-
2008-04-28
بلوگبۇستىمۇ ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ تېما يوللىسىڭىز بولىدىكەن - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
مەن پەقەت سىناپ بېقىش ئويى بىلەن 26-چېسلا بىر تېمىنى يېزىپ 28-چېسلاغا توغىرلاپ يوللاپ قويغان ئىدىم.مانا بۈگۈن ئۇ تېمام يوللىنىپتۇ(بلوگىمغا چىقىپتۇ).بۇ بەكمۇ خوشاللىنارلىق ئىش بولدى، بولۇپمۇ مېنىڭدەك دائىم دالىدا خىزمەت قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ ياخشى ئىش. چۈنكى سىز ئالدىڭىزدىكى بىرنەچچە كۈندە كوماندىروپكىغا چىقماقچى بولۇپ قالسىڭىز ياكى باشقا سەۋەپلىك تورغا ۋاقتىنچە چىقمايدىغان بولۇپ قالسىڭىز ياخشى تېمىلىرىڭىزدىن بىر نەچچىنى شۇ كۈنلەرگە توغىرلاپ ئالدىنئالا يوللاپ قويۇپ خاتىرجەم ئىشىڭىزنى قىلىڭ.بلوگبۇس سىز توغىرلاپ قويغان چېسلا ھەتتا سائەت مىنۇت بويىچە تېمىڭىزنى بلوگىڭىزغا يوللاپ بلوگىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرىدىكەن ،بۇنىڭلىق بىلەن بلوگىڭىزمۇ "غېرىپسىنىپ" قالمايدۇ، ھەم زىيارەتچىلىرىڭىزمۇ "قۇرۇق" چىقىپ كەتمەيدۇ.
logs/19950225.html
كونكىرت ئۇسۇلى مۇنداق: سىز يېڭى يازمىنى يېزىپ تېمىسىنى تېما نامى دىگەن كۆزنەككە تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ كوزنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىلا ۋاقىت كۆزنىكى بار سىز دەل مۇشۇ كۆزنەككە ئۆزىڭىز توغىرلىماقچى بولغان يىل،ئاي،كۈن،سائەت ،مىنۇت ھەتتا سىكونتنى تولدىرىسىز (ئادەتتە مۇھىم بولمىسا چېسلانى توغىرلاپ قويسىڭىزلا كۇپايە)ئاندىن تېمىڭىزنى يوللىۋېتىسىز. تېما يوللىنىدۇ بىراق ۋاقتىنچە بلوگىڭىز يۈزىدە كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت يازما باشقۇرۇش بەت يۈزىگە قارىسىڭىز شۇ تېمىڭىز پۈتۈن يازمىلارنىڭ ئەڭ ئۈستىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مۇشۇنچىلىك ئاددى.
历史上的今天:
ئىنتېرنېت ناملىرى تىزىملىكى 2008-04-28ۋىروس مۇشۇنداق تۈزىلىدىكەن 2008-04-28قىزىقارلىقgoogle رەسىملىرى 8 2008-04-28بىكارلىق گېزىت-ژورنال كۆرۈش 2008-04-28
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
ئىنكاسقا جاۋاپ بېرىش –ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر
Blog:Dunyakara2008-09-11 12:51:18
引用
下面Blog引用了该文:
评论
مۇمكىن بولسا بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىپ قويالامسىز؟