يوللاپ يۈرمەڭ. چچ ئارقىلىق ئالاقىلىشايلى، ياكى بولمىسا مېنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويۇڭ.
    ئۇچۇر يوللىسام ،يوق ئوخشايسىز، ئەڭ ياخشىسى مېنى قوشۇۋېلىڭ.QQ:472555008
    2008-09-14 13:40:51